ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىجازەتنامىسىنى دۇكان بىلەن بىللە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولامدۇ؟
سوئال:مەن بىر ھاراق-تاماكا دۇكىنى ئاچىمەن، مەخسۇس تاماكا پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بار. ئۆيدە ئىشىم چىقىپ قېلىپ، داۋاملىق تىجارەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم، مەن دۇكاننى بىر دوستۇمغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى. لېكىن دوستۇم مېنى مەخسۇس تاماكا پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىمنى ئېيتتى، بۇنداق بولسا بولامدۇ؟
جاۋاب:ياخشىمۇ سىز! «تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 41 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەر قانداق كارخانا ياكى شەخسنىڭ تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىشىگە، ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ - سېتىشقا، ئىجارە بېرىشكە، ئارىيەت بېرىشكە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.
شۇڭا، سىز ھاراق-تاماكا دۇكىنىڭىزنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، نامىڭىزدىكى تاماكا مەخسۇس پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى دۇكان بىلەن بىللە ئۆتۈنۈپ بەرسىڭىز بولمايدۇ.
ھەمبەھىرلەش
