شىنجاڭ ماركا تورىنىڭ جىددى ئۇقتۇرۇشى


شىنجاڭ ماركا تورى - شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى  چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى مەخسۇس ماركا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تور بېكەت بولۇپ، قۇرۇلغان نەچچە يىلدىن بۇيان نەچچە يۈزلىگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ماركا رۇيىخەتكە ئېلىش ، ماركا نامىنى يۆتكەش ، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇلازىمەت ۋە مەسلىھەت بىلەن تەمىنلەپ كەلدى ، نۆۋەتتە تور بېكىتىمىز تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئىچكى تەييارلىقلارنى باشلىغان بولۇپ ، خەلققە قولايلىق يارىتىشنى ئالدىنقى شەرت  قىلغان ئاساستا تېخىمۇ ئىشەنچلىك ، مۇكەممەل بولغان ماركا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ . 
ماركا تورىمىز بۇ يىل 2- ئايدا يېڭى تور بېكەت نەشىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، بەلگىلىك ئىقتىسات ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ماركا تۈرلىرى قاتارلىق بىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدۇق ، نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى ۋە مەزمۇنلىرىمىزدىن نەپ ئالدى , لىكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قىسىم دورامچى ، ساختا ماركا تور بېكەتلىرى بارلىققا كىلىپ ، ماركا تورىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى رۇخسەتسىز ۋە قىلچە ئەسكەرتىش بەرمەستىن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىپ ۋە ئوخشىتىپ ياساپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش بىلەن بىرگە ، خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ ،بازارنى قالايمىقانلاشتۇردى . 
بۇ يەردە تورداشلارغا ، خېرىدارلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بىجىرگەندە سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغۇچىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ . بىھۇدە ۋاقىت ۋە ئىقتىسات جەھەتتىكى زىياندىن ساقلىنىڭ . 

ھەمبەھىرلەش