ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا نەچە پۇلغا يارايدۇ؟ شېنجېندىكى بىر شىركەت 380 مىلىيۇن يۈەن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

2010-يىلى ئالما شىركىتى تاختا كومپىيۇتېرنى بازارغا سېلىپلا زور ئالقىشقا ئېرىشتى. ئەمدىلا جۇڭگو بازىرىغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا جۇڭگو بازىرىدا ھوقۇق چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىدى، چۈنكى ئايپەد دېگەن ماركا بۇرۇنلا ۋېيگۈەن ناملىق بىر شىركەت تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان. تېخىمۇ كۈلكىلىك ئىش شۇكى، ئالما شىركىتى ئىشنى ئاسان ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەنگىلىيەدىكى بىر قۇرۇق ۋاستىچى شىركەتكە ھاۋالە قىلىپ، تەيۋەن ۋېيگۈەن شىركىتىدىن 35 مىڭ فوندستىرلىڭغا ئاسىيادىكى 31 دۆلەت ۋە رايۇندىكى ئاي پەد ماركىسىنىڭ ھوقۇقىنى سېتىۋالغان. ئەسلىدە ئۇلار زور پايدا ئالدۇق دەپ ئويلىغان ئىدى، نەتىجىدە، توختامغا ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ مۇھىم بولغان جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى تەۋەلىكىدىكى ماركىنىڭ بۇ توختامدا يوق ئىكەنكلىكىنى، بەلكى شېنجېندىكى ۋېيگۈەن شىركىتى نامىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. كىيىن ئالما شىركىتى شېنجېندىكى ۋېيگۈەن شىركىتى بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلەشكەن، نەتىجىدە شېنجېن ۋېيگۈەن شىركىتى دەسلىۋىدىلا 2.5 مىلياد يۈەن باھا قويغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سېتىشتا چەكلىمىگە ئۇچراش خەۋىپىنى نەزەردە تۇتۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئالما شىركىتى شېنجېن ۋېيگۈەن شىركىتى بىلەن 380 مىلىيۇن يۈەنگە ئايپەد تىن ئىبارەت 4 ھەرپتىن تۈزۈلگەن ماركىنى سېتىۋېلىشقا كىلىشكەن ۋە جۇڭگو تاۋار ماركىسى تارىخىدىكى سېتىۋېلىش باھاسى ئەڭ قىممەت ماركا بولۇپ قالغان.

ھەمبەھىرلەش