国语网站链接

نەشىر ھوقۇقى بىلەن ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قانداق پەرقى باردۇ

بىرقىسىم كىشىلەر نەشىر ھوقۇقى بىلەن ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قانداق پەرقى باردۇ ؟ دەپ چۈشىنەلمەي قالىدۇ.
 نەق گەپنىلا دىسەك،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 62- ماددىسىدا : بۇ قانۇندا دىيىلگەن ئەسەر ھوقۇقى  يەنى نەشىر ھوقۇقى دىگەن مەزمۇن بار.

 ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىككى خىل نامدا ئاتىلىدۇ؟
نەشىر ھوقۇقىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى Copyright بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى مەنىسى كۆپەيتىش ھوقۇقىنى ، يەنى كىتاب-ژۇرناللارنىڭ بېسىش ۋە كۆپەيتىش ھوقۇقىنى كۆرسىتەتتى،شۇڭا نەشىر ھوقۇقى دەپ ئاتالغان، ھازىرمۇ شۇنداق ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. ئەسەر ھوقۇقى بولسا قانۇنى ئاتالغۇ. ئۇ كۆپەيتىش ھوقۇقىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يېزىلىش ھوقۇقىنى قوغداپ، ئەسەرنىڭ قالايمىقان ئۆزگەرتىلىشىنى چەكلەيدىغان بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەر ھوقۇقى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنداقتا قوغداش ئوبىكتىنىڭ ھەممىسى ئەسەر بولامدۇ؟
 شۇنداق. ئەسەر ھوقۇقىنىڭ قوغداش ئوبىكتى دەل ئەسەر.
 مەسىلەن: ماركا بەلگىسى، تەكشىلىك لايىھەسى، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى، ئۈن-سىن، يېزىق ئەسەرلىرى، ناخشا تىكىستى ياكى مۇزىكىسى قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىجاد قىلىنغاندىلا ئەسەر ھوقۇقى شەكىللىنىدۇ.  
ھەمبەھىرلەش