يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سىزىقلىق كود مۇلازىمىتى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

 ھەرقايسى تارماق ئاپپاراتلار:
  جۇڭگو بۇيۇملارنى كودلاشتۇرۇش مەركىزى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يۇقۇمدىن بۇرۇنقى تاۋار سىزىقلىق كود ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى، كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:
( 1 ) ئەزالىققا كىرىش ھەققى. 13 خانىلىق رەقەم ئۆلچەملىك كودىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلاردىن بىر قېتىمدىلا ئەزالىققا كىرىش ھەققى ئېلىنىدۇ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر بىر كارخانىدىن 800 يۈئەن،13 خانىلىق رەقەم ئۆلچەملىك كودى ۋە سەككىز خانىلىق رەقەم قىسقارتىش كودىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلاردىن بىر قېتىمدىلا ئەزالىققا كىرىش ھەققى ئېلىنىدۇ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر بىر كارخانىدىن 1200 يۈئەن بولىدۇ.
 ( 2 ) پليونكا ياساش ھەققى. ئالاقىدار ئورۇنلار سىزىقلىق كودلۇق پليونكا ياساشنى ھاۋالە قىلغان كارخانىلاردىن پليونكا ياساش ھەققى ئالىدۇ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھەر بىر پارچىسى 32 يۈئەن بولىدۇ.
( 3 ) سىستېما قوغداش ھەققى. سىزىقلىق كود ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغان كارخانىلاردىن يىللىق سىزىقلىق كود سىستېمىسىنى قوغداش ھەققى ئېلىنىدۇ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئىمپورت - ئېكسپورت شىركەتلىرىدىن ھەر يىلى 1200 يۈئەن، گۇرۇھ شىركەتلەردىن ھەر يىلى 1200 يۈئەن، يەككە كارخانىلاردىن ھەر يىلى 640 يۈئەن ئېلىنىدۇ .
ھەرقايسى تارماق ئاپاراتلارنىڭ كۈتۈۋېلىش زالى ۋە تور بېكىتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە مەركەزنىڭ بىر تۇتاش شەكىل تەلىپى بويىچە يۇقىرىقى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىدۇ. جۇڭگو بۇيۇملارنى كودلاشتۇرۇش مەركىزى تارماق ئاپپاراتلارنىڭ ئېلان قىلىش ۋە ھەق ئېلىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ.

ھەمبەھىرلەش