国语网站链接

كۆپچىلىككە دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئەۋەتىش ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى دەپ بېرەي

ئەگەر سىز ماركا ئىلتىماس قىلغان ياكى ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، بۇ فىلىمنى چوقۇم تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ. چۈنكى بۇ مەزمۇن سىزنىڭ ماركىڭىزنى نۇرمال قوغداش ياكى قوغدىيالماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كۆپچىلىككە دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئەۋەتىش ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى دەپ بېرەي.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ماركىغا قارشى پىكىر بېرىش، ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش، ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش قاتارلىق بارلىق كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش ماتېرىياللىرى بۇرۇنقىدەك ماركا ۋاكالەتچىلىرىگە قوشۇمچە يوللانماستىن، پەقەت ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادرېسىغا پوچتىدىن زاكاس خەت شەكلىدە ئەۋەتىلىدىغان بولدى. بۇ ئۆزگىرىش بەلكىم ماركا ئىگىلىرى ئۈچۈن شۇم خەۋەر دىسەكمۇ بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ماركا ئىدارىسىنىڭ ئورگان تەرەپ ئۇقتۇرۇش ھۆججەتلىرى پوچتىدىن زاكاس خەت شەكلىدە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۈستىدە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى يوق، ئەسلىدىكى ئادرېسقا بىۋاستە يوللىنىدۇ، ئادەتتىكى باشقا تېز يەتكۈزۈش يوللانمىلىرىغا ئوخشاش سىزگە تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇردا ئۇقتۇرۇش قىلمايدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ماركا كىنىشكىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى ئادرېس ئۆزگەرگەن ياكى ئادەم يوق بولۇپ، خەت تاپشۇرۇپ ئېلىشقا مۈمكىن بولمىسا ياكى تەۋەلىكتىكى پوچتا تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى سىز بىلەن ئالاقىلاشمىسا بۇ زاكاس خەت دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا  قايتىپ كىتىدۇ. بۇ خەت قايتىپ كەتسە ، سىز ماركىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالالمايسىز، شۇنىڭ بىلەن ماركىنى  قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئالتۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويىسىز. ماركىڭىزمۇ ئىناۋەتسىز قىلىنىپ باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋېلىشى مۈمكىن. بۇنىڭ زىيىنى بەلكىم خېلى زور بولۇشى مۈمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىگىلىرىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇمىز بىلەن، مەن سىلەرگە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن بىرنى دەپ بەرمەكچى.
مەيلى سىز شىركەت-كوللىكتىپ نامىدا ياكى شەخس نامىدا ماركا ئىلتىماس قىلغان بولۇڭ، ماركا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىلاشقۇچى ئادرېسىغا بىز ئۆزىمىزنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئادرېسىنى يازىمىز، شىركىتىمىزدە ھەرۋاقىت خەت تاپشۇرىۋالىدىغان مۇقىم ئادەم بار. تەۋەلىكتىكى پوچتا تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى خادىم بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. دېمەك، دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇش ماتېرىياللىرىنى دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالايمىز ۋە ماركا ئىگىلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ماركىغا مۇناسىۋەتلىك كىيىنكى ئەھۋاللاردىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ، تىگىشلىك تەدبىر قوللىنىشىڭىزغا ياردەم قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا ئۇقتۇرۇش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئالالماي  ماركىنى قوغداش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشتەك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشقا بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى توغرا تولدۇرساقلا سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان بولىمىز.
پەقەت سىزنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىڭىز ئۆزگەرمىسە، ئۈندىداردىن مېنى يۇيىۋەتمىسىڭىز، بىز سىز بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ تۇرىمىز، ئۈندىداردىنمۇ يۇيىۋەتمەيمىز.
مەن ماركا ئەپەندى، كەسپىي ئىشلارنى كەسپى كىشىلەرگە تاپشۇرۇڭ. مەن يىپەك يولى ماركا تورىدا سىزنى ساقلايمەن. 
ھەمبەھىرلەش