ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ماركىنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئەسلىدىكى 3 ئايدىن 2 ئايغا قىسقارتىلدى
بارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، كارخانىچى دوستلار بۇياققا دىققەت، مۇھىم خەۋەردىن بىرنى ئۇقتۇرىمەن. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماركا قانۇنى 2026-يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى رەسمىي ماقۇللاندى، 2027-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى تۈزىتىلگەن نۇسقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشنىڭ بىرى بولسا دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ماركىنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئەسلىدىكى 3 ئايدىن 2 ئايغا قىسقارتىلدى. بۇ ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىش ۋاقتىنىڭ 1 ئاي قىسقارغانلىقى، ماركىغا قارشى پىكىر بېرىش پۇرسىتىنىڭمۇ 1 ئاي قىسقارغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ئوخشاش كەسپتىكى رىقابەتچىلەرنىڭ يامان نىيەتتە قارشى پىكىر بېرىپ ماركىڭىزنىڭ تەستىقلىنىشىنى قەستەن كىچىكتۈرىدىغان ئەھۋاللارغا پۇرسەت تېخىمۇ ئازايتىلدى. لېكىىن بۇ يەردە كۆپچىلىككە يەنە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ يەنە سىزنىڭ قارشى پىكىر بېرىش ۋاقتىڭىزنىڭمۇ قىسقارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزگە تاقىلىدىغان ماركىنىڭ ئەھۋالىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ، تىگىشلىك تەدبىر قوللىنىشىڭىز كېرەك.
يوقارقىدىن باشقا، يېڭى ماركا قانۇنىدا يەنە ماركىنى ئارتۇق يىغىۋالىدىغان، يامان غەرەزدىكى ناچار ۋاكالەتچىلىك ئەھۋاللىرىغا زەربە بېرىش سالمىقى كۈچەيتىلىپ، سەمىمىي، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىدىغانلارغا پايدىلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئايرىم مەسلىھەت سوراڭ.

ھەمبەھىرلەش