ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
كۆپچىلىككە ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي
بۇ فىلىمدا كۆپچىلىككە ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي:
ئەڭ ئالدى بىلەن ماركىنى چوقۇم ئەمەلىي ئىشلىتىڭ. ماركا بەلگىسى رويخەتكە ئېلىنغاندا قانداق بولسا ئىشلەتكەندىمۇ شۇنداق ئىشلىتىڭ. رەڭسىز ئىلتىماس قىلىنغان ماركىنىڭ رەڭگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما پۈتۈن گەۋدىسىدىكى يېزىق، بەلگە-شەكىللەرنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، يېزىقنىڭ خەت نۇسقىسىنىمۇ ئۆزگەرتمەڭ. ئۇنداق بولمىغاندا سىزنىڭ ماركا ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىڭىز ئېتىراپ قىلىنماسلىقى مۈمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا ماركىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتلىرىنى ياخشى ساقلاپ قۇيۇڭ، بۇلار مەھسۇلات ئورالمىسى، دۇكان ۋىۋىسكىسى، ئېلان-تەشۋىقات، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئېلانى، تور دۇكانلىرىنىڭ كۆرۈنمە رەسىمى، ھەرخىل توختام، ھۆججەت، يەرمەنكىگە قاتناشقاندىكى كۆرۈنۈش قاتارلىق ماركا ئىشلىتىلگەن ھۆججەت، ئورۇنلارنىڭ ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىسلا بىلەن بىللە خاتىرىلەنگەن ئىسپاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بىر قەدەر يوقۇرى بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، چوقۇم ئۆز ماركىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىنىش ئەھۋالىدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىڭىز كېرەك. دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش ماتېرىياللىرى زاكاس خەت شەكلىدە سىزنىڭ ماركا كىنىشكىڭىزدىكى ئادرېسىڭىزغا يەتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئادرېستا ئۆزگىرىش بولسا چوقۇم دەل ۋاقتىدا يېڭى ئادرېسقا ئۆزگەرتىۋېلىشىڭىز ، مۇناسىۋەتلىك خەت-چەكلەرنى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك.
ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسىغا نىسبەتەن ماركىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى تەمىنلەش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغاندا چوقۇم دەل ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتلىرىنى تاپشۇرۇش كېرەك، چۈنكى بۇنىڭغا پەقەت 2 ئايلا ۋاقىت بېرىلىدۇ.
مەن ماركا ئەپەندى، ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ ماركىڭىزغا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىش ئىلتىماسى تاپشۇرغان بولۇپ، قانداق قىلىشنى بىلمىگەن بولسىڭىز مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ، مەن سىزگە كەسپىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى دەپ بېرىمەن.
پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت دوستلارنىڭ مەسلىھەت سورىشىنى ۋە كەسپ بىجىرىشىنى قارشى ئالىمەن.

ھەمبەھىرلەش