国语网站链接

جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى (2026يىلى-6-ئاينىڭ 26- كۈنى تۈزىتىپ ماقۇللانغان تولۇق نۇسقىسى)

جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى
(2026يىلى-6-ئاينىڭ 26- كۈنى  تۈزىتىپ ماقۇللانغان تولۇق نۇسقىسى)
( 1982-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان،1993-يىل 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-سانلىق يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن ) 2001-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24-سانلىق يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن. 2013-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 4-سانلىق يىغىنىنىڭ «< جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى > غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 3-قېتىم تۈزىتىلگەن. 2019ـ يىلى 4ـ ئاينىڭ 23ـ كۈنى 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10ـ يىغىنىنىڭ«< جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى > قاتارلىق سەككىز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى » غا ئاساسەن 4 ـ قېتىم تۈزىتىلدى.2026 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 ـ يىغىنىدا تۈزىتىلدى )
مۇندەرىجە
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2-باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرتى
3-باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
4- باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش
5-باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش
6 - باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش
7-باب تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش
8 - باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش
9-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
 
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-ماددا بۇ قانۇن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش، تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاش، ئىستېمالچىلار ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاۋار ماركىسى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئايرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بەلگىنى، جۈملىدىن تاۋار ماركىسى ۋە مۇلازىمەت ماركىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇندىكى تاۋار ماركىسىغا دائىر بەلگىلىمە مۇلازىمەت تاۋار ماركىسىغا تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش تاۋار ماركىسىنى تاۋار، تاۋار ئورۇسى ياكى قاچىسى، شۇنىڭدەك تاۋار سودا ھۆججىتىگە ئىشلىتىش ياكى تاۋار ماركىسىنى ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمە ۋە باشقا سودا پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىش، تاۋارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئايرىشقا ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3 - ماددا تاۋار ماركىسى خىزمىتىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى قوغداش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
4- ماددا گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان تارماقلىرى تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
5-ماددا گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغان تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى» ياكى رويخەتكە ئېلىنغان بەلگىنى ئىزاھلاپ يېزىشقا ھوقۇقلۇق، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتى ئۈچۈن  رويخەتكە ئېلىنغان  تاۋار ماركىسىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشمەكچى بولسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
6 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ساھە جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى سودا پائالىيىتىدە ئىشلىتىدىغان، ئىشلەتكۈچىنىڭ شۇ تەشكىلاتتىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئىسپات تاۋار ماركىسى مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەشكىلات كونترول قىلىدىغان، شۇ تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخس ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىپ، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئەسلىي جايى، خام ئەشياسى، ياساش ئۇسۇلى، سۈپىتى ياكى باشقا ئالاھىدە سۈپىتىنى ئىسپاتلايدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇشقا دائىر ئالاھىدە ئىشلارنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
7 - ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلسا، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا ۋە ئۇنى ئورتاق يۈرگۈزسە بولىدۇ.
8 - ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن تاۋارلارنى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك، رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانمىغانلىرىنى بازاردا سېتىشقا بولمايدۇ.
9 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىشتە سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش لازىم، ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتى ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى، ئىستېمالچىلارنى ئالداش قىلمىشلىرىنى توسۇشى كېرەك.
10- ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە، ئۆزى بېجىرسىمۇ، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.
11 - ماددا چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى چەت ئەلنىڭ باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ئۆزى تەۋە دۆلەت بىلەن جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ياكى ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش پرىنسىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
جۇڭگودا دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت قىلىش سورۇنى بولمىغان چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى چەت ئەلنىڭ باشقا تەشكىلاتلىرىدىن جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلىشى كېرەك.
12- ماددا تاۋار ماركىسىنى خەلقئارادا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەردە بېكىتىلگەن تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈئەن بەلگىلەيدۇ.
13ـ ماددا گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋار ماركىسى جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركىسى كەسپىنى بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تاۋار ماركىسى ئۇچۇرىنى مۇكەممەل، توغرا، ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، تاۋار ماركىسى ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
2 - باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرتى
14-ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتنىڭ تاۋىرى بىلەن باشقىلارنىڭ تاۋىرىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ھەرقانداق بەلگە، جۈملىدىن يېزىق، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى، ئاۋاز، ھەرىكەتلىك بەلگە قاتارلىقلار ھەمدە يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
15-ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ:
( 1 ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نامى، پارتىيە بايرىقى، پارتىيە بەلگىسى، ئوردېنى ياكى مۇھىم نەزەرىيەۋى مۇۋەپپەقىيىتى، تارىخىي ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگە خاراكتېرلىك ئامىل قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە؛
( 2 ) جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، دۆلەت شېئىرى، ئارمىيە بايرىقى، ئارمىيە گېربى، ئارمىيە مارشى، ئوردېن قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان شۇنىڭدەك مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نامى، بەلگىسى، تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇئەييەن جاينىڭ نامى ياكى سىمۋوللۇق ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشايدىغان بەلگە؛
( 3 ) چەت ئەل لەرنىڭ دۆلەت نامى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، ئارمىيە بايرىقى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 4 ) ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرى، لېكىن شۇ تەشكىلات قوشۇلغانلىرى ياكى ئاممىنى ئاسان ئازدۇرمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 5 ) تىزگىنلىگەنلىكىنى، كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھۆكۈمەت بەلگىسى، پىرىيوم تامغىسىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن ھوقۇق بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 6 ) «قىزىل كرېست»، «قىزىل يېڭى ئاي» نىڭ نامى، بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە؛
( 7 ) مىللىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان بولسا؛
( 8 ) ئالدامچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان، ئاممىنىڭ تاۋارنىڭ سۈپىتى، ھۈنەر - سەنئىتى، خام ئەشياسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ياكى ئىشلەنگەن جايى ھەققىدە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان بولسا؛
( 9 ) ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ - ئادەتكە خىلاپلىق قىلغان ياكى باشقا يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.
16 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامى ياكى جامائەت بىلىدىغان چەت ئەل يەر نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. لېكىن، يەر نامى باشقا مەنىگە ئىگە ياكى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ رويخەتكە ئېلىنغان يەر نامى ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
دۆلەت باغچىسى بەلگىسى، ئولىمپىك بەلگىسى، ئالاھىدە بەلگە قاتارلىق بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ئىشلىتىشتە، مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
17-ماددا رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، پەرقلەندۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى كېرەك. تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ:
( 1 ) شۇ تاۋارنىڭ ئورتاق نامى، شەكلى، تىپىلا بولسا؛
( 2 ) تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىشى، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنىلا بىۋاسىتە ئىپادىلەيدىغان بولسا؛
( 3 ) باشقا روشەن ئالاھىدىلىكى كەمچىل بولسا.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلەردىن ئىشلىتىش ئارقىلىق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىرى ھەمدە پەرقلەندۈرۈشكە قولايلىق بولغانلىرى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ.
18 - ماددا ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى، ئاۋاز، ھەرىكەتلىك بەلگە قاتارلىقلار بىلەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈر بولغان ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىل، رەڭ بىرىكمىسى، ئاۋاز، ھەرىكەتلىك ئۈنۈم قاتارلىقلارنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
19 - ماددا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىغان ھەمدە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئېھتىياجىدىن روشەن ھالقىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.
ئالدامچىلىق ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.
20-ماددا رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى باشقىلار بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى ئاۋۋال ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش بولسا ياكى ئوخشىشىپ كەتسە بولمايدۇ.
21-ماددا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرمىغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىدىن كۆپەيتىلگەن، تەقلىد قىلىنغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ياكى ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى باشقىلارنىڭ مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى كۆپەيتىپ، تەقلىد قىلىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ،ئاممىنى ئازدۇرۇپ، شۇ مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
22 - ماددا ۋاكالەتچى ياكى ۋەكىل ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئۆز نامىدا رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچى باشقىچە پىكىردە بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى باشقىلار ئاۋۋال ئىشلەتكەن رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ باشقىلار بىلەن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن باشقا توختام، كەسپىي ئالاقە مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، شۇ باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شۇ كىشى باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا رويخەتكە ئېلىنمايدۇ.
23 - ماددا تاۋار ماركىسىدا تاۋارنىڭ جۇغراپىيىلىك بەلگىسى بولۇپ، شۇ تاۋار شۇ بەلگىدە كۆرسىتىلگەن رايوندىن كەلمىگەن، ئاممىنى ئازدۇرغانلار رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ لېكىن، ياخشى نىيەت بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغانلىرى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان جۇغراپىيەلىك بەلگە مەلۇم تاۋارنىڭ مەلۇم رايوندىن كەلگەنلىكى، شۇ تاۋارنىڭ ئالاھىدە سۈپىتى، ئىناۋىتى ياكى باشقا ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان، ئاساسلىقى شۇ رايوننىڭ تەبىئىي ئامىلى ياكى گۇمانىتارلىق ئامىلى بەلگىلىگەن بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
24- ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، باشقىلارنىڭ ھازىرقى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، باشقىلار ئىشلەتكەن ھەم مەلۇم تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى قەستەن ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.
25 - ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتىدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن سىرت، باشقا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.
 
3-باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
26 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋار تۈرى ۋە تاۋار نامىنى بەلگىلەنگەن تاۋار تۈرى جەدۋىلى بويىچە تولدۇرۇپ، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىر ئىلتىماس ئارقىلىق كۆپ خىل تۈردىكى تاۋارغا ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى يازما ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەزمۇننى شەكىللىك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەم خالىغان ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست يازما شەكىل دەپ قارىلىدۇ.
27 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن دائىرىنىڭ سىرتىدىكى تاۋارغا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشقا توغرا كەلسە، رويخەتكە ئېلىشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
28 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، رويخەتكە ئېلىشنى قايتا ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
29-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى چەت ئەلدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە، يەنە جۇڭگودا ئوخشاش بىر تاۋار ئۈچۈن ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، شۇ چەت ئەل جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە بويىچە ياكى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش پرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات ئېلان قىلىشى ھەمدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما بايانات ئېلان قىلمىغان ياكى مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
30 - ماددا تاۋار ماركىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان ياكى ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا كۆرگەزمىگە قويۇلغان تاۋارغا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن بولسا، شۇ تاۋار كۆرگەزمە قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە، شۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات ئېلان قىلىشى ھەمدە شۇ تاۋارنى كۆرگەزمە قىلغان كۆرگەزمىنىڭ نامى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر دەلىل - ئىسپات، كۆرگەزمە ۋاقتى قاتارلىق ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما بايانات ئېلان قىلمىغان ياكى ئىسپات ھۆججىتىنى مۆھلەت ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغان بولسا، ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
31 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا مەلۇم قىلىنغان ئىشلار ۋە بېرىلگەن ماتېرىياللار چىن، توغرا، مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.
 
4 - باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش
32-ماددا رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇشى، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئېلان قىلىشى كېرەك.
33-ماددا تەكشۈرۈش جەريانىدا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈش ياكى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن چۈشەندۈرۈش ياكى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى چۈشەندۈرمىگەن ياكى تۈزەتمىگەن بولسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈش قارارىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
34 - ماددا رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى رەت قىلىدۇ، ئېلان قىلمايدۇ.
35 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچى بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ بىر كۈندە ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ، ئېلان قىلىنمايدۇ.
36 – ماددا دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە، ئاۋۋال ھوقۇق ئىگىسى، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار بۇ قانۇننىڭ 20 – ماددىسىدىن 22 – ماددىسىغىچە،23 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى،24 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسا ياكى ھەرقانداق كىشى بۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسى،16 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى،17 – ماددىسىدىن 19 – ماددىسىغىچە،25 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسا گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. ئېلان مۇددىتى توشقاندا باشقىچە پىكىر بولمىسا، رويخەتكە ئېلىش تەستىقلىنىدۇ، تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.
37 - ماددا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان، ئېلان قىلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
38- ماددا دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بولسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسنى ئاڭلاپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئېلان مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىش ئالماسلىق قارارى چىقىرىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىش قارارى چىقارغانلىرىغا تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى بېرىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىدۇ. باشقىچە پىكىر بەرگۈچى قايىل بولمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 50 -،51 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئالماسلىق قارارى چىقارغاندا، باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچىگە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
39- ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، دەۋالاشقۇچىلار گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى چىقارغان ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ئۈستىدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى قايتا قاراپ چىقىش قارارى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، ئىلتىماسنى رەت قىلىش قارارى، رويخەتكە ئالماسلىق قارارى ياكى قايتا قاراپ چىقىش قارارى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىچە پىكىر پۇت تىرەپ تۇرالمىغانلىقتىن رويخەتكە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان تاۋار ماركىسىدا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتى دەسلەپكى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئېلانى چىقىرىلىپ ئىككى ئاي توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
شۇ تاۋار ماركىسىنى ئېلان قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ رويخەتكە ئېلىش قارارى چىقىرىلغىچە، باشقىلارنىڭ بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىنى ئىشلىتىش قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچى بولمايدۇ؛ لېكىن، شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ يامان نىيىتى تۈپەيلىدىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش كېرەك.
40- ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى ۋە تاۋار ماركىسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك.
ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
41ـ ماددا گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىرنى تەكشۈرۈش،رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا قاراپ چىقىش ، رويخەتكە ئېلىشنى قايتا قاراپ چىقىش ۋە كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا، چېتىلىدىغان ئاۋۋال ھوقۇق ـ مەنپەئەتنى بېكىتىشتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىۋاتقان ياكى مەمۇرىي ئورگان بىر تەرەپ قىلىۋاتقان يەنە بىر دېلونىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش شەرت، تەكشۈرۈپ سوت قىلىشنى توختىتىپ تۇرۇشقا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش تەرتىپىنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
42 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ھۆججىتىدە ياكى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىدە روشەن خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە تۈزىتىدۇ ھەمدە ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان تۈزىتىش خاتالىقى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا چېتىلمايدۇ.
5 - باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش
43 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، ئۇ رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
44 ـ ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ، داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۇددەت توشۇشتىن 12 ئاي بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ بۇ مەزگىلدە بېجىرمىسە، ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بەرسە بولىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ھەر قېتىم داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، بۇ شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزارتىلغان مۆھلەت توشقۇچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەنلەرنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
45 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
46-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈشى ھەمدە گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئۆزىنىڭ بىر خىل تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىراقلا ئۆتۈنۈپ بېرىشى كېرەك.
ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان ياكى باشقا يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئۆتۈنۈپ بېرىشنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىمايدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
47 - ماددا كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى مۇناسىپ سۇبيېكتلىق سالاھىيىتى ۋە نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك.
48 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ياكى بېكىتىلگەن بىر قىسىم تاۋارنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىپ، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىرى ئېلان قىلىنىدۇ؛ رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ بېكىتىلگەن شۇ بىر قىسىم تاۋاردىكى كۈچى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ.
49 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئېلانى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى باشقىلارنىڭ بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋاردا شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ.
6-باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش
50ـ ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 15 ـ،16ـ ماددىسىنىڭ 1ـ تارمىقى،17 ـ،19 ـ،25ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلايدۇ؛ باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش قارارى چىقارغاندا، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاقىدارلار قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىم تەرتىپىدىكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
51 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 20 - ماددىسىدىن 22 - ماددىسىغىچە،23 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى،24 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە، ئاۋۋال ھوقۇق ئىگىسى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولسا، مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى بەش يىللىق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەرگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سۈرۈك ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 12 ئاي ئىچىدە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئالتە ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلاردىن گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىغانلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىم تەرتىپىدىكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
52 - ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، دەۋالاشقۇچىلار گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش قارارىنى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى قايتا قاراپ چىقىش قارارى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش كېسىمى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قارارى، كېسىمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
53- ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 50-،51- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى جاكارلانغانلىرىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان قىلىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى باشتىلا مەۋجۇت ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش قارارى ياكى كېسىمى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھەمدە ئىجرا قىلغان تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى ھەققىدىكى ھۆكۈم، كېسىم، مۇرەسسەنامە ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق چىقارغان ھەمدە ئىجرا قىلغان تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى شۇنىڭدەك ئادا قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ. لېكىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ يامان نىيىتى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا كەلتۈرگەن زىيىنىنى تۆلەپ بېرىش كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش تۆلەم پۇلى، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى، تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى قايتۇرماي، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا روشەن خىلاپلىق قىلغانلار ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قايتۇرۇشى كېرەك.
 
7-باب تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش
54 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى يامان نىيەتتە ئىلتىماس قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، يامان تەسىر پەيدا قىلسا، تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:
( 1 ) بەلگىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 15 -،16 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش؛
( 2 ) بۇ قانۇننىڭ 19 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش؛
( 3 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 21 -،22 -،24 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش.
55 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئۆزى ئىشلەتسىمۇ، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامى تۈزۈش ئارقىلىق، رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسىمۇ بولىدۇ. ئىجازەت بەرگۈچى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
ئىجازەت بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىجازەت بېرىلگۈچى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئىجازەت بەرگۈچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلگەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارغا ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ نامى ۋە تاۋار ئىشلەنگەن جاي ئېنىق يېزىلىشى شەرت.
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشتە، ئىجازەت بەرگۈچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان قىلىشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ياخشى نىيەتلىك ئۈچىنچى كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا بولمايدۇ.
56 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئاممىنى ئازدۇرۇش يولى بىلەن ئىشلەتكەنلەرنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارىتى سوممىسى 50 مىڭ يۈئەنگە يەتمىگەنلەرگە 250 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.
57 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتسە، تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان ياكى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
58- ماددا گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ياكى قىلماسلىق قارارىغا ئالاقىدارلار قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مەسۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىلسا بولىدۇ.
دەۋالاشقۇچىلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
59-ماددا ئالاقىدارلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى چىقارغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قارىتا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارى، قايتا قاراپ چىقىش قارارى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بىكار قىلىنغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان قىلىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلىشىدۇ.
60 - ماددا كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،100 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
( 1 ) تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتكۈزۈش؛
( 2 ) كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئۆز تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق ياكى ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق؛
( 3 ) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇن، ئالاقىدار مەمۇرىي نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا يۈرگۈزۈپ، يامان تەسىر پەيدا قىلىش.
61 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 8 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ %20 ئىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارىتى سوممىسى 50 مىڭ يۈئەنگە يەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
62 - ماددا رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلەتكەنلەر ياكى رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 15 -،16 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ %20 ئىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەنگە يەتمىسە،10 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
63 - ماددا ئالاقىدار ئاممىغا تونۇشلۇق بولغان تاۋار ماركىسىنى ئىگىسى ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىدى دەپ قارىسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى قوغداشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش، تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ياكى ناتوغرا رىقابەت دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە تەشەببۇس قىلسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ھەق تەلەپ دېلوسى، تاۋار ماركىسى مەمۇرىي دېلوسى ياكى ناتوغرا رىقابەت دېلوسىنى سوت قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە تەشەببۇس قىلسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى سوت قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر بولۇش ئەھۋالىنى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا بېكىتىشكە تېگىشلىك پاكىت سۈپىتىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىش كېرەك:
( 1 ) ئالاقىدار جامائەتنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى بىلىش دەرىجىسى؛
( 2 ) شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى، ئۇسۇلى ۋە رايون دائىرىسى؛
( 3 ) شۇ تاۋار ماركىسىغا دائىر ھەرقانداق تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى، دەرىجىسى ۋە رايون دائىرىسى؛
( 4 ) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ قوغدالغانلىق خاتىرىسى، بولۇپمۇ مەشھۇر تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە قوغدالغانلىق خاتىرىسى؛
( 5 ) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر بولۇشىدىكى باشقا ئامىللار.
64- ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ «مەشھۇر تاۋار ماركىسى» دېگەن سۆزنى تاۋار، تاۋار ئورۇسى ياكى قاچىسىغا ئىشلىتىشىگە ياكى ئېلان تەشۋىقاتى، كۆرگەزمە شۇنىڭدەك باشقا سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،100 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
65 - ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ۋە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى سەمىمىيەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقى، كەسىپ ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا ياكى قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشى كېرەك؛ ۋاكالەتچىلىك جەريانىدا بىلىپ قالغان ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار؛ ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىدا مۇشۇ قانۇندا رويخەتكە ئېلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولۇش ئېھتىمالى بولسا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىغا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشى كېرەك، ھاۋالىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىدا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرى ئۆزى ئىمزا قويۇپ بېجىرگەن تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىگە مەسئۇل بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى شۇ ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرىنى گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت كەسىپكارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
66-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھەسىدىكى تەلەپچان تەشكىلاتتۇر.
تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەزا قوبۇل قىلىش شەرتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ساھە تەلەپچانلىق قائىدىسى ۋە تەنبىھ بېرىش قائىدىسىنى تۈزۈپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە كەسىپ ئەخلاقى، كەسىپكارلىق ئىنتىزامى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەزالىرىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ساھەنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساھە تەلەپچانلىق قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرىنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك. تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىدىغان ساھە تەشكىلاتى ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە تەنبىھ بېرىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
67- ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،10 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،100 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 100 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،200 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈئەندىن يۇقىرى،50 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،100 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
( 1 ) تاۋار ماركىسىغا دائىر ئىشلارنى بېجىرىش جەريانىدا، ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان قانۇن ھۆججەتلىرى، تامغا، ئىمزالارنى ئىشلىتىش؛
( 2 ) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى قىلىدىغان باشقا ئاپپاراتلارنى ئالداش، ئازدۇرۇش ياكى ھاقارەتلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن خېرىدار چاقىرىش؛
( 3 ) بىر تاۋار ماركىسى دېلوسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغان دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىش؛
( 4 ) ھاۋالە قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 15 -،16 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى،19 -،21 -،22 -،24 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا كىرىدىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىش؛
( 5 ) مۇشۇ قانۇننىڭ 25 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 54 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلار؛
( 6 ) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك بازىرىنىڭ تەرتىپىنى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن قالايمىقانلاشتۇرۇش.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولسا، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشىنى توختىتىپ، ئېلان قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن قانۇن بويىچە ئەنگە ئالدۇرمىغانلىرىنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،50 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىن سەمىمىي بولۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ھەمدە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەنبىھ بېرىدۇ.
68 - ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسىپكارلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈئەندىن يۇقىرى،50 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈئەندىن يۇقىرى،100 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
( 1 ) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى ئۆز ئالدىغا ھاۋالە بويىچە بېجىرىش؛
( 2 ) بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىدا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش؛
( 3 ) تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا قىلمىشلار.
69-ماددا چېگرا سىرتىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ياكى تاۋار ماركىسى دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىكەنلىكى، ئالاقىدار ئاممىغا تونۇشلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈئەننىڭ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە بولىدۇ.
ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ چېگرا سىرتىدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ياكى تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلىرىنى بېجىرىپ بېرىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئەتى ياكى دۆلەت مەنپەئەتى، ئامما مەنپەئەتى، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر مۇشۇ قانۇننىڭ 67 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ۋە جازالىنىدۇ.
70-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئاممىنى خاتا يېتەكلەش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلىتىش، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماققا ئەرز قىلىشقا، پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
 
8 - باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش
71 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان تاۋار ماركىسى ۋە ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋار بىلەن چەكلىنىدۇ.
72 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ:
( 1 ) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش؛
( 2 ) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىش؛
( 3 ) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغان تاۋارنى سېتىش؛
( 4 ) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياساش ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسالغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى سېتىش؛
( 5 ) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە تاۋار ماركىسى ئالماشتۇرۇلغان شۇ تاۋارنى يەنە بازارغا سېلىش؛
( 6 ) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئۈچۈن قەستەن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛
( 7 ) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقا زىيان يەتكۈزۈش.
73-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا شۇ تاۋارنىڭ ئورتاق نامى، شەكلى، تىپى ياكى تاۋارنىڭ تۈرى، خاراكتېرى، سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، رولى، ئىشلىتىلىشى، ئېغىرلىقى، سانى، قىممىتى، جۇغراپىيىلىك مەنبەسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدىغان بولسا ياكى يەر نامى بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە، رەڭ بىرىكمىسى، ئاۋاز، دىنامىكىلىق بەلگە قاتارلىقلار رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدىكى تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈر بولغان ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىل، رەڭ بىرىكمىسى، ئاۋاز، دىنامىكىلىق ئۈنۈم قاتارلىقلارنى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
تەمىنلىگەن تاۋارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىشلىتىش ئوبيېكتى، ئىشلىتىلگەن كۆرۈنۈش قاتارلىق ئۇچۇرلار ياكى ھەقىقىي كېلىش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈنلا، رويخەتكە ئېلىنغان ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ يوللۇق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، لېكىن ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى، باشقىلار بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىدىن بۇرۇن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەمدە بەلگىلىك تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەسلىدىكى ئىشلىتىش دائىرىسىدە شۇ تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشىنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
74 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 72 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجىرا تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق بىر تەرەپ قىلغاندا، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى بار دەپ بېكىتسە، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھوقۇققا چېقىلغان تاۋارنى ۋە ھوقۇققا چېقىلغان تاۋارنى ياساشقا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىشقا ئاساسلىق ئىشلەتكەن قوراللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارىتى سوممىسى 50 مىڭ يۈئەنگە يەتمىگەنلىرى قوشۇمچە 250 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق چېقىلغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلاردىن شۇ تاۋارغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرىنى ھەمدە تەمىنلىگۈچىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىگەنلىرىنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، ئالاقىدارلار كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى مۇرەسسەنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
75 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش جىنايىتىگە چېتىلسا، تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق گوڭئەن ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ھاجەتسىز بولغان ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنغان بولسىمۇ، مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، گوڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ج خ ئورگىنى،
خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق ۋە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقنى كەسپىي جەھەتتىن قوللاش، بېكىتىش پىكرى بېرىش شۇنىڭدەك ھوقۇققا چېقىلغان بۇيۇمنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلسا، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
76 - ماددا تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانىغا دائىر دەلىل - ئىسپات ياكى ئەرز - پاش قىلىش ماتېرىيالىغا ئاساسەن، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:
( 1 ) ئالاقىدار تەرەپلەردىن گەپ سوراش، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش؛
( 2 ) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى، تالون، ھۆججەت، خاتىرە، كەسپىي ئالاقە، ئۈن - سىن ماتېرىيالى، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛
( 3 ) ئالاقىدارلار باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا چېقىلىش گۇمانى تۇغدۇرغان سورۇننى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛
( 4 ) ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش؛ باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - ئىسپات بار بۇيۇملارنى پېچەتلىسە ياكى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ؛
( 5 ) دەلىل - ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېلىش تەس بولغان ئەھۋالدا، ئالدىن تىزىملاپ ساقلاپ قويسا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.
تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە ياكى ھوقۇق ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دەۋاسى قىلغان بولسا، تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.
77 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن تارتقان ئەمەلىي زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش تۈپەيلىدىن ئېرىشكەن پايدىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ ھوقۇق ئىگىسىنىڭ زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغۇچى ئېرىشكەن پايدىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قەستەن چېقىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تۆلەم سوممىسى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلگەن سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن بېكىتىلسە بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ھوقۇق ئىگىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن دەلىل ـ ئىسپات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىياللارنى ئاساسلىقى ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغۇچى ئىگىلىگەن ئەھۋالدا، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا دەخلى -تەرۇز قىلغۇچى ساختا ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىمىسە ياكى تەمىنلىمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەمىنلىگەن دەلىل ـ ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىپ تۆلەم سوممىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.
ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇققا چېقىلغانلىقتىن تارتقان ئەمەلىي زىيان، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن پايدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتىش تەس بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا قاراپ 5 مىليون يۈئەندىن تۆۋەن تۆلەم بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
تۆلەم سوممىسى ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارنى ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارنى ياساشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال، سايمانلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ؛ ياكى ئالاھىدە ئەھۋالدا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتېرىيال، سايمانلارنى سودا يولىغا كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان ساختا تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنى رويخەتكە ئېلىنغان ساختا تاۋار ماركىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن سودا يولىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.
78 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسى تۆلەم تەلەپ قىلغاندا، ھوقۇققا چېقىلدى دەپ شىكايەت قىلىنغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمىدى دەپ ئۆكتە قوپسا، خەلق سوت مەھكىمىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقى ئىگىسىدىن ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى سادىر بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىل ئىچىدە شۇ تاۋار ماركىسىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىك دەلىل – ئىسپاتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن باشقا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلدى دەپ شىكايەت قىلىنغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي سېتىپ، شۇ تاۋارغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە ھەمدە تەمىنلىگۈچىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
79-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ياكى قىلىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا توسمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلىسە، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشلارنى توسۇشقا بۇيرۇش ۋە مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
80 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دەلىل - ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن قولغا كەلتۈرۈش تەس بولغان ئەھۋالدا، دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل - ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
81 - ماددا يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ئاساسىي پاكىتنى ئۆز ئالدىغا ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تاۋار ماركىسى دەۋاسى قىلغانلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
82 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پاك تەلەپچان بولۇشى، خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىشى شەرت.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق شۇنىڭدەك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى ۋە تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
83 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل تارماق ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەل لەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
84 ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپى، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىرى ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:
( 1 ) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەي، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛
( 2 ) قانۇن بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇش، مەمۇرىي جازا بېرىش قاتارلىق قارارلارنى چىقىرىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ چىقارمىغان بولسا؛
( 3 ) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقىغاندا ياكى ئەرز ۋە پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىق؛
( 4 ) قانۇن بويىچە چارە كۆرۈشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار.
85 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
 
9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
86 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە ھەق تاپشۇرۇش كېرەك، كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئايرىم بېكىتىلىدۇ.
87-ماددا بۇ قانۇن 2027-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  

مەنبەسى: 
受权发布丨中华人民共和国商标法-新华网
ھەمبەھىرلەش