بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى -(10)

  بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرى
  10- ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىختىيارى بولىدۇ . رويخەتكە ئالدۇرسىڭىز قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ، باشقىلارنىڭ ئوخشاش تۈردە ئىشلىتىشىنى چەكلەشكە بولىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرمىسىڭىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ، كىم ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ يەردىكى ئىختىيارى بولىدۇ دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟
  دۆلىتىمىزدە ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش ئىختىيارى بولۇپ، مەجبۇرلاش يوق.  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 4- ماددىسىدا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدىغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشنى زۆرۈر تاپسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ دىگەنلىك ، ئەگەر شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىلگەن ماركىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ماركا قانۇنى بويىچە قوغداپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىنى چەكلىمەكچى بولسىڭىز دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا رويخەتكە ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك. پەقەت دۆلەت ماركا ئىدارىسى رويخەت ئىلتىماسىڭىزنى تەستىقلاپ ماركا كىنىشكىسى تارقاتسىلا شۇ ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى سىزدە بولۇپ، باشقىلار رۇخسەتسىز ئىشلىتىۋالسا ماركا قانۇنى ياكى جىنايى ئىشلار جازا قانۇنى بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىپ سىزنىڭ ماركا ھوقۇقىڭىز قوغدىلىدۇ.
  دۆلىتىمىزدە تاماكا، سىگارت قاتارلىق تاۋارلارغا چوقۇم رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش كېرەك، رويخەتكە ئېلىنمىغان ماركىلارنى ئىشلىتىپ تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى بازاردا سېتىشقا بولمايدۇ. لىكىن باشقا تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگە چوقۇم رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش زۈرۈر ئەمەس، يەنى، رويخەتكە ئالدۇرمايمۇ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، لىكىن، رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ماركىسىنى سىزدىن باشقىلارمۇ ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ، ئۇنى سىزنىڭ چەكلەش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز جاپا تارتىپ ئېلان تەشۋىقات قىلىپ تۇنۇتقان ماركىدىن باشقىلارمۇ پايدىلىنىۋىرىدۇ، باشقىلار سىزنىڭ چاپىنىڭىزدا تەرلەۋىرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەگەر سىز رويخەتكە ئېلىنمىغان ماركىنى ئىشلەتسىڭىز بەلكىم بىلمەستىنلا باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش سەۋەبىدىن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشىڭىز مۈمكىن، ياكى سىز رويخەتكە ئالدۇرمىسىڭىز باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرىۋېلىپ، سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىزنى چەكلىشى مۈمكىن. بۇ ۋاقىتتا سىز نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئېلان-تەشۋىقات قىلىپ تۇنۇتقان ماركىنى ئالماشتۇرۇپ قايتىدىن تەشۋىقاتنى باشلاشقا مەجبۇر بولىسىز.
  بىر تىجارەتكە مەبلەخ سېلىپ باشلىغاندا، كۆپىنچە كارخانىچى، تىجارەتچىلەر ئېلان-تەشۋىقات چىقىمىغا ئادەتتە %30 ئەتراپىدا مەبلەخنى ئايرىپ قويىدۇ، لىكىن، بۇ يەردىكى ئاشۇ ئېلان-تەشۋىقاتنىڭ ئاچقۇچى بولغان ماركا ياكى مەھسۇلات ئورالما لايىھەسى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش چىقىملىرىنى بەك ئويلىشىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىي تىجارەت جەريانىدا بولسا دەل مۇشۇنداق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجرالىرى تۈپەيلىدىن توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغان، تىجارەتتە مەغلۇپ بولىدىغان ياكى داۋالىشىپ سوتقا چىقىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا، پاتېنت، ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغىمۇ مەبلەخ ئاجرىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش