ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ۋاكالەتچىلىكىدىكى تۆۋەن باھا ئالدامچىلىقىنى چۈشىنەمسىز؟
كۆپچىلىككە ماركا ۋاكالەتچىلىك كەسپىدىكى ساختىپەزلىكتىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي.
بىرقىسىم قارا نىيەت ماركا ۋاكالەتچىلىرى تۆۋەن باھانى يەمچۈك قىلىپ خېرىدارنى جەلىپ قىلىپ قولغا كەلتۈرىۋالغاندىن كېيىن، ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن دەسلەپكى زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.
ئويلاپ بېقىڭ، دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان ئورگان تەرەپ ھەققىنى چىقىرىۋەتكەندە ، بىر ماركا ئىلتىماسىدا نەچچە ئون يۈەنلا پايدا بولسا، بۇنىڭ ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلىگەن بىلەن قانداق پەرقى بولسۇن؟ ئەلۋەتتە، بۇ ماركا ۋاكالەتچىلىرى چوقۇم باشقا يوللار ئارقىلىق زىياننى تولۇقلىشى كېرەك. بۇنىڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان ۋاستىنىڭ بىرسى خېرىدارنى ماركىغا ئەسەر ھوقۇقى تىزىملاتقۇزۇش. ھەتتا ھېچقانداق لايىھە قۇشۇلماي تۈپتۈزلا ئېلىنغان يېزىق شەكلىدىكى ماركىلارغىمۇ ئەسەر ھوقۇقى تىزىملاتقۇزىدۇ. بۇنىڭ ھەققى تەخمىنەن 2-3 مىڭ يۈەن بولۇپ، نۇرمال باھادىن نەچچە ھەسسە يوقۇرى.
راستىنى دىگەندە، ئادەتتىكى يېزىقلا بولغان ماركىغا ئەسەر ھوقۇقى تىزىملىتىشنىڭ قىلچە قوغداش رولى يوق بولۇپ، ئېنىقلا پۇل ئىسراپچىلىقى. خېرىدارلار نەچچە يۈز يۈەن ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى تىجەپ قالىمەن دەپ ، ئەكسىچە نەچچە مىڭ يۈەن زىيان تارتىۋالىدۇ. بۇ يانچۇققا ئۇۋال قىلغانلىقمۇ قانداق؟
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سۈپەت بىلەن باھا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئاسماندىن بىكارلىق نان چۈشۈپ قالمايدۇ. قارىماققا پايدا ئالغاندەك كۆرۈنسىڭىزمۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
بىز چوقۇم كەسپنىڭ باھا ئۆلچەم قائىدىسى ۋە بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. ئەرزان گۆشنىڭ راستلا شورپىسى يوق. ياخشى مال ئەرزان بولمايدۇ، ئەرزان مال ياخشى چىقمايدۇ.
مەن ماركا ئەپەندى. بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىك باھاسىنىڭ يوقۇرىسىمۇ، تۆۋىنىمۇ بار، خالىغانچە تاللىسىڭىز بولىدۇ، بۇ باھا ئۆز قىمىتىگە يۈز كېلەلەيدۇ.
بىزنىڭ شۇئارىمىز: ئالدىمايمىز، قاچمايمىز، ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىمىز!
پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت دوستلارنىڭ مەسلىھەت سورىشىنى ۋە كەسپ بىجىرىشىنى قارشى ئالىمىز.

ھەمبەھىرلەش