كۆپچىلىككە ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش كەسپىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي

بۇ فىلىمدە مەن كۆپچىلىككە ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش كەسپىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي:
دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 49-ماددىسىدا بۇ توغرىلىق مۇنداق بەلگىلىمە بار:
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى شۇ تاۋار ماركىسى تەستىقلاپ ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلانغان ياكى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىگەن بولسا، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
 بۇ قانۇن ماددىسىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ، ماركا رەسمىي تەستىقلىنىپ ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ماركا ئىدارىسى بۇنداق ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلمايدۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغىلى 3 يىلدىن ئاشقان ماركىسىنى ئۈچ يىل جەريانىدا سەۋەبسىز ئىشلەتمىدى دەپ ئەرز قىلىشتا يىتەرلىك تەكشۈرۈش ئىسپات – ماتىرىياللىرىنى تەمىنلىشى ۋە تىگىشلىك ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر يامان نىيەتتە باشقىلار  نۇرمال ئىشلىتىۋاتقان ماركىنى ئۈچ يىىلغىىچە ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسڭىز دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئىلتىماسىڭىزنى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىر ماركىنى باشقىلار ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلسىلا ماركا ئىدارىسى ئۇ ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىدىغان ئىىش يوق.
كىيىنكى قەدەمدە ، ماركا ئىدارىسى ئاشۇ ماركا ئىگىسىگە پوچتىدىن خەت ئەۋەتىپ، ماركىنى باشقىلار سەۋەبسىز ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلغانلىقنى ئۇقتۇرۇپ ، 2 ئاي ۋاقىت ئىچىدە يېتەرلىك ماتىرىيال تەمىنلەپ، شۇ ماركىنى بەلگىلەنگەن 3 يىل ۋاقىت ئىچىدە نۇرمال ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يىتەرلىك ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى تەمىنلىمىسە ياكى ئىسپاتى يېتەرلىك بولمىىسا بۇ ماركا بىكار قىلىنىدۇ، كىم ئىلتىماس قىلسا بولىۋىرىدۇ.   
رويخەتكە ئېلىنغان ۋاقتى 3 يىلغا توشمىغان ماركىلار بۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچرىمايدۇ، لېكن 3 يىلدىن ئاشقاندىن كىينلا ھەرقانداق كىشى 3 يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ شۇ ماركىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
 شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركىنى ئىلتىماس قىلغانكەنسىز ئىشلىتىڭ، ئىشلەتكەندىمۇ قانداق ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز شۇنداق توغرا ئىشلىتىڭ،رويخەتتىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىدىنمۇ چەتنەپ كەتمەڭ. ئەگەر ماركا كىنىشكىسىدىكى ئادرېسىڭىزدا ئۆزگىرىىش بولغان بولسا دەل ۋاقتىدا ئەڭ يېڭى ئادرېسقا ئۆزگەرتىڭ، ئۇنداق بولمىغاندا ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز، ئەكسىچە، بۇ ماركىنى ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.
ئەگەر سىز يوقارقىدەك كەسىپلەرنى بىجىرىشكە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ياكى باشقىلار ماركىڭىزنى ئۈچ يىلغچە ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بلمسىڭىز مەن بلەن ئالاقىلىىشىڭ. مەن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىشىڭىزغا ياردەم قىلىمەن.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى:www.marka.cn

 

ھەمبەھىرلەش