بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(4)

4- ماركىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ھەرگىزمۇ ماركىنىڭ كىچىك كىنىشكىسى ئەمەس ،شۇنداقلا ماركىنىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
بۇ يەردىكى ماركىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى دىگەن نىمە؟
بىز ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى ئۆلچەملىك تەييارلاپ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا تاپشۇرغاندىن كىيىن، دۆلەت ماركا ئىدارىسى  بارلىق ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، تەلەپكە لايىق بولسا تەخمىنەن 20 كۈن ئەتراپىدا ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى دەپ ئاتىلىدىغان بىر پارچە ئۇقتۇرۇش ھۆججىتىنى ئەۋەتىدۇ، ئەگەر ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز بۇ ئۇقتۇرۇش شۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ ماركا مۇلازىمەت سېستىمىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىڭىز ئۆلچەملىك بولمىسا دۆلەت ماركا ئىدارىسى سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىزنى قۇبۇل قىلمايدۇ ۋە ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلمىغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتىدۇ، بۇ چاغدا شۇ ھۆججەتتىكى قۇبۇل قىلىنماسلىق سەۋەبىگە ئاساسەن تۈزىتىپ قايتا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، ماركا ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى بەزىلەر دىگەندەك ماركىنىڭ كىچىك كىنىشكىسى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ئۇقتۇرۇش چىقسىلا ماركا ئىلتىماسى چوقۇم تەستىقلىنىدىغانلىقىدىنمۇ دىرەك بەرمەيدۇ.ماركا ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئاستى تەرىپىدىمۇ
« بۇ ئۇقتۇرۇش پەقەت دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماركا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنىلا بىلدۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن. ھەرقانداق بىر ماركىنى، ھەتتا دۇنياغا داڭلىق ئادىداس، نايىك، ئالما، خۇاۋېي دىگەندەك ماركىلارنىمۇ  ئۆلچەملىك ئىلتىماس ماتىرىيالى تەييارلاپ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يوللاپ پۇل تاپشۇرساقلا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىۋىرىدۇ.  پەقەت ماركا ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىز رەسمى ھالدا ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ماركىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ماركىنىڭ كىچىك كىنىشكىسى دەپ سىزنى قايمۇقتۇرغانلارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ ھەم بۇ ئۇقتۇرۇش چىقسىلا ماركا ئىلتىماسىم چوقۇم تەستىقلىنىدىكەن دەپ ئويلىماڭ. ئۇنى پەقەت ماركا ئىلتىماسىڭىزنىڭ يوللانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ياخشى ساقلاپ قۇيۇڭ.
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش