国语网站链接

كۆپچىلىككە ماركا ئىلتىماس قىلىشنىڭ باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي

كۆپچىلىككە ماركا ئىلتىماس قىلىشنىڭ باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي. تەپسىلى ئاڭلىسىڭىز دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.
ماركا ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن بىر ئاي ئەتراپىدىكى شەكلەن تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ. پەقەت ئىلتىماس ماتېرىياللىرىدا مەسىلە بولمىسا، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىلا تەخمىنەن بىر ئاي ئەتراپىدا ماركا ئىدارىسى ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ماركا ئىلتىماسى ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ. دۆلەت يېزىقى، لاتىن ھەرىپى ۋە بەلگە- شەكىل قاتارلىق ئامىللار بولغان ماركىلارنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچى 3- 4 ئاي ئەتراپىدا تاماملىنىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە، قازاقچە قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت يېزىقلىرى  بار بولسا ، بۇنداق ماركىلارنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ،  تەخمىنەن 7-8 ئايدا تاماملىنىدۇ. ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، رەت قىلىنىش ئەھۋاللىرى بولمىسا ماركا ئىدارىسى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىدۇ. ئۇقتۇرۇش ۋاقتى 3 ئاي بولىدۇ. بۇ 3 ئاي جەريانىدا باشقىلار بۇ ماركا ئىلتىماسىغا نىسبەتەن قارشى پىكىر بەرمىسە ، ئۇقتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ماركا ئىلتىماسىنى رەسمىي تەستىقلايدۇ. رەسمىي تەستىقلانغاندىن كېيىن تەخمىنەن 1 ئايدا ماركا كىنىشكىسىنى ئالالايمىز. شۇنىڭ بىلەن ماركا ئىلتىماس قىلىشنىڭ بارلىق باسقۇچلىرى ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن ماركا كىنىسكىسى چىقسىلا ھەممە ئىش مۇكەممەل بولۇپ كەتمەيدۇ، كىيىنكى ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا ماركىنى چوقۇم ئۆلچەملىك ئىشلىتىش، ھەرۋاقىت باشقىلارنىڭ ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش، ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئەرىز- ئىلتىماسلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ ۋاقتىدا تىگىشلىك تەدبىر قوللىنىش كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىمىز، ئۇنداق بولمىغاندا ماركا ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
مەن ماركا ئەپەندى، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ماركا كەسىپلىرىدىن مەسلىھەت سورىشىنى ۋە كەسىپ بىجىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
كېلەركى ساندا كۆرىشەيلى. خەير خوش!
ھەمبەھىرلەش