ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز بىلىپ-بىلمەيلا باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىمىز مۇمكىن، ئۇنداقتا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ قارشى تەرەپ تەدبىر قوللىنىشتىن ئىلگىرى، تاۋار ماركىسى بەلگىسى ۋە ئىشىك بېشىدىكى بېزەك قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى كۆرسىتىدىغان جايدا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىپ، ناچار تەسىرنى تۈگىتىش كېرەك. ئەگەر تۆۋەندىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا چېتىشلىق بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەدبىر قوللانمىسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 57-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ: 
(1) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش؛ 
(2) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كىتىدىغان ماركا بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛
(3) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان تاۋارنى سېتىش؛ 
(4) باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆز مەيلىچە ياساش ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز مەيلىچە ياسىغان رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى سېتىش؛ 
(5) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش ھەمدە تاۋار ماركىسى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن شۇ تاۋارنى بازارغا سېلىش؛ 
(6) باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قەستەن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلەر؛ 
(7) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقا زىيان يەتكۈزگەنلەر. 
60-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 57-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجىرا تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. 
سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ، دەپ بېكىتسە، شۇ قىلمىشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان تاۋارنى ۋە شۇنداق تاۋارنى ياساشقا، رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن قوراللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، كۆيدۈرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلار ئۆزىنىڭ بۇ تاۋارغا قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا، ھەمدە تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بېرەلىسە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش