ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتىنى 2-3يىل بۇرۇن ئۇزارتىشقا بولامدۇ؟
تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولۇپ، تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ. 10- يىلىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ بىريىل ئىچىدە ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىمىز، ئۇنىڭدىن بىركۈن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ، يەنى سېستىما قۇبۇل قىلمايدۇ، بۇنى دۆلەت ماركا ئىدارىسى بەلگىلىگەن، ھەرقانداق ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ بۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىش ئالاھىدە ھوقۇقى يوق. سىزگە تېلېفون قىلىپ ۋاقتى توشۇشقا يەنە 2-3 يىل بار ماركىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېلىڭ دەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى سىزدىن ئالدىن پۇل ئېلىپ ئۆزىنىڭ شىركەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ مۇكاپاتىنى ئېلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كىتەمدۇ، ماركىڭىز بىكار بولامدۇ چاتىقى يوق. ھەم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىشىڭىز دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش، زىيان ئالدىدا بوپتىلا دىيىشتىن باشقا ئامالىڭىز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق تېلېفونلارغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ.
ماركىڭىزنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ماركا كىنىشكىسىنىڭ ئاستى تەرىپىدە يىل، ئاي ، كۈنگىچە ئېنىق ئەسكەرتىلگەن، شۇ ۋاقىتنى ئىسىڭىزدە تۇتۇپ ئاخىرقى 10-يىلىغا كىرگەندە ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەتراپىڭىزدىكى ئىشەنچلىك، كىيىن ئىزدەپ تاپالايمەن دەپ قارىغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىڭ، ئەرزان باھانى قوغلىشىپ پۇلدىن ۋە ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماڭ.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.

ھەمبەھىرلەش