نىمە ئۈچۈن 35- تۈردە ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم دەيمىز؟

35-تۈر تاۋار ماركىسى ھەممىگە قادىر تاۋار ماركىسى دەپ ئاتىلىدۇ، خۇددى ھەممە ساھە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا، قايسى ساھەلەردە 35-تۈر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش كېرەك؟ ئېلان، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسى 35- تۈردىكى تاۋار ماركىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بۇ، شەخس ياكى تەشكىلات تەمىنلىگەن ئېلان، سودا تىجارىتى، سودا باشقۇرۇش، ئىشخانا ئىشلىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 
 
3501 ئېلان
3502 سودا-سانائەت باشقۇرۇش قوشۇمچە كەسپى
3503 باشقىلارغا ۋاكالىتەن سېتىش
3504 كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قوشۇمچە كەسپى
3505 سودا كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش
3506 ئىش بېجىرىش ئىشلىرى
3507 مالىيە بوغالتىرلىق
3508 ئايرىم مۇلازىمەت
3509 دورا، داۋالاش بۇيۇملىرى ياكى توپ تارقىتىش مۇلازىمىتى

يۇقىرىقى گۇرۇپپا ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى كىچىك تۈرلەر بويىچە رويخەتكە ئېلىنىدۇ. ئېلان، پىلانلاش، لايىھىلەش تۈرىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت شىركەتلىرى، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى ۋە كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق تىپتىكى شىركەتلەر  ، سېتىش سودىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر ،ئىمپورت-ئېكسپورت سودا شىركىتى، سودا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى تۈرىدىكى شىركەتلەر، بوغالتىرلىق-مالىيە شىركىتى، ئىشخانا مۇلازىمەت تىپىدىكى شىركەتلەر، تېببىي دورا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان دورىخانىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق تىجارەت كەسپى يۇقىرىقى گۇرۇپپىلاردىكى كارخانىلار چوقۇم 35-تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، كەسىپ دائىرىسى يۇقىرىقى گۇرۇپپىلاردىكى كارخانىلارغا چېتىلىدۇ، مەسىلەن، ئالاقە تورى كارخانىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى قاتارلىقلارمۇ 35-تۈردە ماركىسىنى  رويخەتكە ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 
 
3503. « باشقىلار ئۈچۈن سېتىش» تۈرى تاۋار ماركىسى ساھەسىدىكى مۇجىمەل ئۇقۇم، 3503« باشقىلار ئۈچۈن سېتىش» بۇ  گۇرۇپپا  كۆپچىلىك تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، شۇنداقلا باشقا كارخانىلارنىڭ 35-تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زۆرۈرىيىتى بار-يوقلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بەزى كارخانىلار 35-تۈر مۇلازىمەت تاۋار ماركىسى، ئۆزى بولسا ئىشلەپچىقىرىش، ياساش كارخانىسى، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىغا مۇناسىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرسىلا كېڭەيتىش ۋە سېتىشقا بولىدۇ، 35-تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 35-تۈردىكى مەزمۇنغا چېتىلمايدىغان ئىشلەپچىقىرىش، ياساش تۈرىدىكى كارخانىلار بۇ خىل تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەت جەريانىدا 35-تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرماسلىقتا ناھايىتى زور خەۋپ-خەتەر بار. 
 
مەسىلەن: A شاكىلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت، پەقەت 30-تۈردىلا شاكىلاتتىن ئىبارەت بۇ مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك« چېۋەر يۈرەك» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇپ، كارخان 35-تۈردىكى A بىلەن ئوخشاش نامدىكى« چېۋەر يۈرەك» ماركىلىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، پرىنسىپ جەھەتتە Bكارخانا« چېۋەر قەلب» تاۋار ماركىسى نامىدا شاكىلات دۇكىنى ئاچسا بولىدۇ، پەقەت ئۇلار ساتقان تاۋار A كارخانىنىڭ تاۋىرى بولمىسىلا ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلمايدۇ .لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىستېمالچىلار B نىڭ« چېۋەريۈرەك» ماگىزىنىدا سېتىلىۋاتقان« ئۈچ كىنىشكىسى يوق» مەھسۇلاتىنى A نىڭ« چېۋەر يۈرەك» ماركىلىق تاۋارلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ ،شۇنداق قىلىپ، شۈبھىسىزكى، A ناھايىتى زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرايدۇ ،ئەگەر B ماگىزىندا سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، A نىڭ« چېۋەر يۈرەك» ماركىلىق تاۋارنىڭ نامىمۇ باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، قوغداش يەنىلا ئەتراپلىق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، 35 تۈردىن ۋاز كەچسىلا، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى باشقىلارغا تاپشۇرغانغا باراۋەر بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا، مىكرو سودا ساھەسىدە 35-تۈر تاۋار ماركىسى ھەقىقەتەن جاننى قۇتقۇزىدىغان ماركا تۈرى. 
 
ئېلېكتىرونلۇق سودا، مىكرو سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن مۇھىم، چۈنكى تۈرگە ئايرىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، « چېكىپ ھەق تۆلەيدىغان ئېلان 350113» ، « ئىزدەش ماتورىنى ئەلالاشتۇرۇش 350111» ، « تور بېكىتىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئەلالاشتۇرۇش 350112» قاتارلىق ئىزدەش ماتورىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت مەزمۇنى قوشۇلدى، يەنە تور بېكىتى ئارقىلىق 350119 سودا ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش، « كومپيۇتېر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئاسراش سانلىق مەلۇماتى 350117» دىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈر ئەمەلىيەتتە 42-تۈر تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، تور بېكىتى، ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ئەسلىدە ھۆكۈم چىقىرىلمىغان، لېكىن ھازىر كۆپ ساندىكى تور بېكەتلىرىنى 35-تۈردىكى قوغداش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 35 ـ تۈر يەنە ئېلان لايىھەلەش، ماركېتىڭپىلانلاش، زەنجىرسىمان دۇكان، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سودا مەسلىھەتچىلىكى، باشقىلارغا ۋاكالىتەن سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر« پارچە سېتىش، توپ سېتىش تاۋارلىرى» قاتارلىق ئالاقىدار تاللا بازىرى، سودا سارايلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تاۋار ماركىسى تۈرىگە كىرگۈزدى، ئەمەلىيەتتە، ئۇزاقتىن بۇيان دۆلىتىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر 35-تۈردىكى« باشقىلارغا ۋاكالىتەن سېتىش» كە قارىتا دۇكان، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا يۈكسەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، شۇڭا 35-تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ قالدى. 
 
شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

ھەمبەھىرلەش