جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 1990 – يىل 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا ماقۇللاندى،2001 – يىل 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 – يىغىنىنىڭ «‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى › غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى. 2010-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13-سانلىق يىغىنىنىڭ «‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى › غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلدى. 2020 – يىل 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23 – يىغىنىنىڭ «‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى › غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلدى ) ؛
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب ئەسەر ھوقۇقى

  1 – پاراگراف ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى
  2- پاراگراف ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى
  3 - پاراگراف ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى
  4 - پاراگراف ھوقۇقنىڭ چەكلىمىسى

3 - باب ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى
4 - باب ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق

  1 - پاراگراف كىتاب، گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلىش
  2 - پاراگراف ئويۇن كۆرسىتىش
  3 - پاراگراف ئۈن - سىن ئېلىش
  4 - پاراگراف رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

5 - باب ئەسەر ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلارنى قوغداش
6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

 
 1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 - ماددا ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ئەسەرلىرى ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى شۇنىڭدەك ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە تارقىتىشقا ئىلھام بېرىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ۋە ئىلىم - پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن بۇ قانۇن تۈزۈلدى.
2 – ماددا جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى قانۇنىي ئىگە ھېسابلانمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئۆزى تەۋە دۆلەت ياكى دائىم تۇرۇشلۇق دۆلەت جۇڭگو بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئالدى بىلەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە نەشر قىلىنغان بولسا، مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن كېلىشىم تۈزمىگەن ياكى خەلقئارا شەرتنامىگە بىرلىكتە قاتناشمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاپتورلىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرى جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتلەردە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان بولسا ياكى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا نەشر قىلىنغان بولسا، بۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
3 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەسەر ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى ئىجادىيلىققا ئىگە ھەمدە مۇئەييەن شەكىلدە ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ئەقلىي نەتىجىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
( 1 ) يازما ئەسەر؛
( 2 ) ئاغزاكى بايان قىلىنغان ئەسەر؛
( 3 ) مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، ئۇسسۇل، سېرك سەنئىتى ئەسەرلىرى؛
( 4 ) گۈزەل سەنئەت، بىناكارلىق ئەسەرلىرى؛
( 5 ) فوتو سۈرەت ئەسىرى؛
( 6 ) ئۈن - سىن ئەسەرلىرى؛

( 8 )   قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات چېرتيوژى، خەرىتە، كۆرسەتمە خەرىتە قاتارلىق گرافىك ئەسەرلىرى ۋە مودېل ئەسەرلىرى؛
( 8 ) كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى؛
( 9 ) ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا ئەقلىي نەتىجە.
4 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلسا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ. دۆلەت ئەسەر نەشر قىلىش، تارقىتىشنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
5 - ماددا بۇ قانۇن تۆۋەندىكىلەرگە تەتبىقلانمايدۇ:
( 1 ) قانۇن - نىزاملار، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قارار، بېكىتمە، بۇيرۇقلىرى ۋە قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىي، ئەدلىيە خاراكتېرىگە ئىگە باشقا ھۆججەتلەر، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ رەسمىي تەرجىمىسى؛
( 2 )نوقۇل پاكىت خەۋىرى؛
( 3 ) كالېندار، ھەممىباب سان جەدۋىلى، ھەممىباب جەدۋەل ۋە فورمۇلا.
6 – ماددا خەلق ئەدەبىيات – سەنئىتى ئەسەرلىرىگە دائىر ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈئەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
7 - ماددا دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ئەسەر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارماق شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
8 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنىڭ يۈرگۈزۈشىگە بەرسە بولىدۇ. قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرۇش تەشكىلاتى پايدا ئالمايدىغان قانۇنىي ئىگە بولۇپ، ھوقۇق بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز نامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ئۈچۈن ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئالاقىدار كىشى سۈپىتىدە ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان دەۋا، كېسىم، مۇرەسسە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئىشلەتكۈچىلەردىن ئىشلىتىش ھەققى ئالىدۇ. ئىشلىتىش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر ۋەكىللىرى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ، كېلىشەلمىسە، دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارمىقىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كېسىمگە قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلات ئىشلىتىش ھەققى ئېلىش ۋە يۆتكەپ بېرىش، باشقۇرۇش ھەققىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ھەققىنىڭ تەقسىملەنمىگەن قىسمى قاتارلىق ئومۇمىي ئەھۋاللارنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى ھەمدە ھوقۇق ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇپ، ھوقۇق ئىگىسى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن تەمىنلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەسئۇل تارمىقى ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك. ئەسەر ھوقۇقىنى كوللېكتىپ باشقۇرغۇچى تەشكىلاتنى تەسىس قىلىش ئۇسۇلى، ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى، ئىشلىتىش ھەققىنى ئېلىش ۋە تەقسىملەش ھەم ئۇلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى گوۋۇيۈئەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
 
 2ـ باب ئەسەر ھوقۇقى
1ـ پاراگراف ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى
9ـ ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
( 1 ) ئاپتور؛ ( 2 ) مۇشۇ قانۇن بويىچە ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان باشقا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات.
10 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى تۆۋەندىكى جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
( 1 ) ئېلان قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى جامائەتكە ئېلان قىلىش - قىلماسلىقنى قارار قىلىش ھوقۇقى؛
( 2 ) ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، يەنى ئاپتورنىڭ سالاھىيىتىنى ئىپادىلەش، ئەسەرگە ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى؛
( 3 ) تۈزىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىش ياكى باشقىلارغا ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بېرىش ھوقۇقى؛
( 4 ) ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاش ھوقۇقى؛
( 5 )كۆپەيتىش ھوقۇقى، يەنى بېسىش، كۆپەيتىش، نۇسخا ئېلىش، ئۈن ـ سىن ئېلىش، كۆچۈرۈش، سۈرەتكە ئېلىش، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەسەرنى بىر نۇسخا ياكى كۆپ نۇسخا ئىشلەش ھوقۇقى؛
( 6 ) تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى سېتىش ياكى ھەدىيە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن جامائەتكە ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسىنى بېرىش ھوقۇقى؛
( 7 ) ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقى، يەنى باشقىلارنىڭ ئۈن ـ سىن ئەسەرلىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسىنى ۋاقىتلىق ئىشلىتىشىگە ھەقلىق ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئاساسلىق نىشان بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 8 ) كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى گۈزەل ـ سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسىنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقى؛
( 9 ) ئورۇنداش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئاشكارا كۆرسىتىش، شۇنىڭدەك ئەسەرنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاشكارا ئاڭلىتىش، كۆرسىتىش ھوقۇقى؛
( 10 ) قويۇش ھوقۇقى، يەنى كىنو ئاپپاراتى، پرويېكسىيە ئاپپاراتى قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت، ئۈن - سىن ئەسەرلىرىنى ئاشكارا قايتا پەيدا بولۇش ھوقۇقى؛
( 11 ) ئاڭلىتىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا ئاشكارا تارقىتىش ياكى ئۇلاپ تارقىتىش، شۇنىڭدەك ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ياكى بەلگە، ئاۋاز، سۈرەت يەتكۈزىدىغان باشقا قوراللار ئارقىلىق جامائەتكە ئاڭلىتىدىغان ئەسەرنى تارقىتىش ھوقۇقى، لېكىن بۇ تارماقنىڭ 12 - تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ؛
( 12 ) ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى، يەنى جامائەتنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەپ، جامائەتنى ئۆزى تاللىغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئەسەرگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش؛
( 13 ) سۈرەتكە ئېلىش ھوقۇقى، يەنى ئۈن ـ سىن ئەسەرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئەسەرنى ۋاسىتىگە مۇقىملاشتۇرۇش ھوقۇقى؛
( 14 ) ئۆزگەرتىپ تۈزۈش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىچە يېڭى ئەسەر ئىجاد قىلىش ھوقۇقى؛
( 15 ) تەرجىمە قىلىش ھوقۇقى، يەنى ئەسەرنى بىر خىل تىل - يېزىقتىن يەنە بىر خىل تىل - يېزىققا ئايلاندۇرۇش ھوقۇقى؛
( 16 ) توپلاپ تۈزۈش ھوقۇقى، يەنى ئەسەر ياكى ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى تاللاش ياكى رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق يېڭى ئەسەرگە ئايلاندۇرۇش ھوقۇقى؛
( 17 ) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك باشقا ھوقۇقلار. ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئۇنىڭغا ئىجازەت بەرسە بولىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 5 ) تارماقچىسىدىن ( 17 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى باشقىلارنىڭ يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت بەرسە ھەمدە پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەق ئالسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىنىڭ ( 5 ) تارماقچىسىدىن ( 17 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ھەمدە پۈتۈم ياكى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەق ئالسا بولىدۇ.
 
2 - پاراگراف ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى
11 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئاپتورغا تەۋە بولىدۇ، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
 ئەسەر ئىجاد قىلغان تەبىئىي شەخس ئاپتور.
قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات رىياسەتچىلىك قىلغان، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ھەمدە قانۇنىي ئىگە ياكى غەيرىي قانۇنىي ئىگە تەشكىلاتى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان ئەسەرلەردە قانۇنىي ئىگە ۋە غەيرىي قانۇنىي ئىگە تەشكىلاتى ئاپتور دەپ قارىلىدۇ.
12 - ماددا ئەسەرگە ئىمزا قويغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات ئاپتور بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ ئەسەردە مۇناسىپ ھوقۇق بولىدۇ، لېكىن قارشى ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئاپتور قاتارلىق ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن تىزىملاش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئەسەرنى تىزىملىسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
13 - ماددا ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزگۈچى، تەرجىمە قىلغۇچى، شەرھلىگۈچى، رەتلىگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.
14- ماددا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن ھەمكارلاشقان ئاپتور ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. ئىجادىيەتكە قاتناشمىغان كىشى ھەمكارلاشقان ئاپتور بولالمايدۇ. ھەمكارلاشقان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى ھەمكارلاشقان ئاپتور كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ يۈرگۈزىدۇ؛ كېڭىشىپ بىرلىككە كېلەلمىسە ھەم يوللۇق سەۋەبى بولمىسا، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىلارنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىش، گۆرۈگە قويۇشتىن باشقا ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن ئېرىشكەن پايدىنى ھەمكارلاشقان بارلىق ئاپتورلارغا مۇۋاپىق تەقسىم قىلىپ بېرىش كېرەك. ھەمكارلاشقان ئەسەرنى پارچىلاپ ئىشلىتىشكە بولسا، ئاپتور ئۆزى ئىجاد قىلغان قىسمىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن مۇستەقىل بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، لېكىن ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ھەمكارلاشقان ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن ئەسەر ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ.
