ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا سەمىمىي ئەسكەرتىش

تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر خېرىدارىمىزغا ماركا كىنىشكىسنى ئەۋەتىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەنتىم، ئۇ خېرىدارىم جىددىيلىشىپ ماڭا مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن خوتەندىن بىر قىز تېلېفون قىپتۇ، سىز پالانى دىگەن ماركىنى ئىلتىماس قىپتىكەنسىز، ئۇ ماركىنى بىز 45 تۈرنىڭ ھەممىسىگە ئىلتىماس قىپ بولدۇق، ئەمدى سىز ئىشلەتسىڭىز ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمىز.. دەيدۇ، قارىسام بۈگۈن بۇ كىنىشكىنى ئەۋەتىپسىز، بۇ ماركىنى زادى ئىىشلەتسەم بولامدۇ ياقمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ راسلا ئاچچىقىم كەلدى. ئۇ خېرىدارغا چۈشۈندۈرۈپ: بۇ ماركىنى سىز ھەق تاپشۇرۇپ قانۇنلۇق ئىلتىماس قىلدىڭىز، دۆلەت ماركا ئىدارىسىمۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ كىنىشكا تارقاتتى، بۇنى يا ياسىۋالغان ساختا كىنىشكە ئەمەس، قانۇنلۇق ھوقۇقى سىزدە، خاتىرجەم ئىشلىتىۋىرىڭ، ئۇلار پەقەت سىزنى مۇشۇنداق دەپ قورقۇتۇپ يەنە چىقىم قىلدۇرۇپ پايدا ئېلىشنى كۆزلەۋېتىپتۇ، ئەمدى يەنە شۇنداق دەپ تەھدىت سالسا سەن زادى قايسى ئورۇننىڭ ئادىمى، ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن دەڭ دېدىم.
يوقارقىدەك ئەھۋاللار ھازىر سەل كۆپىيىپ قاپتۇ. بۇ توغرىلىق مەن بۇرۇنمۇ بىرنەچچە قېتىم فىلىم ئىشلەپ كۆپچىلىكنى ئەسكەرتكەنتىم. يەنە داۋاملىق ئەسكەرتمەكچىمەن. ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئۆزلىرىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ خادىمى دەپ ياكى باشقا سالاھىيەت بىلەن تېلېفون قىلىپ، ماركىڭىزنى بىرسى ئالماقچىتى، سىز ئېلىۋاپسىز،يەنە 3500 يۈەن تاپشۇرۇپ بۇ ماركىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى ئالمىسىڭىز باشقىلارغا ئېلىپ بېرىمىز، ماركىنى ئىشلىتەلمەيسىز دېسە، پالانى ماركىنىڭ 30-تۈرىنى ئىلتىىماس قىپتىكەنسىز، 35- تۈرىنى ئالمىسىڭىز بىزنىڭ خېرىدارغا ئېپ بەرسەك بۇندىن كىيىن شۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ماركىنى ئىشلىتەلمەيسىز... دىگەندەك كۈپكۈندۈزدە قاقتى - سوقتى قىلسا ھەرگىز ئىشەنمەڭ ھەم ئەنسىرەپ كەتمەڭ.
بۇنداق تەھدىت سېلىۋاتقانلار بەلكىم شۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىگە يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ياكى پىراكتىكا قىلىۋاتقانلار بولۇشى، شۇلارنىڭ باشلىقلىرى خېرىدارلارغا تېلېفون قىلىپ يوقارقى گەپلەرنى دىگۈزگەن بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى بۇ خىزمەتچىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمەيدۇ،ئۆزىنىڭ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەمدىكىن دەيمەن. ئۇلار   پەقەت باشلىقىنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە 1000 كويلارغا پۈتىدىغان ئەسەر ھوقۇقى كىنىشكىسىنى 3500 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يوقۇرى دەپ پۇل ئۈندۈرۈپ ياكى بىرنەچچە ماركىنى ئارتۇق ئىلتىماس قىلدۇرۇپ  ئۇنىڭدىن ئالىدىغان يوقۇرى سوممۇلۇق مۇكاپاتىغا بەكرەك كۆڭۈل بۈلۈشى مۈمكىن.
بەزى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇلارغا ئالدىراپ ئىشىنىپ پۇل تاپشۇرماڭلا دەپ ئەسكەرتىپ تۇرساق بىزگە ئىشەنمەي، ئاشۇلارنىڭ تەھدىتلىرىدىن ئەنسىرەپ، ساختا گەپلىرىگە ئىشىنىپ كىتىدىكەن. يەنە تېخى ئۇلارغا كەسىپ بىجىرگۈزۈپ 5-10 مىڭ كوي زىيان چىقسا بوپتۇلا دەيدۇ،  بىز ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغان بىرەر ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنسا پۇلۇمنى قايتۇرۇڭلا، زىيان سېلىۋەتتىڭلا دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىدىغانلارمۇ  ئۇچراپ قالىدۇ.
   دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىمۇ سىزگە ماركا ئىشلىرى توغرىلىق ھەرگىز تېلېفون قىلمايدۇ. يوقارقى ئالدامچىلار سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىزنى توردىن ئىزدەپ تاپالايدۇ، تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرگەنلا ئادەمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئاساسەن توردىن تېپىشقا بولىدۇ.
ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم، ماركا ۋاكالەتچىڭىزدىن باشقا ماركا ۋاكالەتچىلىرى تېلېفون قىلىپ، ماركىنىڭ باشقا تۈرلىرىنى ئېلىڭ، ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىڭ.. دەپ قايمۇقتۇرسا ھەرگىز ئالدىراپ ئىشەنمەڭ، داۋاملىق تەھدىت سالسا سەن زادى كىم، نەدە ئىشلەيسەن ، ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن دەۋىرىڭ.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn
 
 
ھەمبەھىرلەش