شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا نېمە ئۈچۈن چوقۇم يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؟

شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا نېمە ئۈچۈن چوقۇم يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؟
 
ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمئىيەت ئىلگىرىلەۋاتقان، سودا مەھسۇلاتلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، تاۋار ماركىسى سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامايەندىسى. تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئىلتىماس  قىلىشقا باشلىدى. بىر ياخشى تاۋار ماركىسى تېخىمۇ كۆپ بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ يالغاندىن ياسىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
 
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپچىلىك ئېنىق بىلىدۇ، ھازىر شىركەت تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن شەخس رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆز نامىدا ئىلتىماس قىلغاندا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى يەككە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئالىدىغان، ياسايدىغان، پىششىقلايدىغان، ئايرىۋالىدىغان، ساتىدىغان ياكى مۇلازىمەت قىلىدىغان تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشنى زۆرۈر تاپسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. بۇ يەردە بېرىلگەن شەرت ناھايىتى ئېنىق. تەبىئىي شەخس رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم مەلۇم مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي ئىختىساسلىقلار رويخەتكە ئالدۇرسا بولىدۇ.
 
نوقۇل تەبىئىي شەخس رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋار ماركىسى بولۇپ، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ھۆددىگە ئېلىش ھەرىكىتى ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھۆججىتى بولغاندىلا، ئاندىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان« مەلۇم خىل مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي شەخس» گە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى يەككە تىجارەت گۇۋاھنامىسى بولمىغان شەخس نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن يەككە تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى بىر ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن: 
1993 -يىلى« تاۋار ماركىسى قانۇنى» دا« كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تەبىئىي شەخس شەخسىي نام بىلەن تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 
2001-يىلى« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ تاۋار ماركىسى سۇبيېكتى جەھەتتىكى تۈزىتىلمىسىدە تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى تەبىئىي شەخسلەر رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا قويۇلغان چەكلىمە ئۆزگەرتىلدى. 
ھالبۇكى، بۇ جەرياندا، شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى قويۇپ بېرىش ھاجەتسىز، يەنە بىر تەرەپتىن، باشقىلار ئىشلىتىشنى ئويلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن رويخەتكە ئالدۇرالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تاۋار ماركىسى بايلىقى ئىسراپ بولدى، ھەتتا تاۋار ماركىسى بازىرىدىكى بەزى ئادالەتسىز سودىلارمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ ھادىسىنى توسۇش ئۈچۈن، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 2007-يىلى« تەبىئىي شەخسلەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» نى ئېلان قىلىپ، تەبىئىي شەخسلەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشى، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر ياكى قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن باشقا تەبىئىي شەخسلەرنىڭ سالاھىيىتى بىلەن ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە مۇناسىپ كىنىشكا، ھۆددىگەرلىك توختامى ياكى تىزىملاش ھۆججىتى بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن.
بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ھازىرقى سىياسەت يۆنىلىشى يەنە ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە يۈزلەندى.
 2007 - يىلى ئېلان قىلىنغان« تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى بېجىرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت دائىرىسى تىجارەت كىنىشكىسى ياكى ئالاقىدار تىزىملاش ھۆججىتىدە تەستىقلانغان تىجارەت دائىرىسى بىلەن چەكلىنىدۇ ياكى ئۆزى تىجارەت قىلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ.
 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى، دۆلەت سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا تاۋار ياكى مۇلازىمەت دائىرىسىنى ئۆزى تەستىقلىغان تىجارەت دائىرىسىدە بولغان-بولمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنى تەبىئىي شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تۈر جەھەتتىكى چەكلىمە بوشاشتۇرۇلىدۇ، ئەمما تىجارەت سۇبيېكتى سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ شەرتتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
 بۇنداق بەلگىلىمىلەرنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارىغان، شۇڭا تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ئېھتىياجى بولغاندىلا تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش زۆرۈر. شەخسلەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تاۋار ماركىسى بايلىقىنى ئىسراپ قىلىش، ھەتتا بەزى ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئاخىرىدا تاۋار ماركىسى مەيلى كارخانا ياكى يەككە تىجارەتچىلەر ئۈچۈن بولسۇن، ھەممىسى تەرەققىياتنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، كەم بولسا بولمايدۇ، شۇڭا تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، بالدۇرراق ئىسپات ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىققاندا، ئاندىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ. 


شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
ھەمبەھىرلەش