ئەسەرنى ئىختىيارىي تىزىملاشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش چارىسى

( دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى 1994-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان )
1-ماددا بۇ چارە ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى ۋە ئەسەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەسەر ھوقۇقى ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشنى دەسلەپكى ئىسپات بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا ئەسەرنى ئىختىيارىي تىزىملاش يولغا قويۇلىدۇ. ئەسەر مەيلى تىزىمغا ئالدۇرۇلسۇن ياكى تىزىملانمىسۇن، ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئەسەر ھوقۇقى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
3 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك نەشر ھوقۇقى ئىدارىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى چەت ئەل ۋە تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدىكى ئاپتورلار ۋە باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
4 - ماددا ئەسەرنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئاپتور، ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە ئەمەس ئورۇن ۋە مەخسۇس ھوقۇقى بار كىشى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇشى كېرەك.
 5 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان ئەسەرنى تىزىملىغۇچى ئورگان تىزىملىمايدۇ:
( 1 ) ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدالمايدىغان ئەسەرلەر؛
( 2 ) ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەسەر؛
( 3 ) نەشر قىلىش، تارقىتىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان ئەسەرلەر.
6 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئەسەرنى تىزىملىغۇچى ئورگان تىزىمىنى بىكار قىلىشى كېرەك:
( 1 ) تىزىملىغاندىن كېيىن بۇ چارىنىڭ 5 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بايقالسا؛
( 2 ) تىزىملىغاندىن كېيىن پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بايقالسا؛
( 3 ) ئىلتىماس قىلغۇچى ئەسلىي ئەسەرنى تىزىملاشنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا؛
( 4 ) تىزىملاتقاندىن كېيىن تەكرار تىزىملانغانلىقى بايقالسا؛
7 - ماددا ئاپتور ياكى ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرالارنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايون پرىنسىپ جەھەتتە ئۇلارنىڭ كىملىكىدىكى ئادرېسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قاراشلىق رايون ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ھەمكارلاشقان ئاپتور ۋە بىر قانچە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئەھۋالى بولسا، ھاۋالە بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغۇچى قاراشلىق رايون ئۆلچەم قىلىنىدۇ. قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان ئورۇن قاراشلىق رايوندا تىجارەت سورۇنى تۇرۇشلۇق جايدىكى قاراشلىق رايون ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
8 - ماددا ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى ياكى ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ( مەسىلەن:مۇقاۋا ۋە نەشر ھوقۇقى بېتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،بىر قىسىم قوليازمىلارنىڭ كۆپەيتىلمىسى ۋە سۈرىتى، ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلار )، ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋىلى تولدۇرۇلىدۇ ھەمدە تىزىملاش ھەققى تاپشۇرۇلىدۇ. باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، يەنە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتنى كۆرسىتىشى كېرەك ( مەسىلەن، ۋارىس ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ ھاۋالە قىلىنغان ئەسەرنى ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە توختامىنى كۆرسىتىشى كېرەك ). مەخسۇس ھوقۇققا ئىگە كىشى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان توختامنى كۆرسىتىشى كېرەك.
9 - ماددا تىزىملىتىلغان ئەسەرنى تىزىملىغۇچى ئورگان تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەسەرنى تىزىملىغۇچى ئورگان ئەسەرنى تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىدۇ. ئەسەرنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى مۇشۇ چارىدىكى قوشۇمچە نۇسخا بويىچە تىزىملاش ئورگىنى تەييارلايدۇ. تىزىملاش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش مۇددىتى بىر ئاي بولىدۇ، بۇ مۇددەت تىزىملاش ئورگىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغان بارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
10 - ماددا ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋىلى ۋە ئەسەرنى تىزىملاش كىنىشكىسىگە ئەسەرنى تىزىملاش نومۇرى يېزىلىشى كېرەك. ئەسەر تىزىملاش نومۇرىنىڭ شەكلى:( رايون نومۇرى ) ـ ( يىل ) ـ ( ئەسەرنى تۈرگە ئايرىش نومۇرى ) ـ ( تەرتىپ نومۇرى ). دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى تىزىملاشقا مەسئۇل بولغان ئەسەرنىڭ تىزىملاش نومۇرى رايون نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
11-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك نەشر ھوقۇقى ئىدارىلىرى ئۆز رايونىدىكى ئەسەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىنى ھەر ئايدا دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.
12 - ماددا ئەسەرنى تىزىملاشتا كومپيۇتېر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە جامائەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ. ئەسەرنى كۆرگەندە تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش، كۆرۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.
13 - ماددا ئەسەرنى تىزىملاش ۋە كۆرۈشكە ئالاقىدار خىراجەت ئۆلچىمى ئايرىم بېكىتىلىدۇ.
14 - ماددا ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى تىزىملاشتا مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىلىدۇ.
15 - ماددا كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى تىزىملاش «كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش چارىسى» بويىچە بولىدۇ.
16 - ماددا بۇ چارىنى چۈشەندۈرۈشكە دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.
17 - ماددا بۇ چارە 1995 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش