خەيىر-خوش قەغەز نۇسقىدىكى ماركا كىنىشكىسى!

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىش ئۇسۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى (453-نومۇرلۇق). 
« قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىش ئۇسۇلى تەڭشەلدى، ئۇقتۇرۇش مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 
1. 2022 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، رويخەت ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى ۋە باشقا تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىدا پەيدا بولغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىلىرىغا ،قەغەز ماتىرىياللار شەكلىدە يوللانغان تاۋار ماركىسى ئىلتىماسلىرىغا  «ماركا رويخەت كىنىشكىسىنى تاپشۇرىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى» يوللىنىپ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇقتۇرۇش خېتىدە كۆرسىتىلگەن تورئادرېسى ۋە تاپشۇرىۋېلىش نومۇرى ئارقىلىق دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا كىرىپ ماركا رويخەت كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكترون نۇسقىسىنى ئېلىۋالىدۇ.ئېلېكترونلۇق ماتىرىيال شەكلىدە ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى يوللىغانلار دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا مۇلازىمەت سېستىمىسى ئارقىلىق ماركا رويخەت كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكترون نۇسقىسىنى ئېلىۋالىدۇ. ماركا رويخەت كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكتورن نۇسقىسىنى ئۆزلىرى كۆرۈپ ياكى چۈشۈرۈپ، بېسىپ چىقىرىۋالسا بولىدۇ.دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قەغەز نۇسقىدىكى ماركا رويخەت كىنىشكىسىنى ئەمدى تارقاتمايدۇ.
2. ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىنىپ، 2021 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، رويخەت ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى ۋە باشقا تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىدا پەيدا بولغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى،قەغەز ماتىرىياللار شەكلىدە يوللانغان تاۋار ماركىسى ئىلتىماسلىرىغا  «ماركا رويخەت كىنىشكىسىنى تاپشۇرىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى» يوللىنىپ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇقتۇرۇش خېتىدە كۆرسىتىلگەن تورئادرېسى ۋە تاپشۇرىۋېلىش نومۇرى ئارقىلىق دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا كىرىپ ماركا رويخەت كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكترون نۇسقىسىنى ئېلىۋالىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە قەغەز تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش كىنىشكىسى ئەۋەتىپ بېرىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇسۇلدا تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ۋاقتىنچە ئۆزگەرمەيدۇ. 
 
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلدى!
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى 
2021-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 

تەھرىر: دىمەك، 2022-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن كىيىن ، بارلىق ماركا رويخەت كىنىشكىلىرى پەقەت ئېلېكتورن نۇسقىسى شەكلىدىلا ماركا ئىگىلىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ. قەغەز نۇسقىدىكى ماركا رويخەت كىنىشكىسى بېسىلمايدۇ.ئەگەر قەغەز نۇسقىدىكى ماركا رويخەت كىنىشكىسىغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ماركا رويخەت كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكترون نۇسقىسىنى رەڭلىك بېسىپ چىقىرىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
ھەمبەھىرلەش