15 - ماددا بىر قانچە ئەسەر، ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرى ياكى ئەسەر ھېسابلانمايدىغان سانلىق مەلۇمات ياكى باشقا ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تاللاش ياكى رەتكە تۇرغۇزۇشتا ئۆزگىچە ئىجادىيلىقنى گەۋدىلەندۈرگەن ئەسەر توپلاپ تۈزۈلگەن ئەسەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن توپلاپ تۈزگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.
16 - ماددا ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، شەرھلەش، رەتلەش، توپلاپ تۈزۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئەسەرنى نەشر قىلىش، ئويۇن قويۇش ۋە ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلەشتە شۇ ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئەسلىي ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ھەمدە ھەق بېرىش كېرەك.
17- ماددا ئۈن - سىن ئەسەرلىرى ئىچىدىكى كىنو ئەسەرلىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن ئىشلىگۈچىلەر بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن سېنارىيە يازغان، رېژىسسورلۇق قىلغان، سۈرەتكە ئالغان، ناخشا تېكىستى يازغان، مۇزىكا ئىشلىگەن ئاپتور ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ئىشلىگۈچىلەر بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە ھەق ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقا كۆرۈش، ئاڭلاش ئەسەرلىرىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئىشلىگۈچىلەر بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ئاپتور ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى ۋە ھەق ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۈن - سىن ئەسەرلىرىدىكى سەھنە ئەسىرى، مۇزىكا قاتارلىق ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ئۆز ئەسەر ھوقۇقىنى ئايرىم يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.
18 - ماددا تەبىئىي شەخس قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلاتنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ئەسەر ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەر بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەسەر ھوقۇقىدىن ئاپتور بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات ئۆزىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدە ئالدىن ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق. ئەسەر پۈتۈپ ئىككى يىل ئىچىدە، ئاپتورنىڭ شۇ ئەسەرنى ئىدارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ ئورۇن ئىشلەتكەن بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەردە ئاپتور ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەسەر ھوقۇقىنىڭ باشقا ھوقۇقلىرىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات ئاپتورنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ:
( 1 ) ئاساسلىقى قانۇنىي ئىگە ياكى غەيرىي قانۇنىي ئىگە تەشكىلاتىنىڭ ماددىي، تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلىنىدۇ ھەمدە قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات چېرتيوژى، خەرىتە، كۆرسەتمە خەرىتە، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەر؛
( 2 ) گېزىتخانا، ژۇرنال نەشرىياتى، ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خادىملىرى ئىجاد قىلغان ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەر؛
( 3 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ئەسەر ھوقۇقىدىن قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات بەھرىمەن بولىدىغان ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرلەر.
 19 - ماددا ھاۋالە بويىچە ئىجاد قىلىنغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى توختامدا پۈتۈشىدۇ. توختامدا ئېنىق پۈتۈشمىگەن ياكى توختام تۈزمىگەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا تەۋە بولىدۇ.
20 - ماددا ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىشى ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، لېكىن گۈزەل سەنەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ھوقۇقىدىن ئەسلىي نۇسخىسىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى بەھرىمەن بولىدۇ. ئاپتور ئېلان قىلىنمىغان گۈزەل سەنئەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۆتۈنۈلگۈچى شۇ ئەسلىي نۇسخىسىنى كۆرگەزمە قىلسا، ئاپتورنىڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولمايدۇ.
21 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى تەبىئىي شەخسكە تەۋە بولسا، تەبىئىي شەخس ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددىسىنىڭ 1 – تارماق ( 5 ) تارماقچىسىدىن ( 17 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۆھلىتىدە قانۇن بويىچە يۆتكىلىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتقا تەۋە بولسا، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات ئۆزگەرگەن، توختىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماق ( 5 ) تارماقچىسىدىن ( 17 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتى ئىچىدە ئۇنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان قانۇنىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالمىغان قانۇنىي ئىگە ۋە قانۇنىي ئىگە ئەمەس تەشكىلات بولسا، دۆلەت بەھرىمەن بولىدۇ.
3 - پاراگراف ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى
22 - ماددا ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
23 - ماددا تەبىئىي شەخسنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى، مۇشۇ قانۇننىڭ 10 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماق ( 5 ) تارماقچىسىدىن ( 17 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى ئاپتور ئۆلۈپ 50 يىلغىچە بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئاپتور ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ؛ ئەگەر ھەمكارلاشقان ئەسەر بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئاپتور ئۆلۈپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ. قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتنىڭ ئەسىرى، ئەسەر ھوقۇقى ( ئىسىم يېزىش ھوقۇقى بۇنىڭ سىرتىدا ) دىن قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلات بەھرىمەن بولىدىغان ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ ئەسەر ئىجاد قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ؛ بۇ قانۇننىڭ 10 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ 5 - تارماقچىسىدىن 17 - تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئاخىرلىشىدۇ، لېكىن ئەسەر ئىجاد قىلىنىپ 50 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان بولسا، بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ. ئۈن ـ سىن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولۇپ، ئەسەر ئىجاد قىلىنىپ 50ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 31ـ كۈنىگىچە بولىدۇ؛ بۇ قانۇننىڭ 10ـ ماددىسىنىڭ 1ـ تارمىقىنىڭ 5ـ تارماقچىسىدىن 17ـ تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولۇپ، ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 31ـ كۈنىگىچە بولىدۇ، لېكىن ئەسەر ئىجاد قىلىنىپ 50 يىلغىچە ئېلان قىلىنمىغان بولسا، بۇ قانۇن قوغدىمايدۇ.
4- پاراگراف ھوقۇق چەكلىمىسى
24 - ماددا ئەسەرنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئىشلىتىشتە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاپتورنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى، ئەسەر نامىنى ئېنىق كۆرسىتىش كېرەك، ھەمدە شۇ ئەسەرنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە مۇۋاپىق زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ:
( 1 ) شەخسنىڭ ئۆگىنىشى، تەتقىق قىلىشى ياكى ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىپ بولغان ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىش؛
( 2 ) مەلۇم بىر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش، باھالاش ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەسەردە باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىپ بولغان ئەسەرلىرىنى مۇۋاپىق نەقىل كەلتۈرۈش؛
( 3 ) خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەرنى گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا قايتا پەيدا بولۇش ياكى نەقىل كەلتۈرۈش؛
( 4 ) گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشقا گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي مەسىلىلەرگە دائىر ئېقىم مەسىلىلىرى خاراكتېرلىك ماقالىلەر ، لېكىن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بېسىشقا، ئاڭلىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 5 ) گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا جامائەت يىغىلىشىدا ئېلان قىلىنغان سۆزلەرنى ئېلان قىلغان ياكى كۆرسەتكەن، لېكىن ئاپتور بېسىشقا، قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 6 ) ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقات ئۈچۈن مەكتەپنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ياكى ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىش، ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، توپلاپ تۈزۈش، قويۇش ياكى ئاز مىقداردا كۆپەيتىش، ئوقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن نەشر قىلىپ تارقىتىشقا يول قويۇلمايدۇ؛
( 7 ) دۆلەت ئورگانلىرى ھۆكۈمەت ئىشىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئىشلىتىدۇ؛
( 8 ) كۇتۇپخانا، ئارخىپخانا، خاتىرە سارىيى، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىش ياكى نۇسخىسىنى ساقلاش ئېھتىياجى بىلەن، ئۆز سارىيىدا ساقلانغان ئەسەرلەرنى كۆپەيتكەن بولسا؛
( 9 ) ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرنى ھەقسىز ئورۇنداش، بۇ ئويۇندا جامائەتتىن ھەق ئالماسلىق، ئورۇندىغۇچىغىمۇ ھەق بەرمەسلىك ھەمدە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماسلىق؛
( 10 ) جامائەت سورۇنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى قويۇلغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقلىد قىلىپ سىزىش، رەسىم سىزىش، سۈرەتكە ئېلىش، سىنغا ئېلىش؛
( 11 ) جۇڭگو پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاز سانلىق مىللەت تىل ـ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە نەشر قىلىپ تارقىتىش؛
( 12 ) ئوقۇش توسالغۇسى بارلار ھېس قىلالايدىغان توسالغۇسىز ئۇسۇل بىلەن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى تەمىنلەش؛
( 13 ) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.
25 - ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دەرسلىك تۈزۈپ نەشر قىلىنغاندا،ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئېلان قىلىنغان ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرى ياكى قىسقا يازما ئەسەرلەر، مۇزىكا ئەسەرلىرى ياكى يەككە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، گرافىك ئەسەرلىرىنى دەرسلىكتە توپلاپ نەشر قىلسا بولىدۇ، لېكىن بەلگىلىمە بويىچە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ھەق بېرىشى، ئاپتورنىڭ ئىسىم ـ فامىلىسى ياكى نامى، ئەسەر نامىنى ئېنىق كۆرسىتىشى ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلماسلىقى كېرەك. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

 
 3 - باب ئەسەر ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى
26 - ماددا باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلىتىشتە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ئىجازەتلىك ئىشلىتىش توختامى تۈزۈش كېرەك، مۇشۇ قانۇندا ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
( 1 ) ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلگەن ھوقۇق تۈرى؛
( 2 ) ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلگەن ھوقۇق خاس ئىشلىتىش ھوقۇقى ياكى خاس بولمىغان ئىشلىتىش ھوقۇقى؛
( 3 ) ئىشلىتىشكە ئىجازەت قىلىنغان رايون دائىرىسى، مۇددىتى؛
( 4 ) ھەق بېرىش ئۆلچىمى ۋە چارىسى؛
( 5 ) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛
( 6 ) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.
27 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 10 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ ( 5 ) تارماقچىسىدىن ( 17 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە يازما توختام تۈزۈش كېرەك. ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
( 1 ) ئەسەرنىڭ نامى؛
( 2 ) ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان ھوقۇق تۈرى، رايون دائىرىسى؛
( 3 ) ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسى؛
( 4 ) ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى؛
( 5 ) توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى؛
( 6 ) ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈش زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا مەزمۇنلار.
28 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىچىدىكى مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويۇشنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىدۇ.
29-ماددا ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئېنىق ئىجازەت بەرمىگەن، ئۆتۈنۈپ بەرمىگەن ھوقۇقنى يەنە بىر تەرەپ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ يۈرگۈزسە بولمايدۇ.
30-ماددا ئىشلىتىلگەن ئەسەرنىڭ ھەق ئۆلچىمىنى ئالاقىدارلار كېلىشىپ بېكىتسىمۇ، دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ھەق ئۆلچىمى بويىچە ھەق بېرىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، دۆلەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ھەق ئۆلچىمى بويىچە ھەق بېرىلىدۇ.
31 - ماددا نەشر قىلغۇچى، ئورۇندىغۇچى، ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلار باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشلەتكەندە، ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش ھوقۇقى، ئەسەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھوقۇقى ۋە ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.

 
4 - باب ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق
1 - پاراگراف كىتاب، گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلىش
32 - ماددا كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتاب نەشر قىلىشتا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن نەشر قىلىش توختامى تۈزۈشى ھەمدە ھەق بېرىشى لازىم.
33 - ماددا كىتاب نەشر قىلغۇچىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى نەشر قىلىشقا تاپشۇرغان ئەسەرنى توختامدىكى پۈتۈم بويىچە مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، باشقىلارنىڭ شۇ ئەسەرنى نەشر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
34 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى توختامدا پۈتۈشكەن مۆھلەتتە تاپشۇرۇشى كېرەك. كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى توختامدا پۈتۈشكەن نەشر قىلىش سۈپىتى ۋە مۇددىتى بويىچە نەشر قىلىشى كېرەك. كىتاب نەشر قىلغۇچى توختامدا پۈتۈشكەن مۆھلەتتە نەشر قىلمىسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كىتاب نەشر قىلغۇچى ئەسەرنى قايتا باسقان، قايتا نەشر قىلغان بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ھەق بېرىشى كېرەك. كىتاب ئۆكسۈپ قالغاندىن كېيىن، كىتاب نەشر قىلغۇچى قايتا بېسىش، قايتا نەشر قىلىشنى رەت قىلسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
35 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى گېزىتخانا، ژۇرناللارغا ماقالە ئەۋەتكەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە گېزىتخانىنىڭ بېسىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالمىسا ياكى ماقالە ئەۋەتىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ژۇرنالنىڭ بېسىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالمىسا، شۇ ئەسەرنى باشقا گېزىتخانا، ژۇرناللارغا ئەۋەتسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەسەر بېسىلغاندىن كېيىن، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى كۆچۈرۈپ بېسىشقا، قىسقارتىشقا بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا گېزىت-ژۇرناللار كۆچۈرۈپ باسسا ياكى تەرمە، ماتېرىيال سۈپىتىدە باسسا بولىدۇ، لېكىن بەلگىلىمە بويىچە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ھەق بېرىشى كېرەك.
36 - ماددا كىتاب نەشر قىلغۇچى ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەسەرنى تۈزەتسە، قىسقارتسا بولىدۇ. گېزىتخانا، ژۇرنال نەشرىياتى ئەسەرنى يېزىق جەھەتتىن تۈزەتسە، قىسقارتسا بولىدۇ. مەزمۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش كېرەك.
37-ماددا نەشر قىلغۇچى ئۆزى نەشر قىلغان كىتاب، ژۇرنالنىڭ بەت لايىھىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە ياكى مەنئى قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت مۇشۇ بەت لايىھىسى قوللىنىلغان كىتاب، ژۇرنال تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىنكى 10 يىل 12 ئاينىڭ 31 كۈنىگىچە بولىدۇ.
2 - پاراگراف ئورۇنداش
38 - ماددا ئورۇندىغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئورۇندىماقچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى لازىم. ئويۇن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئويۇن ئۇيۇشتۇرغاندا، شۇ تەشكىللىگۈچى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالىدۇ ھەمدە ھەق بېرىدۇ.
39 - ماددا ئورۇندىغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئورۇندىشىغا قارىتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:
( 1 ) ئورۇندىغۇچىلىق سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈش؛
( 2 ) ئورۇنداش ئوبرازىنىڭ بۇرمىلانماسلىقىنى قوغداش؛
( 3 ) باشقىلارنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشىگە ۋە ئاشكارا تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەمدە ھەق ئېلىش؛
( 4 ) باشقىلارنىڭ ئۈن ـ سىن ئېلىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەمدە ھەق ئېلىش؛
( 5 ) باشقىلارنىڭ ئۆزى ئورۇنلىغان ئۈن ـ سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئىجارىگە بېرىشىگە ئىجازەت بېرىش ھەمدە ھەق ئېلىش؛
( 6 ) باشقىلارنىڭ ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەم ھەق ئېلىش. ئىجازەت بېرىلگۈچى ئالدىنقى تارماقنىڭ ( 3 ) تارماقچىسىدىن ( 6 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە ئەسەرنى ئىشلەتكەندە، يەنە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك.
40 - ماددا ئارتىسلارنىڭ ئۆز ئورنىنىڭ ئويۇن قويۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئويۇنى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئويۇن بولۇپ، ئارتىسلار سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئويۇن ئوبرازىنى بۇرمىلاشتىن ساقلاش ھوقۇقىغا ئىگە، باشقا ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ۋەزىپە دائىرىسىدە ئويۇن قويۇش ھوقۇقىدىن ئويۇن قويغۇچى ئورۇن بەھرىمەن بولىدۇ. ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئويۇن قويۇش ھوقۇقىدىن ئارتىسلار بەھرىمەن بولسا، ئويۇن قويغۇچى ئورۇن شۇ ئويۇننى ئۆزىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدە ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدۇ.
41-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ ( 1 )، ( 2 ) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 39 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ 3 - تارماقچىسىدىن 6 - تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولىدۇ، بۇ مۇددەت شۇ ئويۇن كۆرسىتىلىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ.
3 - پاراگراف ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلەش
42 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈن - سىن بۇيۇمىنى ئىشلىمەكچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك. ئۈن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ئۈن بۇيۇمى قىلىپ ئىشلىگەن مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىپ ئۈن بۇيۇمى ئىشلىگەندە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بەلگىلىمە بويىچە ھەق بېرىشى كېرەك؛ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
43 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلەشتە ئورۇندىغۇچى بىلەن توختام تۈزۈشى ھەمدە ھەق بېرىشى كېرەك.
44ـ ماددا ئۈن ـ سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر ئۆزى ئىشلىگەن ئۈن ـ سىن بۇيۇمىنى باشقىلارنىڭ كۆپەيتىشى، تارقىتىشى، ئىجارىگە بېرىشى، ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەمدە ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولۇپ، شۇ بۇيۇم تۇنجى قېتىم ئىشلىنىپ 50ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 31ـ كۈنىگىچە بولىدۇ. ئىجازەت بېرىلگۈچى ئۈن ـ سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىشتا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى، ئورۇندىغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەمدە ھەق بېرىشى كېرەك؛ ئىجازەت بېرىلگۈچى ئۈن ـ سىن بۇيۇمىنى ئىجارىگە بېرىشتە، ئورۇندىغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەمدە ھەق بېرىشى كېرەك.
45 - ماددا ئۈن بۇيۇمىنى سىملىق ياكى سىمسىز ئاشكارا تارقىتىشتا ياكى ئاۋاز يەتكۈزىدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق جامائەتكە ئاشكارا تارقىتىشتا، ئۈن ئىشلىگۈچىگە ھەق بېرىش كېرەك.
4 - پاراگراف رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى
46 - ماددا رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنمىغان ئەسەرلىرىنى ئاڭلاتماقچى بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك. رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئاڭلاتقاندا، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بەلگىلىمە بويىچە ھەق بېرىشى كېرەك.
47ـ ماددا رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى مەنئى قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
( 1 ) ئۆزى ئاڭلاتقان رادىئو ـ تېلېۋىزىيەنى سىملىق ياكى سىمسىز ئۇسۇلدا ئۇلاپ ئاڭلىتىش؛
( 2 ) ئۆزى ئاڭلاتقان رادىئو ـ تېلېۋىزىيەنى لېنتىغا ئېلىش ۋە كۆپەيتىش؛
( 3 ) ئۆزى قويۇۋاتقان رادىئو ـ تېلېۋىزىيىنى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق ئاممىغا تارقىتىش. رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزگەندە، باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە تەسىر يەتكۈزسە، چەك قويسا ياكى دەخلى - تەرۇز قىلسا بولمايدۇ. بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 50 يىل بولۇپ، شۇ رادىيو - تېلېۋىزىيە تۇنجى قېتىم قويۇلۇپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولىدۇ.
48 - ماددا تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى باشقىلارنىڭ ئۈن - سىن ئەسىرى، سىن بۇيۇمىنى كۆرسىتىشتە، ئۈن - سىن ئەسىرى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك؛ باشقىلارنىڭ ئۈن - سىن بۇيۇمىنى كۆرسىتىشتە يەنە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى ھەم ھەق بېرىشى كېرەك.
5-باب ئەسەر ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى قوغداش
49 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن، ھوقۇق ئىگىسى تېخنىكىلىق تەدبىر قوللانسا بولىدۇ. ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ تېخنىكا تەدبىرىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، تېخنىكا تەدبىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئالاقىدار قۇرۇلما ياكى زاپچاسلارنى ياسىشىغا، ئىمپورت قىلىشىغا ياكى جامائەتكە تەمىنلىشىگە يول قويۇلمايدۇ، باشقىلارنىڭ تېخنىكا تەدبىرىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئۈچۈن تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تېخنىكىلىق تەدبىر ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەسەر، ئويۇن، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى كۆرۈش، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش ياكى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتنى ئەسەر، ئويۇن، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك تېخنىكىسى، قۇرۇلمىسى ياكى زاپچاسلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
50 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا تېخنىكا تەدبىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن باشقىلارغا تېخنىكا تەدبىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا دائىر تېخنىكا، قۇرۇلما ياكى زاپچاسلارنى بېرىشكە بولمايدۇ، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ:
( 1 ) مەكتەپنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشى ياكى پەن تەتقىقاتى ئۈچۈن ئېلان قىلىنىپ بولغان ئاز مىقداردىكى ئەسەرنى ئوقۇتۇش ياكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ، شۇ ئەسەرگە نورمال يول بىلەن ئېرىشكىلى بولماسلىق؛
( 2 ) پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلماي، ئوقۇش توسالغۇسى بارلار ھېس قىلالايدىغان توسالغۇسىز ئۇسۇل بىلەن ئېلان قىلىنغان ئەسەرنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، بۇ ئەسەرگە نورمال يول بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ؛
( 3 ) دۆلەت ئورگانلىرى مەمۇرىي، مەمۇرىي تەپتىش، ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ؛
( 4 ) كومپيۇتېر ۋە ئۇنىڭ سىستېمىسى ياكى تورىنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى سىناش؛
( 5 ) شىفىرلاشتۇرۇش تەتقىقاتى ياكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى تەتۈر يۆنىلىشلىك قۇرۇلۇشى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش.
ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقنى چەكلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.
51 - ماددا ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ:
( 1 ) ئەسەر، بەت لايىھەسى، ئويۇن، ئۈن - سىن بۇيۇمى ياكى رادىيو، تېلېۋىزوردىكى ھوقۇق باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى قەستەن ئۆچۈرۈۋېتىش ياكى ئۆزگەرتىش، لېكىن تېخنىكا جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 2 ) ئەسەر، بەت لايىھەسى، ئويۇن، ئۈن سىن بۇيۇمى ياكى رادىيو، تېلېۋىزوردىكى ھوقۇق باشقۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، يەنىلا جامائەتكە بېرىش؛
52 - ماددا تۆۋەندىكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ دەخلى - تەرۇزنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىش، ناماقۇل بولۇش، زىياننى تۆلەش قاتارلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
( 1 ) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئېلان قىلغانلار؛
( 2 )ھەمكارلاشقان ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرنى ئۆزى يالغۇز ئىجاد قىلغان ئەسەر قاتارىدا ئېلان قىلغانلار؛
( 3 ) ئىجادىيەتكە قاتناشماي، شەخسىي نام ـ مەنپەئەتنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئىمزا قويغانلار؛
( 4 ) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى بۇرمىلىغانلار، ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر؛
( 5 ) باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوغرىلىغانلار؛
( 6 ) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەسەرنى كۆرگەزمە قىلىش، كۆرۈش، ئاڭلاش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلەتكەنلەر ياكى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتكەنلەر بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 7 ) باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلەتكەنلەردىن ھەق بېرىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ ھەق بەرمىگەنلەر؛
( 8 ) ئۈن ـ سىن ئەسەرلىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، ئۈن ـ سىن بۇيۇمى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى، ئورۇندىغۇچى ياكى ئۈن ـ سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەسىرى ياكى ئۈن ـ سىن بۇيۇمىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسىنى ئىجارىگە بەرگەنلەر بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 9 ) نەشر قىلغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزى نەشر قىلغان كىتاب، ژۇرنالنىڭ بەت لايىھىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛
( 10 ) ئورۇندىغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسەتكەن ياكى ئۇنىڭ نەق مەيداندا كۆرسەتكەن ئويۇنىنى ئاشكارا تارقاتقان ۋە ياكى سىنغا ئالغان بولسا؛
( 11 ) ئەسەر ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار.
53 - ماددا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئەھۋالغا قاراپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 52 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى جامائەت مەنپەئەتىنىمۇ زىيانغا ئۇچراتقانلارنى ئەسەر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارماق ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ھوقۇققا چېقىلىپ ئىشلەنگەن كۆپەيتمە بۇيۇم شۇنىڭدەك ھوقۇققا چېقىلىپ ئىشلەنگەن كۆپەيتمە بۇيۇم ياساشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال، سايمان، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، زىيانسىزلاندۇرۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغان، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنى ھېسابلاش قىيىن بولغان ياكى 50 مىڭ يۈئەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 250 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
( 1 ) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئورۇنداش، قويۇش، ئاڭلىتىش، توپلام قىلىش، ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش؛ بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 2 ) باشقىلار مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كىتابلارنى نەشر قىلغانلار؛
( 3 ) ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار ئورۇندىغان ئۈن ـ سىن بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ، تارقىتىپ ياكى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقاتقان بولسا، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 4 ) ئۈن - سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار ئىشلىگەن ئۈن - سىن بۇيۇمىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش، ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 5 )ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، رادىيو - تېلېۋىزىيەنى ئاڭلىتىش، كۆپەيتىش ياكى ئۇچۇر تورى ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 6 ) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، تېخنىكا تەدبىرىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغانلار ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار، تېخنىكا تەدبىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان قۇرۇلما ياكى زاپچاسلارنى قەستەن ياسىغانلار، ئىمپورت قىلغانلار ياكى باشقىلارغا تېخنىكا تەدبىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلار ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ئۈچۈن تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلغانلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 7 ) ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەسەر، بەت لايىھىسى، ئويۇن، ئۈن - سىن بۇيۇمى ياكى رادىئو - تېلېۋىزىيىدىكى ھوقۇق باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى قەستەن ئۆچۈرۈۋەتكەن ياكى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر، ئەسەر، بەت لايىھىسى، ئويۇن، ئۈن - سىن بۇيۇمى ياكى رادىئو - تېلېۋىزىيىدىكى ھوقۇق باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلار ئاممىغا يەنىلا بەرگەنلەر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
( 8 ) باشقىلارنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ئەسەرنى ئىشلىگەن، ساتقانلار.
54- ماددا ئەسەر ھوقۇقىغا ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلار ھوقۇق ئىگىسىنىڭ شۇ سەۋەبتىن تارتقان ئەمەلىي زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بويىچە تۆلەم بېرىشى كېرەك؛ ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ھېسابلاش قىيىن بولسا، شۇ ھوقۇقنى ئىشلىتىش ھەققىدىن پايدىلىنىپ تۆلەم بەرسە بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىغا ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا قەستەن دەخلى - تەرۇز قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلگەن سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن تۆلەم بېرىلسە بولىدۇ. ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققىنى ھېسابلاش تەس بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا قاراپ،500 يۈئەندىن يۇقىرى،5 مىليون يۈئەندىن تۆۋەن تۆلەم بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. تۆلەم سوممىسى ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ھوقۇقدار زۆرۈر دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلغان بولسىمۇ، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال قاتارلىقلارنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئاساسلىق ئىگىلىگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال قاتارلىقلارنى بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال قاتارلىقلارنى بەرمىسە ياكى ساختا ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەمىنلىگەن دەلىل - ئىسپاتلىرىدىن پايدىلىنىپ بېكىتسە بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتمىنى ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتمىنى ياساشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال، قورال، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ؛ ياكى ئالاھىدە ئەھۋالدا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتېرىيال، قورال، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنىڭ سودا يولىغا كىرىشىنى مەنئىي قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ.
55 - ماددا ئەسەر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارماق ئەسەر ھوقۇقىغا ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا، ئالاقىدار كىشىلەردىن سوراپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا چېتىشلىق سورۇنى ۋە بۇيۇمىنى نەق مەيداندا تەكشۈرسە بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ئالاقىدار توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا چېتىشلىق سورۇن ۋە بۇيۇملارنى پېچەتلىسە ياكى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. ئەسەر ھوقۇقىغا مەسئۇل تارماق ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.
56 – ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق – مەنپەئەت ئىگىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىدىغان ياكى دەخلى – تەرۈز قىلىدىغان قىلمىشىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، سادىر قىلىدىغانلىقىنى، ۋاقتىدا توسمىسا ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى دەلىل – ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىيالىسا، دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا ۋە مەلۇم ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇش ياكى مەلۇم ھەرىكەت قىلىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.
57 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دەلىل - ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېلىش تەس بولغان ئەھۋالدا، دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل - ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
58 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى سوت قىلىشتا، ئەسەر ھوقۇقىغا ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى، ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلىپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان پۇل – مېلىنى مۇسادىرە قىلسا بولىدۇ.
59 - ماددا كۆپەيتمە بۇيۇمنى نەشر قىلغۇچى، ئىشلىگۈچى ئۆزىنىڭ نەشر قىلىش، ئىشلەشتە قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، كۆپەيتمە بۇيۇمنى تارقاتقۇچى ياكى ئۈن - سىن ئەسىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى، ئۈن - سىن بۇيۇمى كۆپەيتمىسىنى ئىجارە بەرگۈچى ئۆزى تارقاتقان، ئىجارە بەرگەن كۆپەيتمە بۇيۇمنىڭ قانۇنلۇق كېلىش مەنبەسى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دەۋا تەرتىپىدە، ھوقۇققا چېقىلدى، دەپ دەۋا قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلسا، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغانلىقىنى ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەھۋال بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
60-ماددا ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسى مۇرەسسە قىلىنسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن يازما كېسىم كېلىشىمىگە ياكى ئەسەر ھوقۇقى توختامىدىكى كېسىم ماددىلىرىغا بىنائەن كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. .ئالاقىدارلار كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلمىغان، ئەسەر ھوقۇقى توختامىدىمۇ كېسىم بىتىملىرى بولمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
61 - ماددا ئالاقىدارلار توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى پۈتۈمگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭدەك ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلىشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

 
6- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
62 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەسەر ھوقۇقى نەشر ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
63 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 2 - ماددىسىدا ئېيتىلغان نەشر قىلىش ئەسەرنى كۆپەيتىش، تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
64-ماددا كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى، ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقىنى قوغداش چارىسىنى گوۋۇيۈئەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.
65 – ماددا فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى، مۇشۇ قانۇننىڭ 10 – ماددىسىنىڭ 1 – تارماق ( 5 ) تارماقچىسىدىن ( 17 ) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى 2021 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن توشقان بولسىمۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يەنىلا قوغداش مۇددىتى ئىچىدە بولغانلىرى قوغدالمايدۇ.
66 - ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە نەشر قىلغۇچى، ئورۇندىغۇچى، ئۈن - سىن تەييارلىغۇچى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھوقۇقى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوغداش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، بۇ قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھوقۇققا چېقىلىش ياكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ھوقۇققا چېقىلىش ياكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى يۈز بەرگەن چاغدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
67 - ماددا بۇ قانۇن 1991 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

تەرجىمە مەنبەسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى تورى 

https://www.gov.cn/guoqing/2021-10/29/content_5647633.htm
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
ھەمبەھىرلەش