بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(9)

  9-ماركىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ %100 تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
  بۇ يەردىكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ دىگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
  ماركا ھەرخىل يېزىق، سان، بەلگە-شەكىللەردىن ۋە ئۇلارنىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، يېزىق ۋە شەكىل جەھەتتىكى قۇرۇلمىسى بىر قەدەر كۆپ خىللىق ۋە مۇرەككەپلىكتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىكى ماركا رويخەت ئىلتىماسلىرىنى تەكشۈرگۈچى خىزمەتچىلەر چوقۇم ماركىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرقايسى يېزىق، بەلگە-شەكىللەرنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان چوڭ تۈر ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك تۈرلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئوخشاش ياكى يېقىن كىلىدىغان باشقا ماركا بار يوقلىقىنى تەپسىلى تەكشۈرۈشى، شۇنداقلا، بۇ ماركا ئۈستىدىكى يېزىق ۋە بەلگىلەر ماركا قانۇنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كىلەمدۇ يوق دىگەنلەرگىمۇ ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ماركا ئۈستىدە ئازسانلىق مىللەت تىل يېزىقى بار بولسا، ئۇنى چوقۇم شۇ ئازسانلىق مىللەتلەر تۇرۇشلۇق رايۇندىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىغا يوللاپ، بىرتۇتاش دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرىشى كېرەك. يوقارقى مەشغۇلاتلارنى كومپىيۇتېر ئارقىلىق بىۋاستە تەكشۈرۈپلا نەتىجىسىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ،چوقۇم كومپىيۇتېردا تەكشۈرۈشكە ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرگۈچى خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، بىلىم قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ئوخشاش بىر ماركىغا نىسبەتەن چىقىرىلغان ھۆكۈمدىمۇ پەرىق بولۇشى مۈمكىن، شۇنداقلا ماركا رويخەت ئىلتىماسلىرىنى تەكشۈرۈش ئۆلچەم-بەلگىلىمىلىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىر مەزگىللەردە تەستىقلىنىۋاتقان ماركا كىيىنچە تەستىقلانمايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. دىمەك، ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ %100 تەستىقلىنىشىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، بەزى ماركا رويخەت ئىلتىماسلىرىنىڭ %100 تەستىقلانماسلىقىغا توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ، يەنى ماركا قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن ماركا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان سۆز ۋە بەلگىلەر بار بولغان ماركا ئىلتىماسلىرى قانۇن بويىچە تەستىقلانمايدۇ.
  شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا ئىلتىماسىڭىزنىڭ تەستىقلىنىشىغا چوقۇم %100 كاپالەتلىك قىلىمىز دىگەندەك قولاققا خوش ياقىدىغان ساختا ۋەدىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ. شۇنداقلا ماركا ئۈستىدىكى ئازسانلىق مىللەت يېزىقىنى چۈشەنمەيدىغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى ھاۋالە قىلىپ بىھۇدە زىيان تارتىشتىن ساقلىنىڭ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش