国语网站链接

ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا ئەسەر ھوقۇقىغىمۇ تىزىملىتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بېلەمسىز؟

سىز كۆپ قىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا ئەسەر ھوقۇقىغىمۇ تىزىملىتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بېلەمسىز؟  سىزنىڭ ماركا بەلگىڭىز  مەيلى ھۆسنىخەت بولسۇن ياكى باشقا بەلگە-شەكىللەر بولسۇن،پەقەت مەخسۇس لايىھەلەنگەن ۋە ئىجادىلىققا ئىگە بولسا بۇ بەلگىنى ماركىغا ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىۋېلىڭ. ماركا سىز تىزىملاتقان شۇ تۈردىلا  بەلگىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ئەسەر ھوقۇقى بولسا بۇ ماركا بەلگىسىنىڭ سىزگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇن ئىتراپ قىلىدىغان ئىسپات. ئەگەر ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملاتمىسىڭىز باشقىلار سىزنىڭ شۇ ماركا بەلگىڭىزنى سىز تىزىملاتمىغان باشقا ماركا تۈرىگە تىزىملىتالايدۇ. ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملاتسىڭىز باشقىلارنىڭ ھەرقانداق ماركا تۈرىگە تىزىملىتىۋېلىشىنى چەكلىيەلەيسىز ياكى بىكار قىلالايسىز. ئەڭ مۇھىمى ، ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتىنى 100 % دىيىشكە بولىدۇ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى بولسا تىزىملاتقۇچى ئالەمدىن ئۈتۈپمۇ يەنە 50 يىل داۋاملىشىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يىرى شۇكى، ھېچقانداق ئىجادىىي لايىھە بولمىغان ياكى كومپىيۇتېردا بىۋاستە يېزىلغان تۈز خەتلەرنى ئەسەر ھوقۇقىغا ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. لېكىن ئەسەر ھوقۇقى ماركا ئەمەس، ماركا شەكلىدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يەنىلا ماركىغا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك. 
ھەمبەھىرلەش