国语网站链接

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى نىزامى

 
 
 
جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈئەننىڭ پەرمانى
846-نومۇرلۇق
«بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى نىزامى» 2026ـ يىلى 8ـ ئاينىڭ 21ـ كۈنى گوۋۇيۈئەننىڭ 94ـ قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى،2026ـ يىلى 11ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
زۇڭلى لى چياڭ
2026-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى

 
بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى نىزامى
1-ماددا بۇ نىزام بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.
3 - ماددا بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نامىدا مەمۇرىي ھەرىكەت قىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىغا بولغان رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
4 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى ئىقتىسادىي رايونلار بويىچە تەسىس قىلىنىدۇ. بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنى تەسىس قىلىش ۋە تەڭشەش لايىھەسىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بېجىرىدۇ.
5 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە، تەۋەلىكىدىكى بازارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
( 1 ) يەككە سودا - سانائەتچىلەر، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ( بىرلەشمە كوپىراتىپى ) ۋە ئۇنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرىنى تىزىملاشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىش؛
( 2 ) يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى تىجارىتى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش؛
( 3 ) ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش، ئېلان، باھا، ئۆلچەم قاتارلىق ساھەلەرنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش؛
( 4 ) بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئەرز - شىكايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلار، تىجارەت سۇبيېكتلىرى قاتارلىقلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛
( 5 ) بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزام، قائىدىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ياكى ھەمكارلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش؛
( 6 ) بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزام، قائىدىلەرنى تەشۋىق قىلىش؛
( 7 ) باشقا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر.
بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇپ، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە بېجىرىدۇ ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
6 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەل لەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىپ ياكى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
7 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەۋەلىكىدىكى تىجارەت سۇبيېكتى، ئىستېمالچىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىش بېجىرىش تۈزۈمىنى ئاشكارىلاپ، قېلىپلاشقان، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
8 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.
9 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنى يېزا - بازار، كوچا بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىغا كىرگۈزۈشى ۋە مۇكەممەل لەشتۈرۈشى كېرەك.
بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەرز قىلىش، پاش قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېزا - بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
10 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ سەپلىنىشى تەۋەلىكىدىكى رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.
11 - ماددا بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پاك-دۇرۇس بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.
12 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىدىكى خادىملارنى تەربىيىلەشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
13 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەل لەشتۈرۈشى ھەمدە خادىملارنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.
14-ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈئەننىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
15- ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىيلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
16 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان بەلگە ئىشلىتىشى، خىزمەتچى خادىملار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئۆلچەملىك كىيىنىشى كېرەك.
17 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
18 - ماددا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ كەسپىي ئورنى، ئەترىتى، پونكىتى قاتارلىق باشقا ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىدۇ.
19 – ماددا بۇ نىزام 2026 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش نىزامى»بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.
 
ھەمبەھىرلەش