تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى


تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى 
(2005-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم-كارانتىن باش ئىدارىسى ئىدارە ئىشلىرى يىغىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 2005 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم ـ كارانتىن باش ئىدارىنىڭ 76-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى، 2005-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ) 
1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ 
1-ماددا بۇ چارە تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاۋار سىزىقلىق نومۇرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تاۋار ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا، تاۋار ئوبوروتىنىڭ ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن تۈزۈلدى. 
2-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن تاۋار سىزىقلىق كودى پارچە سېتىلىدىغان تاۋار، پارچە سېتىلمايدىغان تاۋار، ئەشيا ئوبوروت بىرلىكى، ئورنىنىڭ كودى ۋە سىزىقلىق كود بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
دۆلىتىمىز خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تاۋار كودى ۋە سىزىقلىق كود بەلگە سىستېمىسىنى قوللىنىپ، تاۋار سىزىقلىق كودىنى كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار بەلگە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. 
3-ماددا بۇ چارە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى تاۋار سىزىقلىق كودىنى رويخەتكە ئېلىش، كودلاشتۇرۇش، بېسىش، قوللىنىش ۋە باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. 
4- ماددا دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم-كارانتىن باش ئىدارىسى (تۆۋەندە دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە پىرىيوم-كارانتىن باش ئىدارىسى دېيىلىدۇ) ۋە دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتى (تۆۋەندە دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى دېيىلىدۇ) مەملىكەت بويىچە تاۋار سىزىقلىق كودى خىزمىتىگە مەسئۇل تارماق بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تاۋار سىزىقلىق كودى خىزمىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ باشقۇرىدۇ. جۇڭگو تاۋار كود مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ كود مەركىزى دېيىلىدۇ) مەملىكەت بويىچە تاۋار سىزىقلىق كودى خىزمىتى ئاپپاراتى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇشنى كونكرېت يولغا قويۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 
5-ماددا زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى تاۋار سىزىقلىق نومۇرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتكەندە چوقۇم مۇشۇ چارە بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇپ، زاۋۇتنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىغا ئېرىشىشى كېرەك. 
 
2-باب رويخەتكە ئالدۇرۇش 
6-ماددا تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ئالاقىدار قانۇنلۇق تىجارەت سالاھىيەت ئىسپاتىغا قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇت، سودىگەرلەرنىڭ كودىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 
گۇرۇھ شىركەتلەردىكى مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بالا شىركەتلەر تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە رويخەتكە ئېلىشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 
7- ماددا زاۋۇت كودنى پەرقلەندۈرۈپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى (تۆۋەندە ئىلتىماس قىلغۇچى دېيىلىدۇ) تۇرۇشلۇق جايدىكى كود مەركىزىنىڭ يەرلىك تارماق ئاپپاراتى (تۆۋەندە كود شۆبە ئاپپاراتى دېيىلىدۇ) غا بېرىپ، رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇت كودىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 
ئىلتىماس قىلغۇچى« جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسى ئەزالىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش تىزىملاش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇپ، تىجارەت كىنىشكىسى ياكى ئالاقىدار قانۇنلۇق تىجارەت سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى ھەمدە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلىشى كېرەك. 
8-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئىلتىماس ماتېرىيالىنى كودلاشتۇرغان شۆبە ئاپپارات بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى تاماملىشى كېرەك. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا، كودلاشتۇرۇش شۆبە ئاپپاراتى پىكرىنى يېزىشى ھەمدە كودلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىشى كېرەك دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولسا، كودلاشتۇرۇش شۆبە ئاپپاراتى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا قايتۇرۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 
9-ماددا دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئىلتىماس ماتېرىيالىنى كودلاشتۇرۇش مەركىزى ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئالاقىدار خىراجەتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى تاماملىشى كېرەك. مۇشۇ چارىنىڭ 6-، 7-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، كودلاشتۇرۇش مەركىزى ئىلتىماس قىلغۇچىغا رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇتنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛ بەلگىلىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە، كودلاشتۇرۇش مەركىزى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى كودلاشتۇرۇش شۆبە ئاپپاراتىغا قايتۇرۇشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 
10-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇت، سودىگەرنىڭ كودنى پەرقلەندۈرۈش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولسا، كود مەركىزى« جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسى ئەزالىق كىنىشكىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« سىستېما ئەزالىق كىنىشكىسى» دېيىلىدۇ) نى تارقىتىپ، جۇڭگو تاۋار سىزىقلىق كودى سىستېمىسىنىڭ ئەزاسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سىستېما ئەزاسى دېيىلىدۇ) سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. 
11-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، رويىخەتكە ئالدۇرۇلمىغان زاۋۇت كود تونۇمايدۇ: 
(1) تىجارەت كىنىشكىسى ياكى ئالاقىدار قانۇنلۇق تىجارەت سالاھىيىتى ئىسپات ھۆججىتىنى كۆرسەتمىگەنلەر. 
(2) ئىجتىمائىي تەشكىلات، ساھە جەمئىيىتى، ۋاسىتىچى ئاپپارات قاتارلىق تەشكىلات ياكى ئورۇنلار ئۆز ئورنىدىن باشقا ئورۇن زاۋۇت-ماگىزىنلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىنى ئىشلەتكەن بولسا. 
(3) قانۇن-نىزام ياكى خەلقئارا بۇيۇم كودى جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار. 
12-ماددا كودلاشتۇرۇش مەركىزى سىستېما ئەزالىرى ۋە ئۇلار رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇت-ماگىزىنلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. 

3-باب كود تۈزۈش، لايىھىلەش ۋە بېسىش 
13-ماددا تاۋار سىزىقلىق كودىنى كودلاش، لايىھەلەش ۋە بېسىش« تاۋار سىزىقلىق كودى» (GB12904) قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەت ئۆلچىمىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. كود مەركىزى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە زاۋۇتنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىنى تۈزۈشى كېرەك. 
14-ماددا سىستېما ئەزالىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە تاۋار كودى تۈزۈپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى كود تۈزگۈچى تارماق ئاپپاراتقا كود ئۇچۇرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. 
15-ماددا كارخانىلار تاۋار سىزىقلىق كودىنى لايىھەلىگەندە، ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن« تاۋار سىزىقلىق كودى» (GB12904) ، « ساقلاش-توشۇش بىرلىك سىزىقلىق كودى» (GB/T16830) ، « EAN.UCC سىستېمىسىنىڭ 128 سىزىقلىق كودى» (GB/T15425) قاتارلىق دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن سىزىقلىق كود بەلگىلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. 
16-ماددا تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىپ، بېسىش سالاھىيىتىگە ئېرىشسە بولىدۇ. مەتبەئەچىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن مەتبەئە كارخانىلىرى تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىش كەسپىنى ئاۋۋال ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئايرىم بەلگىلەيدۇ. 
17-ماددا مەتبەئە كارخانىلىرى تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئالاقىدار دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە بېسىپ، تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 
مەتبەئە كارخانىسى تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىش كەسپىنى قوبۇل قىلغاندا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ« سىستېما ئەزالىرى گۇۋاھنامىسى» ياكى چېگرا سىرتىدا ئوخشاش كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 
18-ماددا تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتى ئاپپاراتى سىستېما ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىش سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانىلارغا تاۋار سىزىقلىق كودىنى بېسىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 
 
4- باب ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش 
19-ماددا سىستېما ئەزالىرى ئۆز زاۋۇتىنىڭ كودنى، تاۋار كودىنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ تاۋار سىزىقلىق كودىنى پەرقلەندۈرۈشتە مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 
20-ماددا سىستېما ئەزالىرى ئۆزىنىڭ زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ. 
21-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تەستىقلىتىپ رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ، زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ كودلارنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاۋار ئورۇسىدا باشقا سىزىقلىق نومۇرلارنى ئىشلىتىپ تاۋار سىزىقلىق كودى قىلىۋېلىشىغا، تاۋار سىزىقلىق كودىنى ياسىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 
22-ماددا ساتقۇچىلار تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئاكتىپ قوللىنىشى كېرەك. ساتقۇچى ئۆزى ساتقان تاۋارغا تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدا، دۇكاننىڭ سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. دۇكان ئىچىدىكى تىك سىزىقلىق كودنى ئىشلىتىش دۆلەت ئۆلچىمى« دۇكان ئىچىدىكى تىك سىزىقلىق نومۇر» (GB/T18283) دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. 
ئىشلەپچىقارغۇچىلار دۇكاننىڭ سىزىقلىق كودىنى تاۋار سىزىقلىق كودى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 
23-ماددا ساتقۇچىلار مال كىرگۈزگەندە، تاۋار سىزىقلىق نومۇرىغا ماس كېلىدىغان« سىستېما ئەزالىق كىنىشكىسى» ياكى ئوخشاش كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. 
24-ماددا ساتقۇچىلارنىڭ 21-ماددىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تاۋارلارنى سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 
ساتقۇچىلار تاۋار سىزىقلىق نومۇرىنىڭ نامىدا مال تەمىنلىگۈچى تەرەپتىن دۇكانغا كىرىش ھەققى، جازىغا ئېلىش ھەققى، ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئېلىپ، تاۋار سىزىقلىق كودىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشقا كاشىلا قىلسا بولمايدۇ. 
25-ماددا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارغا چېگرا سىرتىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتكەندە، ئىشلەپچىقارغۇچى شۇ تاۋار سىزىقلىق كودىنى رويخەتكە ئېلىش ئىسپاتى، ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تەمىنلىشى ۋە يەرلىك كودلاشتۇرۇش تارماق ئورۇنلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ، دۆلەت كودلاشتۇرۇش مەركىزىگە يوللىشى كىرەك؛
26-ماددا دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىك باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى مەملىكەت بويىچە تاۋار سىزىقلىق كودىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى تاۋار سىزىقلىق كودىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 
27-ماددا جايلاردىكى سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى مەمۇرىي تارماقلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا پائال ماسلىشىپ، تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تاۋار كودى ۋە تاياقسىمان كودى ئىشلىتىشكە يىتەكچىلىك قىلىشى، تاۋار تاياقسىمان كودىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىنىڭ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش،توشۇش، يەتكۈزۈش،سېتىش قاتارلىق ھالقىلىرىدىكى زامانىۋىلاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كىرەك.
 
5-باب داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش 
28-ماددا زاۋۇتنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ. 
سىستېما ئەزالىرى زاۋۇتنىڭ كودنى پەرق ئېتىش كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن، شۇ جايدىكى كود تارماق ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. مۇددەت ئۆتۈپ كەتكۈچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتى بېجىرمىسە، زاۋۇت سودىگىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودى ۋە سىستېما ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. 
29-ماددا سىستېما ئەزالىرىنىڭ نامى، ئادرېسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئالاقىدار تارماق تەستىقلىغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئالاقىدار ھۆججەت ۋە« سىستېما ئەزاسى گۇۋاھنامىسى» نى ئېلىپ تۇرۇشلۇق جايدىكى كود تارماق ئاپپاراتىغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بىجىرىشى كېرەك.
30-ماددا سىستېما ئەزالىرى زاۋۇت پەرق ئېتىش كودىنى ئىشلىتىشنى توختاتسا، ئىشلىتىشتىن توختىغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى كود تارماق ئاپپاراتىغا بېرىپ تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. 
31-ماددا زاۋۇتنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، رويخەتكە ئالدۇرغان زاۋۇتنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 
32-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن زاۋۇت پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ كودلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 
33-ماددا كودلاشتۇرۇش مەركىزى سىستېمىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان كارخانا نامى ۋە ئۇنىڭ زاۋۇت پەرق ئېتىش كودىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك. 
 
ئالتىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى 
34-ماددا سىستېما ئەزالىرىدىن زاۋۇت سودىگىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودى ۋە مۇناسىپ كود نومۇرىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 
35-ماددا تەكشۈرۈپ رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ، زاۋۇتنىڭ پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتكەن بولسا، تاۋار ئورۇسىغا باشقا سىزىقلىق كودنى ئىشلىتىپ تاۋار سىزىقلىق كودى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ياكى يالغاندىن تاۋار سىزىقلىق كودىنى ياسىغان بولسا ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن زاۋۇتنىڭ پەرق ئېتىش كودى ۋە مۇناسىپ تاۋار سىزىقلىق كودىنى ئىشلەتكەن بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 
36-ماددا ساتىدىغان تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرمىغان، ئەنگە ئالدۇرمىغان ياكى ساختا تاۋار سىزىقلىق نومۇرى بېسىلغان بولسا، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 
37-ماددا ساتقۇچىلار تاۋار سىزىقلىق كودى نامى بىلەن مال تەمىنلىگۈچىدىن دۇكانغا كىرىش ھەققى قاتارلىق نامۇۋاپىق ھەقلەرنى ئالغان بولسا، مال تەمىنلىگۈچى تەرەپ قانۇن بويىچە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 
38-ماددا بۇ بابتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشكە ناھىيىدىن يۇقىرى يەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ. 
39-ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازاغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ. 
40-ماددا سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى مەمۇرىي تارماقلىرى تىك سىزىقلىق نومۇر خىزمىتى ئاپپاراتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. سىزىقلىق كود خىزمىتى ئاپپاراتى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن سىستېما ئەزالىرىغا زور زىيان يەتكەن بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 
41-ماددا تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت خادىملىرىدىن ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا مەسئۇل تارماق مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 
 
يەتتىنچى باب قوشۇمچە پىرىنسىپ 
42-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى: 
تاۋار سىزىقلىق كودى بىر گۇرۇپپا قائىدە بويىچە تىزىلغان تاياقچە، بوشلۇق ۋە ئۇنىڭغا ماس كودلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تاۋارنىڭ ئالاھىدە ئۇچۇرىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. 
پارچە سېتىلىدىغان تاۋار كودى بىلەن سىزىقلىق كود دېگىنىمىز پارچە سېتىش سىكانىرلاپ راسچوت قىلىشنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، تاۋار بىرلىكى ئۈچۈن تۈزۈلگەن كود ۋە سىزىقلىق كود بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. 
پارچە سېتىلمايدىغان تاۋارلارنىڭ كودى بىلەن سىزىقلىق نومۇر دېگىنىمىز، پارچە سېتىلمايدىغان راسچوتنى قانائەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، تاۋار بىرلىكى ئۈچۈن تۈزۈلگەن كود ۋە سىزىقلىق كود بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئوبوروت ھالقىسىدا، شۇ تاۋار بىرلىكىگە قارىتا باھا بېكىتىشكە، زاكاز قىلىشقا ياكى تالون كېسىپ بېرىشكە بولىدۇ. 
ئەشيا ئوبوروتى بىرلىك كودى بىلەن تىك سىزىقلىق كود ئەشيا ئوبوروتىدىكى ۋاقىتلىق تاۋار ئوراش-قاچىلاش بىرلىكى تۈزۈپ چىققان كود ۋە تىك سىزىقلىق كود بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. 
ئورۇن كودى بىلەن سىزىقلىق كود زاۋۇت-ماگىزىنلارنىڭ فىزىكىلىق ئورنى، فۇنكسىيەلىك تارمىقى قاتارلىقلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن كود بىلەن سىزىقلىق كود بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. 
خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودى خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان تاۋار پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىدا زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارنى ئىپادىلەيدىغان بىردىنبىر كود بولۇپ، تاۋار سىزىقلىق كودىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. 
تاۋار كودى خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت ۋە ماگىزىنلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارچە سېتىلىدىغان تاۋار، پارچە سېتىلمايدىغان تاۋار، ئەشيا ئوبوروتى بىرلىكى، ئورنى، مۈلكى ۋە مۇلازىمىتى پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىردىنبىر بەلگە قىلىنغان بىر گۇرۇپپا رەقەملىك كودنى كۆرسىتىدۇ. 
دۇكان ئىچىدىكى تىك سىزىقلىق نومۇر ماگىزىننىڭ تاۋارلارنىڭ دۇكان ئىچىدە باشقۇرۇلۇشىغا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تاۋارنى ئۆز ئالدىغا تۈزگەن ۋاقىتلىق كودى ۋە تىك سىزىقلىق نومۇر بەلگىسىنى كۆرسىتىدۇ. 
43-ماددا تاۋار سىزىقلىق نومۇرىدىن ھەق ئېلىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. 
44-ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ. 
45-ماددا بۇ چارە 2005-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1998-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سابىق دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئېلان قىلغان« تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ. 

شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 
 

ھەمبەھىرلەش