بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(8)

8-ماركىنىڭ تۈر دائىرىسىنى خالىغانچە تاللاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىدىكى تىجارەت دائىرىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
بۇ يەردىكى ماركىنىڭ تۈر دائىرىسى دىگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ماركا 45 چوڭ تۈرگە بۈلۈنگەن بولۇپ، ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ھەرخىل تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق بارلىق تاۋار-مەھسۇلاتلار، تېز تاماقخانا، رېمونتخانا،تاللا بازار، ساتراشخانا،باقمىچىلىق،تېز يەتكۈزۈش دىگەندەك ھەرخىل كەسىپلەر خاراكتىرى ۋە باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرى بىلەن مۇشۇ 45 تۈرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىز ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلغاندىمۇ شۇ ماركىنى قايسى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن يوقارقى ماركىنىڭ 45 چوڭ تۈرى ئىچىدىكى ماس كىلىدىغان كىچىك تۈرلەرنى تاللاپ شۇ تۈرگە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىمىز.مەسىلەن، سىز ناۋايخانا ئاچماقچى بولۇپ، ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ناننىڭ ئورالمىسىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 30-تۈردىكى نان تۈرىنى تاللايسىز، ناۋايخانا ۋىۋىسكىسىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ماركا تۈرلىرى جەدۋىلىدە ناۋايخانا دەپ تۈر يوق، پەقەت خاراكتىر جەھەتتىن يېمەكلىك تەمىنلەش مۇلازىمىتى بولغاچقا 43-تۈر يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى تاللايسىز. باشقا تاۋار - مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغانلار ياكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ مانا مۇشۇنداق 45 تۈر ئىچىدىن قوغداشقا تىگىشلىك تۈرلەرنى تاللاپ قوغدىشى كېرەك.
بۇرۇن ماركا تىزىملاتماقچى بولغانلار مەيلى شىركەت- كوپراتىپ بولسۇن ياكى يەككە تىجارەتچىلەر بولسۇن، رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركىنىڭ تۈرى تىجارەت كىنىشكىسىدىكى تۈر دائىرىسىدە بولۇشى ياكى شۇنىڭغا يېقىن خاراكتىردىكى دائىرىدە بولۇشى كېرەك ئىدى. كىيىن دۆلەت ماركا ئىدارىسى بۇخىل چەكلىمىنى بىكار قىلدى، يەنى رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان ماركا تۈرى بىلەن تىجارەت كىنىشكىدىكى تىجارەت دائىرىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. بۇ دىگەنلىك، ساتراشخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلىتىپ تېز تاماقخانا تۈرىگە ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ دىگەنلىك.
 شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولسىڭىز نامىڭىزدا تىجارەت كىنىشكىسى بولسا ياكى ئىشەنچلىك تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ نامىدا تىجارەت كىنىشكا بولسىلا شۇنى ئىشلىتىپ ئىلتىماس قىلىۋىرىڭ. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش