国语网站链接

ماركا ئىلتىماس قىلىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ

ماركا ئىلتىماس قىلىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرگەنگە ئوخشاش ھەقسىز بىجىرىلىدىغان كەسپ ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا بىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئالىمىز.  ماركا كەسپىنى بېجىرىش ئەقلىي ئەمگەككە تەۋە بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەجىر گە لايىق ھەق ئېلىش نۇرمال ئەھۋال. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرسە ھەق ئالمايدۇ، ئەگەر باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بىجىرگەندە  ئوخشاشلا ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئېلىنىدۇ، بۇ ئېلىشقا تىگىشلىك ھەق، شۇنداقلا قانۇن يول قويىدۇ. ئوخشاشلا، بىزگە ماركا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ھاۋالە قىلسا، تەبىئىيلا مۇناسىپ مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ.
ماركا ۋاكالەتچىسى سىزگە شۇنى ئېنىق ئېيتىشى كېرەككى، ماركا ئىلتىماسى ئوڭۇشلۇق تەستىقلانسۇن ياكى رەت قىلىنسۇن، ھۆكۈمەت ھەققى ۋە ۋاكالەتچىلىك ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ. ئەگەر بىرەرسى سىزگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مەغلۇپ بولسا تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرسە، ئۇنداقتا ئۇلار ئالدامچى بولۇشى مۈمكىن.
 بىز يوقارقىلارنى ناھايىتى ئېنىق دچۈشەندۈرسەكمۇ، لېكىن يەنىلا بەزىلەر ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا م تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇش كېرەك دەپ قارايدىكەن.  شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنسا، دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق قايتۇرمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا  بىز ماركا ۋاكالەتچىلىرمۇ سىزنى  مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ بولدۇق، ئەجەبا سىز بىز تۆلىگەن مۇلازىمەتنى قايتۇرۇپ بېرەلەمسىز؟
 شۇڭا ماركا ئىلتىماسىنىڭ ئەسلىدىنلا رەت قىلىنىش خەتىرى بار، رەت قىلىنسا ئۇنىڭغا تۆلىگەن پۇل قايتۇرۇلمايدۇ. ئەگەر سىز بۇ خەتەرنى قوبۇل قىلالمىسىڭىز، ۋاقتىنچە ماركا ئىلتىماس قىلماڭ، سىز تولۇق ئويلىنىپ، تاۋار ماركىسىنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلىڭ.
بىزنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمىز ئېنىق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن،بۇ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ قىممەتلىرىمۇ، ئەرزانلىرىمۇ بار، ئەرزان باھالىقلىرى ئاساسىي مۇلازىمەت، قىممەتلىرى بولسا يوقۇرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت، كۆپچىلىك ئېھتىياجغا قاراپ تاللىسا بولىدۇ.
 
مەن ماركا ئەپەندى، بۇ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى، كۆپچىلىكنىڭ ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىشىنى ۋە كەسىپ بېجىرىشىنى قارشى ئالىمىز.
ھەمبەھىرلەش
  • ئالدىنقى مەزمۇن: 最后一页
  • كېيىنكى مەزمۇن: بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى نىزامى