ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش كەسپىگە دائىر سوئال-جاۋابلار
سوئال: ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش كەسپىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز:
جاۋاب: ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش بولسا تەستىقلىنىپ 3 يىلغا توشقان ماركىنى سەۋەبسىز ئۇدا 3 يىل ئىشلەتمىگەن بولسا ھەرقانداق شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا بىكا رقىلىشقا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار. لېكىن بۇنداق ئىلتىماسنىڭ ھەممىسى تەستىقلىنىشى ناتايىن.
سوئال: مېنىڭ ماركامنى باشقىلار ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىپتۇ، قانداق قىلسام بولار؟
جاۋاب: ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ ماركىنى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىشقا ئۇچراش بىرقەەدەر ئاۋارىچىلىق ھەم ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش. بۇ ۋاقىتتا سىز چوقۇم دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئەۋەتكەن ئۈچ يىلغىىچە ئىشلىتىلمىدى دەپ ئەرز قىلىنغان ماركىنىڭ ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى تەمىنلەش ماتېرىيالىنى قولىڭىزغا ئېلىشىڭىز ۋە دەل ۋاقتىدا تىگىشلىك ماركا ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ماركىنى قوغدىشىڭىز كېرەك. بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر.
سوئال:نۇرمال ئىشلىتىۋاتقان ماركامنى نىمىشقا باشقىلار ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى، ئۆزىنىڭ ماركا ئىلتىماسىغا پۇتلاشقان ماركىنى بىكار قىلىپ ئۆزىگە يول ئېچىش ئۈچۈن.
ئىككىنچى، سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن.
ئۈچىنچى، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى تۇنۇشلىرىڭىز ياكى رىقابەتچىڭىز قەستەن ماركىڭىزنى بىكار قىلدۇرۇپ سودا يولىڭڭىزنى توسىماقچى بولغان.
سوئال: ئەگەر ماركا تەستىقلانغاندىن كىيىن ماركىنى ئەمەلىي ئىشلەتمىگەن بولساق، باشقىلار شۇ ماركىنى ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىغاندا ئاندىن رەسمىي ئىشلەتسەك ، بۇ ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتى بولالامدۇ؟
جاۋاب: ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش ئەھۋالىغا يولۇققاندا تەمىنلەيدىغان ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن بۇرۇنقى 3 يىل مەزگىل بولۇپ، بۇ ئۈچ يىلدىن بۇرۇن ياكى كىيىنكى ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى ساختا ئويدۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ.
سوئال: ماركىمىزنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىدى دەپ بىكار قىلىنىش خەۋپىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟
جاۋاب: تەستىقلانغىنىغا 3 يىلدىن ئاشقان ھەرقانداق ماركىنىڭ بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىنىش ئىھتىماللىقى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا تەستىقلانغاندىن كىيىن چوقۇم ماركىنى ئەمەلىي ئىشلىتىشىمىز، ۋە ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتلىرىنى ساقلاپ قويۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، مەھسۇلات ئورالما قاپ، ۋىۋىسكا، چەمبىرەك ئېلان تەشۋىقاتى، سېتىش ، ئىشلەپچىقىرىش توختىمى قاتارلىق ئۈن-سىن، رەسىم ۋە ماتىرىياللار. ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىم دەپ قارىغان ماركىلارنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تەكرار ئىلتىماس قىلىشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كېرەك.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn جاۋاب: ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش بولسا تەستىقلىنىپ 3 يىلغا توشقان ماركىنى سەۋەبسىز ئۇدا 3 يىل ئىشلەتمىگەن بولسا ھەرقانداق شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا بىكا رقىلىشقا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار. لېكىن بۇنداق ئىلتىماسنىڭ ھەممىسى تەستىقلىنىشى ناتايىن.

ھەمبەھىرلەش