国语网站链接

قولىڭىزدىكى ماركا كىنىشكىسىنىڭ سىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق رولى يوق دىسەم ئىشىنەمسىز؟

ئەگەر مەن سىزنىڭ قولىڭىزدىكى ماركا كىنىشكىسىنىڭ سىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق رولى يوق دىسەم ئىشىنەمسىز؟ئالدىرىماڭ، سىز ماركا كىنىشكىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ تەپسىلى قاراپ بېقىڭ. تەستىقلانغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرى سىزگە لازىملىق تۈرلەرمىكەن؟ چۈنكى بىرقىسىم قارا نىيەت ماركا ۋاكالەتچىلىرى تۆۋەن باھاغا قىزىقتۇرۇش ۋاستىسى بىلەن ، ئەسلىدە تەستىقلانمايدىغان ماركىنى قەستەن ھالدا چوقۇم تەستىقلىنىدۇ دەپ، ئىلتىماس قىلغاندا سىز قىلچە لازىم قىلمايدىغان ۋە باشقىلارمۇ كۆپ تاللىمايدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تاللايدۇ. گەرچە ماركا كىنىشكىسىنى ئوڭۇشلۇق قولغا ئالسىڭىزمۇ، ئەمما بۇ سىزگە لازىملىق كىنىشكە ئەمەس.
ئەڭ ئاددىي مىسال ئالساق، ئەگەر سىز 3- تۈردە چىش پاستىسىغا ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، ماركا ۋاكالەتچىسى سىزگە ئاياغ مېيى ياكى ھايۋاناتلار گىرىم بۇيۇمى تۈرىنى تاللاپ بەرسە ئوخشاشلا ماركا كىنىشكىسى چىقىشى مۈمكىن، ئەمما سىز بۇنى نۇرمال ئىشلىتەلەمسىز؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ.
مانا بۇ كۆپ قىسىم تۆۋەن باھاغا قىزىقتۇرىدىغان قارا نىيەت ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ھىيلىسى. چۈنكى سىز ماركا كەسپىنى بەك چۈشەنمىگەچكە، ماركا كىنىشكىسى چىقسىلا بولدى دەپ ئويلاپ، تۆۋەن باھاغا ئالدىنىپ ئۇلارنىڭ توزىقىغا چۈشىسىز. شۇڭا مەن دائىم دەيمەنكى، سۈپەت ۋە باھا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ، سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىشىنى ئويلىسىڭىز ئۇنىڭ باھاسىنى قۇبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. 
ھەمبەھىرلەش