国语网站链接

ئەڭ يېڭى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى نىزامى كەلدى

2026 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى 846 - نومۇرلۇق گوۋۇيۈئەن پەرمانىدا ئېلان قىلىنغان، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى نىزامى 2026 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، نەچچە ئون يىل ئىشلىتىلگەن كونا سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنى نىزامىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ.گوۋۇيۈئەن زۇڭلىسى لى چياڭ گوۋۇيۈئەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى نىزامىنى ئېلان قىلدى.
 ئۇنداقتا يېڭى نىزامدا قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بار؟
1. يېڭى قانۇن كونا قائىدىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئەسلىدىكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىنىڭ نىزامى رەسمىي بىكار قىلىنىدۇ، ئاساسىي قاتلام  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئورنى، مەسئۇلىيىتى مەمۇرىي قانۇن - نىزام قاتلىمىغا كۆتۈرۈلدى.
2.ئاپپاراتنىڭ سالاھىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇپ، دېلو بېجىرىش ، جازا بېرىش  مەشغۇلاتلىرى ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بازار نازارەت قىلىش ئورنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس.
3.قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت بىكىتىلدى. يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىلىرىنى بېجىرىدۇ، ئەرز - شىكايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ تاۋار ماركىسىدىكى ناتوغرا رىقابەت، ئېلاندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمايدۇ.
4.نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشتا مەدەنىي بىر تەرەپ قىلىش، ئىمكانقەدەر سودىگەرلەرنىڭ نورمال تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
5. تولۇق مەسئۇلىيەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، خادىملارنى سەپلەش، تەربىيەلەش، باھالاش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش فورمىسى ۋە بەلگىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە ـ كەلمەس پايدىلىنىشىنى چەكلەش كېرەك.
6. ماسلىشىش مېخانىزمى يولغا قۇيۇلۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى كوچا، يېزا - بازارلار  ئەرز - ماجىرالارنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، لېكىن كەسپىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلايدۇ.
 مۇھىم نۇقتا شۇكى،  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى  سىزگە تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىدۇ، ئۇ سىزنىڭ دۇكان نامىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى تەكشۈرمەيدۇ، كىنىشكا تەستىقلانسا سىزنىڭ دۇكان نامىڭىزغا خاتىرجەم ۋىۋىسكا ئېسىشقا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەگەر باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئوخشاشلا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ، ئەرز قىلىنسا تۈزىتىش تۆلىمى بېرىلىدۇ.
 
ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش بىلەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئىككى ئىش، ھەرگىز خاتا چۈشىنىۋالماڭ.
مەن ماركا ئەپەندى، بۇ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى، كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ مەسلىھەت سورىشىنى قارشى ئالىمىز.
ھەمبەھىرلەش