پىشقەدەم تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ جاسارىتىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!

تەھرىر ئىلاۋىسى:2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى تىزىملاش زالى بىرىنچى مۇلازىمەت بۆلۈمى« مەملىكەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بويىچە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سادىق بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتەك سىياسىي ئېڭى، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك خەلققە بولغان ھېسسىياتى، مۇلازىمەت ھەممىدىن ئەلا بولغان كەسپىي ساپاسى، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان خىزمەت ئىدىيەسى بويىچە« تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش زالىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش روھى» نى نامايەن قىلدى. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىزمىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 2020- يىلى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش لىنىيەلىك كۈرەشتە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى ۋە خالىس تۆھپە قوشتى. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش ئۈچۈن، بىز تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ 1 ـ سېپىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ـ ئىزلىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن تەشۋىق قىلىپ، ئىسلاھات كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىمىز. 
باشقىچە پىكىرنى تەكشۈرۈش ئورنىدا شتات ئىچىدىكى كادىر 10 بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 50.3 ياش. ئائىلىنىڭ يۈكى ئېغىر، سالامەتلىك ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، بۇ پېشقەدەم تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى. ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، چېكىنمەسلىك، كەسپىي تەجرىبىسى مول بولۇش، دېلولارنى تەتقىق قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش، پىكىر لوگىكىسىدا ئېھتىياتچان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ياخشى ئىشلەپ، 2020 ـ يىلى باشقىچە پىكىر دېلولىرىدىن جەمئىي 21939 پارچىنى تەكشۈرۈپ تاماملاپ، 22 مىڭ 85 پارچىنى ئىمزا قويۇپ، پۈتۈن يىللىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى، باشقىچە پىكىرنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن 
%56 بولدى.تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۇلارنىڭ دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، خەلق ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. ئېغىر خىزمەت ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن جىسمانىي ۋە ئائىلە جەھەتتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تاۋار ماركىسىغا قارىتا باشقىچە پىكىرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. باشقارما باشلىقى يولداش لى يۇڭ« باشلامچى بۈركۈت» « باشلامچى ئەسكەر» بولۇپ، پۈتۈن يىلدا ئىمزا قويۇپ، ئومۇمىي جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. يولداش چاڭ خۇي قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، ئۇ كېسەل بولسىمۇ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، ئالدىن كېلىشىپ ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن، خىزمەت قىلىشقا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرىدى، ئۇ باشقارما باشلىقىغا، مېنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىش جەريانىدا ئورۇندىيالمىغان ۋەزىپەمنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، دېدى. دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا بارالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلدى. 
يولداش جۇ خۇا قان بېسىمى يۇقىرى بولغانلىقتىن بىنا شىپاخانىسى شۆ دوختۇر تەرىپىدىن« زورلۇق بىلەن» دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، ھازىر ھەر كۈنى تۆت خىل قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا ئىچكەندىلا ئاندىن قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ خىزمەت مىقدارىنى تاماملاش ئىشىدا قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، ھەمىشە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلايدۇ. يولداش جاڭ خۇينىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى، ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇ مۇددەتتىن يېرىم ئاي بۇرۇن ئىش ئورنىغا بېرىپ خىزمەت قىلدى، كۆپچىلىك ئۇنى ياخشى ئارام ئېلىشقا بۇيرىدى، ئۇ رەت قىلدى، چۈنكى ئۇ خىزمەت سۈرئىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيتتى. يولداش ۋېي ۋېيۋېي، جاڭ يۇڭشېڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، يىل بويى دورا ئىچىشى كېرەك ئىدى، كېسەل تۇرۇپمۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئىمزا قويۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق كۈرەش قىلدى. يولداش ليۇ جىلىڭ ئائىلىسى ۋە خىزمىتىدىكى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر تەرەپتىن كېسەل بولۇپ قالغان دادىسىنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەۋرچانلىق بىلەن شاگىرتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز يېرىمدىن باشلاپ، ئۇ ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چىگىش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دېلولاردىكى قىيىن نۇقتىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. يولداش جى چۈنياڭنىڭ ئۆيىدە ياشانغان كىشىنىڭ كېسىلى بار بولۇپ، باشقىلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج ئىدى، ئۇ تىرىشىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سەۋەبىدىن دىققىتى چېچىلىپ كېتىپ، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىدى. يولداش ۋۇ كەي كۆپ خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دائىم دوختۇرخانىدىن قايتىپ كېلىپلا يەنە خىزمەتكە كىرىشىپ كېتەتتى. يولداش دىڭ يىڭنىڭ ئائىلىسىدە تۇيۇقسىز چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەردى، ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئازاب ۋە قايغۇنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلاپ، دەرھال خىزمەت ئورنىغا قايتىپ، جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى... 
باشقىچە پىكىر ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش بىرىنچى باشقارمىسىدىكى پېشقەدەم تەكشۈرگۈچىلەر مۇنداق قارىدى: سەمىمىي ئادەم بولۇپ، راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلغاندىلا، ئەمەلىي، ئىشەنچلىك خىزمەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگىلى، دەۋرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ. ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تاۋار ماركىسى ئىسلاھاتىغا پائال ئاتلىنىپ، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بىرىنچى سوتتا ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل ئىجرا قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى مەمۇرىي جەھەتتىن قوغداشنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىرادە باغلىدى. 

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش