ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت قائىدىسى
1. دائىرە
بۇ ھۆججەتتە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئاتالغۇ ۋە ئېنىقلىما، مۇلازىمەت پىرىنسىپى، مۇلازىمەت شەرتى، مۇلازىمەت دائىرىسى، مۇلازىمەت تەرتىپى، مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە سۈپىتى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، باھالاش ۋە ياخشىلاش تەلىپى بەلگىلەنگەن.
بۇ ھۆججەت تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.
2.قېلىپلاشقان نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھۆججەتلەر
بۇ ھۆججەتتە قېلىپلاشقان نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھۆججەت يوق.
3 ئاتالغۇ ۋە ئېنىقلىما
تۆۋەندىكى ئاتالغۇ ۋە ئېنىقلىما بۇ ھۆججەتكە ماس كېلىدۇ.
3.1
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى trademark agency service
ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسىغا دائىر ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىش پائالىيىتى.
3.2
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى trademark agency
بازار سۇبيېكتىنى تىزىملىغۇچى ئورگان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قانۇن بويىچە تىزىملىشى كېرەك.
3.3
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى trademark agency practitioner
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىدا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار.
3.4
ھاۋالە قىلغۇچى client
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشنى ھاۋالە قىلغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان كىشىلەر تەشكىلاتى.
4.مۇلازىمەت قىلىش پىرىنسىپى
4.1 سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى
قانۇن ـ نىزام ۋە كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچى ھوقۇق بەرگەن دائىرىدە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىپ، توختامدىكى ۋەدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئۆزى بىلىشكە تېگىشلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنى يوشۇرماسلىقى، ناتوغرا سەۋەبلەر بىلەن كەسىپنى باشقا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىغا يۆتكەپ بەرمەسلىكى كېرەك.
4.2 ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپى
كەسىپداشلارنى ھۆرمەتلەش، ئادىل رىقابەتلىشىش، مەدەنىي تىجارەت قىلىش، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئاڭلىق ئاشكارىلاش، يامان غەرەزدە رىقابەتلىشىش ئۇسۇلى بىلەن تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىق، ئوخشاش بىر ئىش ياكى دېلو ئۈستىدە مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغان ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىسىنى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىك كېرەك.
4.3 ۋاقتىدا ئادا قىلىش پىرىنسىپى
دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تاۋار ماركىسى كەسپىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ھاۋالە قىلىنغان كەسىپنىڭ مۇلازىمەت تەرتىپىنى سۈرۈك ئىچىدە ۋاقتىدا، توغرا ئادا قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىغا پائال مەسئۇل بولۇپ، سۆرەلمىلىك قىلماي، بىر - بىرىگە ئىتتىرمەي، ئورۇنسىز زىيان كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4.4 ئارخىپ تۇرغۇزۇش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش پرىنسىپى
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى مەزگىلىدىكى مۇئامىلە ھۆججەتلىرى ۋە ئالاقىدار ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتىگە چېتىلىدىغان ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاپ، ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش كېرەك.
5 مۇلازىمەت شەرتى
5.1 تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى
5.1.1 قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ياكى قۇرۇشنى تەستىقلىغان، تىجارەت كىنىشكىسى ياكى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى بولۇشى، تەستىقلانغان ئاپپاراتنىڭ تىجارەت دائىرىسى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى ياكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
5.1.2 دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە بولۇشى كېرەك.
5.1.3 كەم دېگەندە بىر نەپەر مەخسۇس تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى سەپلىنىشى كېرەك، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ( ئۈچ يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت تارىخى ياكى تاۋار ماركىسى ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك.
5.1.4 مۇقىم تىجارەت سورۇنى، زۆرۈر تىجارەت شارائىتى ۋە ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرىنى ھازىرلىشى ھەمدە تىجارەت كىنىشكىسى ياكى ئىجازەتنامىسى، مۇلازىمەت باھاسى، مۇلازىمەت تەرتىپى، ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتىنى ئەنگە ئېلىش ئەھۋالى ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك.
5.1.5 كەسىپ قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان تور سۇپىسى قۇرۇش.
ئەسكەرتىش:تور سۇپىسى كىچىك پروگرامما، كۆچمە قوللىنىشچان پروگرامما، تور بېكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
5.2 تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى
5.2.1 ياخشى ئىناۋەت ئەھۋالى بولۇشى، ناچار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش خاتىرىسى بولماسلىقى كېرەك.
5.2.2 دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى بولۇشى كېرەك.
5.2.3 تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپىي ئىقتىدارى ۋە كەسپىي بىلىمىنى ھازىرلىشى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار قانۇن ـ نىزام ۋە كەسىپ تەرتىپىنى پىششىق بىلىشى، ياخشى ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ ئەگەر ئاپپارات چەت ئەلگە چېتىشلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسە، مۇناسىپ چەت ئەل تىلى ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.
5.2.4 قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى، كەسىپ رىقابىتى كېلىشىمى ئىمزالاش ھەمدە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيىلەشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.
5.2.5 بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق ( ئىككىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىدا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.
6 مۇلازىمەت دائىرىسى
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
a ) تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش؛
b ) تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش ،داۋاملىق ئىشلىتىش ،ئۆتۈنۈپ بېرىش ،ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىش ،گۆرۈگە قويۇش ،رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش ;
c ) نىڭ تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا ئائىت باشقىچە پىكرى؛
d ) ۋاكالەتلىك تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ;
e ) تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن باھالاش ،تاۋار ماركىسى ماجىرالىرىنى كېلىشتۈرۈش ،مۇرەسسە قىلىش ;
f ) باشقا تاۋار ماركىسى ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش.
7 مۇلازىمەت تەرتىپى
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
مەسلىھەت سوراشنى قوبۇل قىلىش؛
ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك؛
ئارخىپ تۇرغۇزۇش؛
كەسىپنى بىر تەرەپ قىلىش؛
قەدەم-باسقۇچلارنى ئىز قوغلاپ ئىگىلەش؛
ئۇچۇر قايتۇرۇش؛
ئارخىپ ساقلاش.
( قائىدە خاراكتېرلىك قوشۇمچە A تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت تەرتىپى )

8.مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە سۈپىتى
8.1 كۈتۈۋېلىش-مەسلىھەت بېرىش
8.1.1 ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەسلىھەتىنى تەشەببۇسكارلىق، قىزغىنلىق، سەۋرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكىگە ئالاقىدار قانۇن ـ نىزام، كەسىپ تەرتىپى، كېتىدىغان ۋاقىت، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە قانۇن خەۋپ ـ خەتىرى قاتارلىقلارنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.
8.1.2 ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە مەزمۇنىغا ئاساسەن، سۈرۈشتۈرۈش، تەھلىل قىلىش ۋە خەۋپ - خەتەرنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي پىكىر بېرىپ، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش.
8.2 ھاۋالىلىك ۋاكالەتچىلىك
8.2.1 ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن يازما ھاۋالە توختامى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ھەق ئېلىش سوممىسى، پۇل تۆلەش ئۇسۇلى، توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
8.2.2 ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن سۇبيېكتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى، تاۋار ماركىسى نۇسخىسى، تاۋار/مۇلازىمەت تۈرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى سېلىشتۇرۇپ، ھەقىقىي، قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
8.3 ئارخىپ تۇرغۇزۇش
8.3.1 ھاۋالە قىلغۇچى ئۈچۈن مەخسۇس كەسپىي ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بىر تۇتاش نومۇر قويۇپ، تۈرگە ئايرىپ ساقلاش.
8.3.2 ئارخىپ مەزمۇنى ھاۋالە توختامى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تاۋار ماركىسى نۇسخىسى، سۈرۈشتۈرۈش دوكلاتى، خەۋپ ـ خەتەرنى باھالاش دوكلاتى، مۇئامىلە ھۆججىتى، ھەق تاپشۇرۇش دوكۇمېنتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
8.4 كەسىپنى بىر تەرەپ قىلىش
8.4.1 ھاۋالە ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئەندىزە، تەلەپ ۋە مۆھلەت بويىچە، ئالاقىدار ئىلتىماس ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا، توغرا تەييارلاش ۋە تاپشۇرۇش كېرەك.
8.4.2 كەسىپنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۆز ئالدىغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك.
8.5 ئىز قوغلاپ ئىلگىرىلەش
8.5.1 تاۋار ماركىسى كەسپىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قايتما ئىنكاس ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك.
8.5.2 ھالقىلىق نۇقتىلارغا ( مەسىلەن، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، تەكشۈرۈش پىكرى، رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى، رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار ) نۇقتىلىق دىققەت قىلىپ، چۈشۈرۈپ قويماسلىق، كېچىكتۈرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
8.6 ئۇچۇر قايتۇرۇش
8.6.1 ھۆكۈمەت ھۆججىتى ياكى بېجىرىش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە ھاۋالە قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش خاتىرىسىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
8.6.2 ھاۋالە قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان گۇمانلارغا ۋاقتىدا، توغرا، سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىش كېرەك.
8.7 ئارخىپ ساقلاش
8.7.1 كەسىپ بېجىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، بارلىق ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرۇپ، ياخشى ساقلاش، ساقلاش مۇددىتى 10 يىلدىن كەم بولماسلىق.
8.7.2 ئارخىپنى ئارىيەت ئېلىپ كۆرۈش، تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاپ، ماتېرىياللارنىڭ يوقىلىپ كېتىشى، بۇزۇلۇپ كېتىشى ياكى ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
9.مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش
9.1 ھۆججەت سۈپىتى
9.1.1 ۋاكالەتچىلىك ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ مەزمۇنى مۇكەممەل، تولدۇرۇلۇشى ئۆلچەملىك، خەتلىرى ئېنىق، ئىمزاسى تولۇق، دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
9.1.2 چىقىرىپ بەرگەن كەسپىي پىكىر، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش دوكلاتى قاتارلىقلار ئوبيېكتىپ، ئادىل، توغرا، ئاساسى تولۇق بولۇشى كېرەك.
9.2 جەريان سۈپىتى
9.2.1 ئىچكى سۈپەت كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
9.2.2 كەسىپ سۈپىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك.
9.3 خادىملارنىڭ ساپاسى
9.3.1 كەسىپكارلارنى قانۇن ـ نىزام، كەسپىي ماھارەت، كەسپىي ئەخلاق قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيىلەشكە قەرەللىك تەشكىللەپ، كەسپىي ساپاسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
9.3.2 كەسىپكارلارنى كەسىپ ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
10.ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش
10.1 تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، كەسىپ قوبۇل قىلىش، ئارخىپ باشقۇرۇش، سۈرئەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، ئۇچۇر قايتۇرۇش، ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
10.2 ئۇچۇر سىستېمىسى سانلىق مەلۇماتلارنى زاپاس ساقلاش، بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى، ھوقۇق دائىرىسىنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىشى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، مۇكەممەل، سۈرۈشتۈرۈشكە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
10.3 چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، تاۋار ماركىسىنى سۈرۈشتۈرۈش، خەۋپ ـ خەتەرنى باھالاش، كۆزىتىش ـ سىگنال بېرىش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
11 باھالاش ۋە ياخشىلاش
11.1 باھالاپ تۈرگە ئايرىش
باھالاش ئىچكى باھالاش ۋە تاشقى باھالاش دەپ ئايرىلىدۇ.
11.2 باھالاش تەلىپى
مۇلازىمەتنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى باھالاشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ھاۋالە قىلغۇچى، كەسىپكە مەسئۇل تارماق، كەسىپداشلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، مۇلازىمەتنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك.
11.3 باھالاش ئۇسۇلى
11.3.1 ئىچكى قىسىمدا باھالاش:ھەر ئايدا ئىچكى قىسىمدا سۈپەت تەكشۈرۈش، كەسپىي باھالاش، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆزئارا باھالاش قاتارلىقلار قانات يايدۇرۇلىدۇ.
11.3.2 سىرتقى باھالاش:ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش، ساھە جەمىيەتلىرى باھالاش، مەسۇل تارماقلار تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
11.4 باھالاش مەزمۇنى
باھالاش مەزمۇنى مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى، كەسپىي سەۋىيەسى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى، ھۆججەت سۈپىتى، ھەق ئېلىشنىڭ مۇۋاپىقلىقى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ.
11.5 ياخشىلاش تەدبىرى
11.5.1 باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرى تۈزۈپ، تۈزىتىش ۋاقىت چېكى ۋە مەسۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.
11.5.2 مۇلازىمەت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
2025-يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى قائىدىسى» ( ئۆلچەم نومۇرى:DB65/T4898-2024 ) گە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
信息来源:全国标准信息公共服务平台 (https://std.samr.gov.cn/)

ھەمبەھىرلەش