تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىشتا بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟

تاۋار ماركىسى ئىگىدارلىرى بىر تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئېلىشى شەرت، شۇنداق بولغاندىلا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بەزى مۇھىم ۋاقىت ھالقىلىرىنى چۈشىنىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى ھەمدە ۋاقتىدا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى شەكلەن تەكشۈرۈش
ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندا، بىر قاتار ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، تاۋار ماركىسىنىڭ نۇسخىسى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچى ئاپپاراتىنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلغاندا يەنە ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
 تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر ئاي ئىچىدە، شۇ تاۋار ماركىسىنى شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرىدۇ، ئاساسلىق ئىلتىماس ماتېرىيالىنى توغرا تولدۇرغان-تولدۇرمىغانلىقى، تاۋار ماركىسىنىڭ نۇسخىسىنى ئېنىق كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئىناۋەتلىك-كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ؛ ئەگەر شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تارقاتقان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.
 
تاۋار ماركىسىنى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش
تاۋار ماركىسى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى تەپسىلىي ئىزدەپ، ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە، « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نى مەنئى قىلىش نىزامىغا خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىغا، روشەنلىك بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. يۇقىرىقى مەسىلىلەر كۆرۈلسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
 تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ھەر يىلى تاپشۇرۇۋالغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، تاۋار ماركىسىنىڭ ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش باسقۇچى تەخمىنەن توققۇز ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ ،ئەگەر تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى چىقىرىپ، تاۋار ماركىسى ئۇچۇرىنى باسىدۇ.

 
تاۋار ماركىسىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى

 نورمال ئەھۋالدا، تاۋار ماركىسىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى مۇددىتى تەخمىنەن ئۈچ ئاي بولىدۇ، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىكى تاۋار ماركىسى ئېلانى دېگەن كاتەكچىدە تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
 دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى ئىچىدە بەزىلەر باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قىلمىشى يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىش ياكى بۇ تاۋار ماركىسى ئاسانلا ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىن شۇ تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، رويخەتكە ئالماسلىقنى تەلەپ قىلسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشقىچە پىكىر بەرگۈچىنىڭ« تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر ئىلتىماسى» ۋە باشقىچە پىكىر ئاساسى ۋە دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتى مۇناسىپ ئۇزارتىلىدۇ.
 

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئېلانى
 تاۋار ماركىسى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانى باسقۇچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەندىن كېيىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئېلانى بېرىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تور تاۋار ماركىسى ئېلانى دېگەن كاتەكچىدىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئۇچۇرىنى ئىزدەپ تاپالايدۇ. بۇ باسقۇچ تاۋار ماركىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىدىن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بۇ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
 تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئېلانى بىر ئىككى ئاي ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدۇ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى پوچتىدىن ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە R بەلگىسى قويۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلايدۇ.

شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى  – ماركا تورى تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

 
ھەمبەھىرلەش