国语网站链接

كۆپچىلىككە ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش كەسپىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ قوياي

كۆپچىلىككە ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش كەسپىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ قوياي:
رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىگەن بولسا ، ھەرقانداق ئادەم ياكى كوللىكتىپ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا بۇ ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتىسز قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى - بۇ ماركا چوقۇم تەستىقلىنىپ 3 يىلغا توشقان بولۇشى، شۇنداقلا ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ ئىناۋەتسىز قىلىشقا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىل ئىچىدە يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ ئۈچ يىل ئۇدا ئىشلەتمىگەن بولۇشى كېرەك. بۇ كۆرسىتىلەەن ئۈچ يىلندىن بۇرۇنقى ياكى كىيىنكى ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئىلتىماسىغا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ.
ئىسىڭىزدە بولسۇن، يامان نىيەتتە ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا ئىلتىماس قىلماڭ، باشقىلار نۇرمال ئىشلىتىلىۋاتقان ماركىنى ئۈچ يىل ئىشلەتمىدى دەپ ئىناۋەتسىز قىلىشقا ئىلتىماس قىلماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز پۇل ئىسراپ قىلىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىسىز، بەلكىم جازاغا ئۇچرىشىڭىز مۈمكىن.
دۆلەت ماركا ئىدارىسى سىزنىڭ ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئىلتىماسىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ ماركا ئىگىسىگە ماركىنى ئۈچ يىل جەريانىدا ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتى تەمىنلەش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش ماتېرىيالىنى ئەۋەتىدۇ، مۇ ماتېرىيال بەك مۇھىم بولۇپ، ئەسلى ماركا ئىگىسى بۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، چوقۇم 2 ئاي ئىچىدە ئىناۋەتلىك ماركا ئىشلىتىش ئىسپاتىنى تەمىنلىشى كېرەك. ساختا ياسىۋالغان ياكى ئىناۋەتسىز ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئېتىراپ قىلمايدۇ، بۇ يەنە ماركىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا،  ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئىلتىماسى ئۆزىمىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىغا پۇتلاشقان ماركىنى تازىلاشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان ۋاستە بولۇپ، پۈتۈنلەي قانۇنلۇق.
مەن ماركا ئەپەندى، ئەگەر سىز باشقىلارننىڭ ماركىسىغا  ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئىلتىماسى تاپشۇرماقچى بولسىڭىز ياكى باشقىلار سىزنىڭ ماركىڭىزغا  ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئىلتىماسى تاپشۇرغان بولۇپ، قانداق قىلىشنى بىلمىگەن بولسىڭىز مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ، مەن سىزگە كەسپىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى دەپ بېرىمەن.
پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت دوستلارنىڭ مەسلىھەت سورىشىنى ۋە كەسپ بىجىرىشىنى قارشى ئالىمەن. 
ھەمبەھىرلەش