国语网站链接

ماركا ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىكتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى

ماركا ۋاكالەتچىسىنى توغرا تاللىسىڭىز ۋاقىت ۋە پۇلدىن زىيان تارتمايسىز.
ماركا ئىلتىماس قىلىشنىڭ  قەرەلى قىسقا ئەمەس، ئوڭۇشلۇق بولغاندا ئىلتىماس تاپشۇرۇشتىن ماركا كىنىشكىسىنى قولىڭىزغا ئالغىچە تەخمىنەن 8 ئاي ۋاقىت كىتىدۇ. ئەگەر ماركا ئۈستىدە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بار بولسا تەرجىمە قىلىپ مەنىسىنى چۈشىنىش باسقۇچىدىن ئۈتىدىغان بولغاچقا قەرەلى سەل ئۇزۇن بولۇپ، نۆۋەتتە بىرەر يىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇرەككەپ ئەھۋاللاردا ۋاقىت تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشى مۈمكىن.
قەرەلى ئۇزۇن، قەدەم باسقۇچلىرى كۆپرەك بولغاچقا ئىشەنچلىك، سەمىمىي ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنى تېپىش بەكلا مۇھىم. ئەگەر ماركا ۋاكالەتچىسىنى خاتا تاللاپ قويسىڭىز، ئارىلىقتا يوقاپ كەتسە بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. ماركا كىنىشكىسىنى ئالالمايلا قالماستىن، خەجلىگەن پۇلىڭىز زىيان بولۇش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى  كۆڭۈلدىكىدەك ماركىنى ئىلتىماس قىلىشىڭزى كېچىكىشى ياكى ئىلتىماس قىلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىشىڭىز مۈمكىن. سەككىز ئايدىن بىر يىلغىقچە ۋاقتىڭىزمۇ ئىسراپ بولىدۇ، ماركا ئوبرازى تىكلىشىڭىزگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئازغىنە پۇلنى تىجەيمەن دەپ توردىكى ئۇدۇل كەلگەن ئەرزان باھالىق ماركا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلماڭ.
ماركا ۋاكالەتچىسىنى تاللىغاندا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىڭ:
1- ئەل ئىچىدىكى ئىناۋىتىگە قاراڭ. ئەتراپىڭىزدىكى بۇرۇن ماركا ئىلتىماس قىلدۇرۇپ باققانلارنىڭ باھاسىغا دىققەت قىلىپ، ناچار پىكىر، ئەرز - شىكايەت كۆپلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ.
2- سالاھىيىتىگە قاراڭ. دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئىلىنغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئەڭ ئىشەنچلىك بولۇپ، كەسپچانلىقى ۋە ئىش ئۈنۈمى يوقۇرى بولىدۇ.
3- مۇلازىمەت سۈپىتىگە قاراڭ. پۈتۈن كەسىپ بىجىرىش جەريانىدا باشتىن ئاخىر مەسئۇل بولامدۇ، قەدەم باسقۇچلاردىكى ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ خەۋەر قىلامدۇ؟ دىگەنلەرگە دىققەت قىلىڭ. پۇلنى ئېلىپلا يوقاپ كېتىدىغانلارنى رەت قىلىڭ.
ئىسىڭىزدە بولسۇن، باھا بىلەن سۈپەت مەڭگۈ ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تۆۋەن باھا بىلەن كەسپىي ۋە ئىشەنچلىك مۇلازىمەت سېتىۋالالمايسىز.
مەن ماركا ئەپەندى. ماركا ۋاكالەتچىلىك ساھەسىدە 10 يىلدىن ئارتۇق تەجرىبەم بار. ھەرقانداق ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرىشكە ئىھتىياجىڭىز بولسا قانۇن رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇكەممەل بىجىرىپ بېرەلەيمەن. كۆپچىلىكنىڭ ھەرۋاقىت ئالاقىشىپ مەسلىھەت سورىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. 
ھەمبەھىرلەش