بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(6)

بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى
6-ماركا ئىلتىماس قىلىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ. ئەگەر ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا بۇ ھەقنى قايتۇرمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز دىگەنلەرگە ئىشەنمەڭ.
بۇ يەردىكى دۆلەت ماركىسى ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟
مەيلى يېڭىدىن ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش بولسۇن ياكى ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ماركا نامىنى يۆتكەش، ماركىغا قارشى پىكىر بېرىش، ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىگەن ماركىنى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلىش، ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىش، ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىش قاتارلىق باشقا ماركا كەسىپلىرى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ، ھەق تۆلىمىسىڭىز بۇ كەسىپلەرنى قۇبۇل قىلمايدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرگەندە ھەق ئالىدۇ، مىنىڭچە بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ماركا كەسىپلىرىدىن ئالىدىغان ھەققى ئەڭ ئاز بولۇشى مۈمكىن.
ئۇنداقتا، ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا نىمە ئۈچۈن ئېلىنغان ھەقنى قايتۇرمايدۇ؟ چۈنكى، سىزنىڭ ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىڭىزنى قۇبۇل قىلىش، ماركىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ نەتىجە چىقىرىش ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، چوقۇم ماركا قانۇنى، ماركا تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا ماركا بەلگىسى ئۈستىدىكى يېزىق ۋە بەلگە – شەكىللەر مۇرەككەپ ۋە قانۇنىيەتسىز بولۇپ، بۇنى كومپىيۇتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇشقا ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئادەم كۈچى ئارقىلىق ھەرخىل يېزىق، بەلگە- شەكىللەرنى تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ ، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە تەدبىقلاپ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرش كېرەك. دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن بۇنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن نەتىجىنى يەنە 3 ئاي جەمئىيەتتە اشكارا ئېلان قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى قىلامدۇ يوق دىگەننى ئېنىقلاش كېرەك.
دىمەك، يوقارقى جەريانغا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت يوقارقى ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرگەندە ئۇنىڭدىن مۇناسىپ ھەق ئالىدۇ ۋە ئىلتىماس تەستىقلانمىسا بۇ ھەقنى قايتۇرمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلسىڭىز، ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان يوقارقى ھەقتىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى قوشۇپ ئالىدۇ.چۈنكى ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تەييارلاپ يوللاش، دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇش ماتىرىياللارنى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈش قاتارلىقلارغىمۇ شۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ زىھنى، ئەجرى ۋە ۋاقتى سەرپ بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن بەلگىلىك ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئېلىش ئۇلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقى.  
دۆلىتىمىز ماركا قانۇنى ۋە ماركا قانۇنى ئىجرا قىلىش بەلگىلىمىسى قاتارلىق قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا 100% كاپالەتلىك قىلىمىز، ماركا ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز دىگەندەك ساختا تەشۋىقاتلار بىلەن ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ كەسىپ بىجىرگۈزگەنلەرگە جەرىمانە قۇيۇلغان ئەمەلىي مىساللار بار. ھېچكىم ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا 100% كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ئەگەر ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا، ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سىزگە قايتۇرۇشى كېرەك. سىزچە بۇنداق زىيان تارتىدىغان تىجارەتنى قىلىدىغان ئاخماق ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى بامىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ساختا ئېلان تەشۋىقات، ساختا ۋەدىلەرگە، ئەرزان باھا قايمۇقتۇرۇشلىرىغا ئىشەنمەڭ. ماركا ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز دىگەنلەرگە تېخىمۇ ئىشەنمەڭ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش