国语网站链接

يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ماركا قانۇنى يولغا قويۇلسا ، جازالاش ۋە جەرىمانە قويۇش سالمىقى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ماركا قانۇنى يولغا قويۇلسا ، جازالاش ۋە جەرىمانە قويۇش سالمىقى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. مەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، كەلگۈسىدە ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ماركا ھوقۇقىنى قوغداش ۋە رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ. ئارتۇقچە بېسىم سەۋەبىدىن بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىلىرى كەسپ ئالماشتۇرۇشى مۈمكىن. بولۇپمۇ پەقەت ئەڭ ئاساسى ماركا ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتىنىلا تەمىنلەيدىغان، ماركا ماجرالىرىنى بىرتەرەپ قىلىش تەجرىبىسى يوق، پەقەت تۆۋەن باھا بىلەنلا خېرىدار تالىشىدىغان ئادەتتىكى ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى بارغانسىرى تارىيىدۇ. ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار تېخىمۇ ئىشەنچلىك ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ.
بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش شىركىتىمىزنىڭ نىشانى ئىنتايىن ئېنىق. بىز مۇلازىمەت سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرىمىز، خېرىدارنى ئالدىمايمىز، ئالاقىنى ئۈزۈپ قاچمايمىز، ھەربىر خېرىدارغا مەسئۇل بولۇپ، ئىمكانقەدەر خېرىدارلارنى رازى قىلىمىز.
ئون يىلنىڭ ئالدىدا بىز بار ئىدۇق، ئون يىلدىن كىيىنمۇ سىزنىڭ يەنىلا بىزنىڭ خېرىدارىمىز بولىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز!
ھەمبەھىرلەش