كىم دەيدۇ ماركىنىڭ 40- تۈرى مۇھىم ئەمەس دەپ!؟

كۆپىنچە ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان ۋە كۆپ تىزىملاتمايدىغان بىر مۇھىم ماركا تۈرى بار، ئۇ دەل  40- تۈر خام ماتىرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش مۇلازىمىتى تۈرى.
 40- تۈردە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، دورا- ماتىرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۇن-ماي، يەم - خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش، تۆمۈرچىلىك، قەغەز ياساش، كېيىم تىكىش، ياغاچچىلىق، ئەينەك ياساش، زەرگەرچىلىك، قاسساپلىق، ئويمىچىلىق قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان  مۇھىم مۇلازىمەت تۈرلىرى بار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى، ئۇن زاۋۇتى ، يېمەكلىك ماي زاۋۇتى، يەم-خەشەك زاۋۇتى، قەغەز زاۋۇتى، ئەينەك زاۋۇتى، كىيىم تىكىش كارخانىسى، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك كارخانا-زاۋۇتلىرى، قۇشخانا، زەرگەرخانا، تورتخانا، ناۋايخانا قاتارلىق ھەرخىل خام ماتىرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زاۋۇت-كارخانا ياكى دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا ئىشلىتىدىغان تاۋار ماركىسىنى دەل 40- تۈرگە ئىلتىماس قىلىپ قوغداشنى تەۋسىيە قىلىمىز. لېكىن بۇ تۈرگە كۆپىنچە ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ ياكى ئارتۇق پۇل خەجلىمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئورۇنلارغا نىسبەتەن 35- تۈرگە قارىغاندا 40- تۈردە ماركىنى ئىلتىماس قىلىپ قوغداش ئەڭ توغرا تاللاش بولۇپ، ئىلتىماس قىلغىلى بولسىلا قوغداپ ئىلتىماس قىلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دەيدىغان گەپ بار، بىز كەسىپچانلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن سىزگە راست گەپ قىلىپ توغرا مەسلىھەت بەرسەك بىزگە ئىشەنمەي، ئاخىرىدا ساختىپەزلەرگە ئالدىنىپ زىيان تارتىپ قالماڭ.
 
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى:
www.marka.cn
 
ھەمبەھىرلەش