ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
نەشىر ھوقۇقى يەنى ئەسەر ھوقۇقى تىزىملىتىشتا دۆلەتنىڭكىنى تاللامدۇق ياكى يەرلىكنىڭكىنىمۇ؟

ئالدى بىلەن، دۆلەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسىنى دۆلەت نەشىر ھوقۇقى مەركىزى تارقىتىدىغان بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئورگان. يەرلىك نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسىنى ھەرقايسى يەرلىك نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى تارقىتىدۇ، لېكىن يوقارقى ھەر ئىككىسى دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ نازارەتچىلىكىدە تارقىتىلىدۇ. قانۇنى كۈچى جەھەتتە ھەر ئىككىسى ئوخشاش، سوت مەھكىمىسى ھەر ئىككىسىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. ئەمما كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە دۆلەت نەشىر ھوقۇقى مەركىزى تارقاتقان نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى يەرلىك نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى تارقاتقان نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسىدىن يوقۇرى دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسى قانۇنى ئىسپات ماتىرىيالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇن جەھەتتىكى كۈچى ئوخشاش. يەرلىك نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىدا تىزىملاشنىڭ باھاسى ئەرزان، شۇنداقلا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا كىنىشكا چىقىش ۋاقتى قىسقا. يەنە بىرسى، ئەگەر يۇمشاق دىتال ئەسەر ھوقۇقى تىزىملاتماقچى بولسىڭىز چوقۇم دۆلەت نەشىر ھوقۇقى مەركىزىدە تىزىملىتىش كېرەك، يەرلىكتە تىزىملىتىشقا بولمايدۇ.
ئەگەر دۆلەت سىرتىدا ئەسىرىڭىزنى قوغدىماقچى بولسىڭىز دۆلەت نەشىر ھوقۇقى مەركىزى تارقاتقان كىنىشكىنىڭ ئىتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى يوقۇرىراق بولىدۇ. 182 بېرىن ئەھدىنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئورتاق ئىتىراپ قىلىنىدۇ، ھەممىسىدە قوغدىلىدۇ.
نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملىتىشنىڭ ئەرزىنىمۇ، قىممىتىمۇ بار. ئادەتتە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولسا نۇرمال. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ ياكى يەرلىكنىڭ نەشىر ھوقۇقى كىنىشكىسىنى تاللاپ تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. لىكىن ھەرگىزمۇ باھاسى 3500 يۈەنلىك ، ھەتتا 5 مىڭ ياكى 10 مىڭ يۈەن باھا قويىدىغان قارا نىيەتلەرگە ئالدانماڭ، ھەممىسى پۇل ئىسراپچىلىقى. بۇ نۇقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىڭ.

ھەمبەھىرلەش