بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(7)

  7-ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولۇپ،بۇ ۋاقىت تۇشۇشقا 1 يىل قالغاندىن باشلاپ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ،ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاقىت ئۇزارتىش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ.ھەرقېتىمدا 10 يىل ئۇزارتىلىدۇ.
بۇ يەردىكى ئىناۋەتلىك ۋاقىت دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟
  ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا رويخەت كىنىشكىسى تارقىتىدۇ. كىنىشكا ئۈستىدە ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى يىل،ئاي،كۈنگىچە ئېنىق يېزىلغان. يەنى بۇ ماركا مۇشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە رەسمى قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ،ماركا ئىگىسى بۇ ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ۋە  ماركا قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. مۇشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت تۇشۇشقا بىر يىل قالغاندىن باشلاپ بىر يېرىم يىل ئىچىدە ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلمىسىڭىز ماركىڭىز ئىناۋەتسىز بولىدۇ، يەنى بۇ ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى سىزدە بولمايدۇ، ماركا قانۇنىمۇ قوغدىمايدۇ، بۇ ماركىنى كىم ئىشلەتسە بولىۋىدۇ، ئۇنىڭغا سىزنىڭ چەكلەش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ.بۇ مەزگىلدە باشقىلار بۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلىۋالسا سىزنىڭ ئىشلىتىڭىزنى چەكلەيدۇ.
  دۆلىتىمىزدە رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ، خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ماركا ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئاساسەن 10 يىل بولۇپ، بىرقىسىم دۆلەتلەردە 7 يىل، بەزى دۆلەتلەردە 15 يىل بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، ماركا ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش ئەمەس، بەزى دۆلەتلەر ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ھىساپلايدۇ، بەزى دۆلەتلەردە ماركا رەسمى رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ، دۆلىتىمىزدىمۇ دەل ماركا رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ.
  گەرچە ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى  10 يىل بولسىمۇ، 10 يىل تۇشۇشقا 1 يىل قالغاندىن باشلاپ يەنى 10-يىلىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلساق ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى يەنە 10 يىل ئۇزارتىلىدۇ، دىمەك، مانا مۇشۇنداق ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىپ ماركا ھوقۇقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ.
  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يىرى شۇكى، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش چوقۇم 10-يىلىغا قەدەم قويغان كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن 1 كۈن بۇرۇنمۇ ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى سۇنۇشقا بولمايدۇ. بەزىدە سىز بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق  چوڭ شەھەرلەردىكى بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ تېلېفونىنى قۇبۇل قىلىسىز، ئۇلار ماركىڭىزنىڭ ۋاقتى تۇشۇشقا 2-3 يىل قالغان ۋاقىتتىمۇ سىزگە ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئەسكەرتىدۇ ۋە ھەق ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئالدىراپ پۇل تاپشۇرۇپ يۈرمەڭ.
  ئەگەر سىز ماركىڭىزنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ 10-يىلىدىكى مۇشۇ 1 يىل ئىچىدىمۇ ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلمىسىڭىز، دۆلەت ماركا ئىدارىسى سىزگە يەنە 6 ئاي كەڭچىللىك ۋاقتى بېرىدۇ، لىكىن، بۇ مەزگىلدە ئۇزارتشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز ئەسلىدىكى ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيەت ھەققىگە ئەسلىدىكىدىن يېرىم ھەسسە ھەقنى قوشۇپ ئالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىش تەننەرقى بىر ئاز ئېشىپ كىتىدۇ. مۇشۇ 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدىمۇ يەنىلا ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلمىسىڭىز ماركىڭىز ئىناۋەتسىز قىلىنىپ، كىيىن باشقىلار بۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلسا شۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان ياكى داۋاملىق ئىشلىتىش قىممىتى بار دەپ قارىغان ماركىڭىزنى چوقۇم مۇشۇ بەلگىلەنگەن مەزگىلدە ۋاقىت ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىۋېلىڭ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش