ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ئاپتونوم رايون «تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى قائىدىسى» نىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى
2025-يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى قائىدىسى» ( ئۆلچەم نومۇرى:DB65/T4898-2024 ) يەرلىك ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ يەرلىك ئۆلچەم بوشلۇقى تولدۇرۇلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنىڭ قېلىپلىشىش، ئۆلچەملىشىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈنۈملۈك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى 400 مىڭدىن ئاشقان، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ سانى 334 كە يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياج ئېشىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ساھە جەمئىيەتلىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆپ قېتىم دەلىللەش ئارقىلىق، «تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت ئۆلچىمى» نىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
«تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى قائىدىسى» دە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئاتالغۇلىرى ۋە ئېنىقلىمىسى، مۇلازىمەت پىرىنسىپى، مۇلازىمەت شەرتى، مۇلازىمەت دائىرىسى، مۇلازىمەت تەرتىپى، مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە سۈپىتى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، باھالاش ۋە ياخشىلاش تەلىپى بەلگىلەنگەن مەسلىھەت سوراشنى قوبۇل قىلىش، ۋاكالەتچىلىكنى ھاۋالە قىلىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش، كەسىپنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىز قوغلاپ ئىلگىرىلەش، ئۇچۇر قايتۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن جەرياننى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كەسىپ قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا، ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلغان مەزمۇنغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىپ ۋە خەۋپ - خەتەرنى باھالاپ، كەسىپ تەرتىپى، كېتىدىغان ۋاقىت، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە قانۇن خەۋپ - خەتىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىدۇ ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ. كەسىپنى بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچىدا، توختامغا ئىمزا قويۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى تاماملاپ، ۋاكالەتچىلىك كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئالاقە ھۆججەتلىرى ياكى ئۇچۇرلارنى ھاۋالە قىلغۇچىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش ياكى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپنى ئىز قوغلاش باسقۇچىدا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ھاۋالە توختامى، دەسلەپكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ماتېرىيالى، كەسپىي ماتېرىيال، مۇئامىلە ھۆججىتى قاتارلىق مۇلازىمەت جەريانىدا تاپشۇرۇۋالغان ياكى شەكىللەنگەن بارلىق ھۆججەت - ماتېرىياللارنى تىزىملاپ ئارخىپتا ساقلاش ھەمدە ۋاكالەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ ۋە ئارخىپتا ساقلاپ، ئۇچۇرنىڭ ۋاقىتچانلىقى، باغلىنىشچانلىقى ۋە مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆلچەمنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆلچەمنى ياخشى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى
自治区发布《商标代理服务规范》地方标准_区局信息_新疆维吾尔自治区市场监督管理局









مەنبەسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى
自治区发布《商标代理服务规范》地方标准_区局信息_新疆维吾尔自治区市场监督管理局









ھەمبەھىرلەش
