دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.
ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك
يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى« تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتتى) تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ .)
« ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشى سەمىمىي تىجارەت قىلىدىغان بازار سۇبيېكتى ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تەرتىپىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تارماقلار ھەمكارلىشىپ، تاۋار ماركىسىنى قەستەن رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى 2021-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك سۇيىقەستنىڭ نامۇۋاپىق مەنپەئىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بىر قەدەر چوڭ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان يامان غەرەزلىك ھالدا دۆلەت ياكى رايون ئىستراتېگىيەسى، زور پائالىيەت، زور سىياسەت، زور قۇرۇلۇش، زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ نامىنى يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرغانلار، زور تەبىئىي ئاپەت، زور ھادىسە ئاپىتى، زور كۆپچىلىك سەھىيە ۋەقەلىرى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى قاتارلىق تاسادىپىي كۆپچىلىك ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار سۆزلۈك، بەلگىلەرنى يامان غەرەزدە رويخەتكە ئېلىپ كىرگۈزگەنلەر كۆپچىلىك مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ بىر قەدەر تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى چوڭ مۇسابىقە، چوڭ كۆرگەزمە نامى، بەلگىسىگە يامان غەرەزدە ئىزاھات بەرگەنلەر؛ مەمۇرىي رايون نامى، تاغ-دەريا نامى، مەنزىرە نۇقتىسى نامى، ئىمارەت نامى قاتارلىق كۆپچىلىك بايلىقىنى يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرغانلار؛ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئورتاق نامى، ساھە ئاتالغۇسى قاتارلىق كۆپچىلىك سودا بايلىقىنى يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرغانلار؛بىر قەدەر داڭلىق كۆپچىلىك ئەربابلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، داڭلىق ئەسىرى ياكى پېرسوناژنىڭ نامىنى يامان غەرەز بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغانلار؛ باشقىلارنىڭ بىر قەدەر داڭلىق ياكى بىر قەدەر كۈچلۈك روشەن تاۋار ماركىسى ياكى باشقا سودا بەلگىسىنى يامان غەرەز بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىك تەرتىپىگە، ياخشى ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلىش ۋە سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىنى تەسىس قىلدى ھەم تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا مەخسۇس بەلگىلىمە تۈزۈپ بەردى. ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىغان يامان غەرەزدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئايرىم ھۆججەت تارقىتىپ تەرتىپكە سالدى. بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە قانۇن ـ بەلگىلىمە، قانۇن ـ تۈزۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، تارماقلار ماسلىشىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، يىپ ئۇچلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، دەل جايىدا زەربە بېرىش، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش ۋە تەشۋىقات ـ تەربىيە يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تاۋار ماركىسىغا يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىغا زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈلۈپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ قوشۇلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى، قانۇنغا خىلاپ شەخسلەر، كارخانا ۋە ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئەھۋالى ناچارلارنى ۋاقتىدا يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشى، يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇشى ۋە تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىنى ئاڭلىق توسۇشىغا ياخشى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنچىللىق مۇھىتى، بازار مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 

ھەمبەھىرلەش