2021-يىلى3-ئاينىڭ1- كۈنىدىن باشلاپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنى ماددىلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ.

2020 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 ـ يىغىنىدا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى( 11 )» بىكىتىلدى. 2021 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ! بۇ قېتىمقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جىنايىتىگە ئالاقىدار تۈزىتىش كىرگۈزۈش1997- يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
(تۆۋەندە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر قىسمىنىلا تونۇشتۇردۇق)
17. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 213-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىگىدارىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋار، مۇلازىمەتتە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ. » . 
18. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 214-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسنى ساختا ھالدا ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ. » . 
19. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 215-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: « باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسىغان رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ. » . 
20. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: « پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ: 
 (1) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېزىق ئەسىرى، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئۈن-سىن ئەسىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەسەرلىرىنى جامائەتكە كۆپەيتىپ تارقاتقانلار؛ 
 (2) باشقىلار مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىتابلارنى نەشر قىلغانلار؛ 
 (3) ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار ئىشلىگەن ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئۇچۇر تورى ئارقىلىق كۆپچىلىككە تارقىتىش؛ 
 (4) ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار ئورۇندىغان نومۇرلار ئېلىنغان ئۈن-سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىپ تارقاتقانلار ياكى ئۇنى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق كۆپچىلىككە تارقاتقانلار؛ 
 (5) باشقىلارنىڭ ئىسمى سۇيىئىستېمال قىلىنغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىشلىگەن، ساتقانلار؛ 
 (6) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسىرى ياكى ئۈن-سىن بۇيۇمى قاتارلىقلارغا ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلارنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان تېخنىكىلىق تەدبىرلىرىدىن قەستەن باش تارتىش ياكى ئۇنى بۇزۇش. 
21. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 218-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: « پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 217-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتمە بۇيۇم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ» . » . 
22. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 219-ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: « سودا مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ :
(1) ئوغرىلىق، پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق، تەھدىت سېلىش، ئېلېكترونلۇق تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىگە ئېرىشىۋالغانلار؛ 
(2) يۇقىرىقى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش؛ 
(3) مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا دائىر تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ياكى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش. 
 ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، شۇ سودا مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشىش، ئۇنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق سودا مەخپىيىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش كېرەك. 
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ھوقۇقدار سودا مەخپىيىتىنىڭ ئىگىدارى ۋە سودا مەخپىيىتىنىڭ ئىگىدارى رۇخسەت قىلغان سودا مەخپىيىتىنى ئىشلەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. » دېدى. 
23. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 219-ماددىسىنىڭ ئاخىرىغا بىر ماددا قوشۇلۇپ، 219-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنى قىلىندى: « چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە خادىملارغا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ، تىڭ-تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. » . 

مەنبەسى :  
http://www.yuyangip.com/news/2446.html

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
 
 

ھەمبەھىرلەش