بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(5)

  5-ماركىنى شەخسى نامدا ئەنگە ئالدۇرۇش شىركەت نامىدا ئەنگە ئالدۇرۇشقا قارىغاندا مۇقىم ۋە قۇلايلىق بولىدۇ. شىركەت نامىدا ماركا ئەنگە ئالدۇرسا ئۈتۈش نىسبىتى يوقۇرى بولىدۇ،دىگەن گەپ يوق.
  بۇ يەردىكى شەخسى نامدا ۋە شىركەت نامىدا دىگەن قانداق گەپ؟ مۇقىم ۋە قولايلىق دىگەنچۇ؟
  ماركا ئەنگە ئالدۇرغاندا ماركا ئىگىسى يەنى ئەنگە ئالدۇرغۇچى دىگەن يەرگە شەخسنىڭ ئىسمى ياكى شىركەت - كوللىكتىپنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ. ئەگەر شەخسنىڭ نامىدا ئەنگە ئېلىنسۇن دىسىڭىز شۇ شەخسنىڭ كىملىكى ۋە نامىدىكى يەككە تىجارەت كىنىشكىسىنى تەمىنلەش كىرەك.ماركا ھوقۇقى شۇ شەخستە بولىدۇ.  بۇ يەردىكى يەككە تىجارەت كىنىشكىسى پەقەت رەسمىيەت ئۈچۈن كۆرۈپلا قۇيىدىغان ماتىرىيال بولۇپ، شۇ كىشى زادى بىرەر سودا-تىجارەت قىلامدۇ يوق دىگەننى تەكشۈرۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ،ماركا بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، ماركا ئەنگە ئالدۇرۇپ بولۇپ تىجارەت كىنىشكىشىنى ئۈچۈرىۋەتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.  نامىدا يەككە تىجارەت كىنىشكىسى بولمىسا ماركا ئەنگە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
  ئەگەر ماركا ھوقۇقى شىركەت  نامىدا بولسۇن دىسىڭىز شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەمىنلەيسىز، ماركا كىنىشكىسىدىكى ئەنگە ئالدۇرغۇچى دىگەن يەرگە شىركەت نامى يېزىلىدۇ، ماركا ھوقۇقى شىركەتكە تەۋە  بولۇپ، شىركەت قانۇنى ۋەكىلى ياكى پايچىكلىرىنىڭ بىۋاستە شەخسى مۈلكى بولمايدۇ. 

  ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شەخسى نامدا ماركا ئەنگە ئالدۇرۇشنى مۇقىم ۋە قولايلىق دەيمىز؟
  چۈنكى شەخسنىڭ كىملىكتىكى ئىسمى ۋە ئادرېسى مۇقىم بولىدۇ، بەلكىم ئۆمۈردە بىرنەچچە قېتىملا ئادرىس ئۆزگەرتىپ قېلىش مۈمكىن، لىكىن ئىسىم ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. شىركەت بولسا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، ئادرېسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شىركەت نامىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى مۈمكىن، يەنە بەلكىم شىركەت تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلۈپ كىتىشى مۈمكىن. ماركا قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ماركا كىنىشكىسىدىكى ماركا ئەنگە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى ۋە ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا چوقۇم دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۆزگەرتمىسىڭىز ماركا ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا دۈچ كەلگەندە بۇ ئۇچۇرلار ئەمەلىي ئۇچۇرلار بىلەن ئوخشىمىسا چوقۇم ئىسپاتلاشنى ۋە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ماركا ئىدرىسىنىڭ ماركىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش - ماتىرىياللىرى پوچتا ئارقىلىق ماركا كىنىشكىسىدىكى ئادرېسقا يەتكۈزۈلىدۇ، ئەگەر ئادرېس ئۆزگەرسە بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالالمايسىز، بەزى مۇھىم ئۇقتۇرۇشلاردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭىز، ھەتتا ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا كىنىشكىسىدىكى ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولسا چوقۇم ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك.يەنە بىر مۇھىم يىرى شۇكى، ئەگەر شىركەت تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلسە، شىركەت نامىدىكى ماركىلارنى چوقۇم باشقا شىركەت ياكى شەخسنىڭ نامىغا يۆتكەش كېرەك، بولمىسا ماركىڭىز ئىناۋەتسىز بولۇشى مۈمكىن، يەنە كىلىپ ماركا نامىنى يۆتكەشكە يەنە ئايرىم ھەق ئالىدۇ.
    يوقارقى ئەھۋالدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، شەخسى نامدىكى ماركا شىركەت نامىدىكى ماركىغا قارىغاندا مۇقىم بولىدۇ. ئەمدى بۇ يەردىكى قولايلىق دىگىنىمىز، ماركىغا مۇناسىۋەتلىك كىيىنكى رەسمىيەتلەرنى بىجىرگەندە بەزىدە شىركەتنىڭ بارلىق  پايچىكلىرىنىڭ كىملىكى ۋە ئىمزاسى قاتارلىق ماتىرىياللارنى تەلەپ قىلىشى مۈمكىن،شەخسى نامدىكى ماركىدا بولسا شۇ شەخسنىڭ كىملىكى ۋە ئىمزاسى بولسىلا كۇپايە.
  ئاخىردا دەيدىغىنىمىز، ماركىنى مەيلى شەخسى نامدا ئەنگە ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىڭ ياكى شىركەت نامىدا ئىلتىماس قىلىڭ، ئۇنىڭ كىيىنكى ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچى ۋە ئۆلچەملىرى ئوخشاش بولۇپ، ھەرگىزمۇ شىركەت نامىدا ئەنگە ئالدۇرغانلىقى ئۈچۈن باشقىچىرەك مۇئامىلە قىلىدىغان ياكى تېزرەك نەتىجە چىقىرىدىغان ئىش يوق.
 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش