国语网站链接

بۇنداق خېرىدارلارنى نېمە دەپ تەسۋىرلىسەك بولار؟

ماركا ۋاكالەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەسپداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى بەكلا چۈشىنىمەن. ماركا ۋاكالەتچىلىك كەسپىمۇ ئالدىن ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان كەسپ. ماركا ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق بىرىنچى قەدەم بولغان ماركا تەكشۈرۈش ھەقسىزدۇر. دەل مۇشۇ ھەقسىز مۇلازىمەت بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زىھنىمىزنى ئىسراپ قىلىدۇ. ئەگەر ماركا تەكشۈرۈشتە سەۋەنلىك كۆرۈلسە ياكى توغرا ھۆكۈم قىلالماي ، پەرەز قىلىشتا خاتالىق كۆرۈلسە خېرىدارغا ۋاقىت ۋە ئىقتىسات جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي ئىناۋىتىمىزگىمۇ سەلبىي تەسىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ماركىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىز ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز، كۆپ ۋاقىت ۋە زىھنىمىزنى سەرپ قىلىمىز.
بىزنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، بىز خېرىدارلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلىسەكمۇ، ئاز بىر قىسىم خېرىدارلار بۇنى خۇددى بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىزدەك سىز قىلىپ، قەدىرلىمەيدۇ ۋە ئەجرىمىزگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. بىزنىڭ ئورنىمىزدا تۇرۇپ ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ. ھەتتا بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە ماركا ۋاكالەتچىسىدىن مەسلىھەت سوراپ، ئەڭ ئاخىرىدا باھاسى ئەرزان، ۋەدىسى قولاققا ياقىدىغان ماركا ۋاكالەتچىسىنى تاللايدۇ. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەمگىكىمىز شۇ كەسپداشلارنىڭ مېۋىسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. قارشى تەرەپ ھەتتا بىزنىڭ ماركا تەكشۈرۈش نەتىجىمىزدىن بىۋاستە پايدىلىنىپ تۇرۇپمۇ قىلچە خىجىل بولمايدۇ. بۇنداق خېرىدارلارنى نېمە دەپ تەسۋىرلىسەك بولار؟بۇ خىل قىلمىش خاراكتىر جەھەتتىن مەلۇم بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ پۇل تۆلىمەي قېچىش بىلەن ئوخشاش.
ئادەمدە چوقۇم خېجىل بولۇش ۋە  مىنەنتدارلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. ھەمىشە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ۋاستە تاللىمايدىغانلار ھامان بىركۈنى بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ.
ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، بىز يەنىلا دەسلەپكى ماركا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ھەقسىز تەمىنلەۋىرىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئالاقىلىشىپ كەسپ بىجىرىشىنى قارشى ئالىمىز
!
ھەمبەھىرلەش