بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(3)

3- تەكشۈرۈپ باشقىلار ئوخشاش تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئىلتىماس قىلمىغان ماركىنى ئىلتىماس قىلىپلا چەكلىك دائىرىدە ئىشلىتىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.ماركا تەستىقلانغىچە ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
دۆلىتىمىز ماركا قانۇنىنىڭ 6- ماددىسىدا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرت، رويخەتكە ئالدۇرمىغانلارنىڭ بازاردا سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۇنداقتا قايسى قانۇن ياكى مەمۇرى نىزامدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەرت دەپ بەلگىلەنگەندۇ؟
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش زۆرۈر دەپ بەلگىلەنگەن تاۋار تاماكا تۈرىدىكى تاۋارلاردۇر. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن«مەخسۇس تاماكا تىجارىتى قانۇنى» نىڭ 19-ماددىسىدا:  «سىگارېت، پاپىروس ۋە ئورالما تاماكىنىڭ ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرت، رويخەتكە ئالدۇرمىغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا، سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.  ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنىدىمۇ دورا مەھسۇلاتلىرىغا چوقۇم رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنى ئىشلىتىش كىرەك،دەپ بەلگىلەنگەن، كىيىن بۇ بەلگىلىمە چىقىرىۋىتىلگەن. دىمەك ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردا چوقۇم رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش كىرەك دەپ بەلگىلەنگەن تاۋار تاماكا ۋە دورا تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگە چوقۇم رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنى ئىشلىتىش كېرەك دىگەن بەلگىلىمە يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ماركىنى ئىشلەتمەكچى بولغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىدە تەپسىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئىلتىماس قىلمىغانلىقى ئېنىقلانسىلا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپ چەكلىك دائىرىدە ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز بولىۋىرىدۇ، چۈنكى بۇ ماركا ھېچكىمنىڭ ئەمەس، شۇنداقلا ئىشلەتسىڭىز ھېچكىمنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان بولمايسىز. ئەگەر ماركا ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسى چىققۇچە ساقلىسىڭىز بەلكىم بىر-ئىككى يىل ساقلاپ قېلىشىڭىز، بۇ نەتىجە چىققۇچە سودا پىلانىڭىز ئۆزگىرىپ بۇ ماركىغا ئىھتىياجىڭىزمۇ قالماسلىقى مۈمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپلا نەتىجىسىنى ساقلىماي ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.  لىكىن، سىز ئىشلەتمەكچى بولغان شۇ ماركا چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ماركا قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى كىرەك.
 
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپلا چەكلىك دائىرىدە ئىشلىتىپ تۇرۇش كىرەك دەيمىز؟
چۈنكى، ماركىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، ئەگەر سىز شۇ ماركىنى كەڭ دائىرىدە مەھسۇلاتلارغا، ۋىۋىسكىلارغا ئىشلىتىپ، كۈچەپ تەشۋىق قىلسىڭىز، كىيىن ماركا ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمىسا يەنە باشقا ماركا ئويلىشىشقا توغرا كىلىدۇ، دىمەك، ماركىغا قىلغان بارلىق ئەجرىڭىز بىكار بولۇشى مۈمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىلتىماس نەتىجىسى چىققۇچە چەكلىك دائىرىدە ئىشلىتىپ تۇرۇش كېرەك.
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش