ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىختىيارى تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر يەنىلا ماركا رويخەتكە ئالدۇرىدۇ؟

ئالدىنقى قېتىمقى بىلىشكە تىگىشلىك 10 تۈرلۈك ماركا ساۋاتلىرىنىڭ10-سىنى سۆزلىگەندە، ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىختىيارى بولىدۇ، دىگەن ئىدىم، بۇ فىلىمنى تارقاتقاندىن كىيىن بىر قىسىم دوستلىرىمىز مەندىن ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىختىيارى بولسا ئۇنداقتا ماركا رويخەتكە ئالدۇرماي ئىشلىتىۋەرسەك بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. ئەگەر سىزنىڭ ئىشلەتمەكچى بولغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ماركىڭىزنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش مەقسىتىڭىز بولمىسا رويخەتكە ئالدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بەلكىم بىلمەيلا باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىپ قېلىپ قانۇنى جازاغا ئۇچرىشىڭىز ياكى باشقىلار بۇ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرىۋېلىپ سىزنى ئىشلىتىشتىن چەكلىشى مۈمكىن.
ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىختىيارى تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر يەنىلا ماركا رويخەتكە ئالدۇرىدۇ؟
 چۈنكى، كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئېشىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئەمەلىي سودا-تىجارەت جەريانىدا كۆرۈلگەن ماركا تالاش – تارتىشلىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇھملىقىنى تۇنۇپ يەتتى.
كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدۇ، تاماكىنىڭ قېپىدا « تاماكا چىكش سالامەتلىككە زىيانلىق» دەپ ئەسكەرتىش يېزىلغان، شۇنداقتىمۇ تاماكىنىڭ سېتىلىشىغا قىلچە تەسىر قىلماستىن، ئەكسىچە بەزى جايلاردا تالىشىپ سېتىۋالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. گەرچە ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىشمۇ ئىختىيارى بولىدۇ  دىيىلسىمۇ، لىكىن كىشىلەر ماركىنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلغاچقا ئۇمۇ تالىشىپ تۇرۇپ ئىلتىماس قىلىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئايلانغان.
ماركىنىڭ نىمىلىكىنى كۆپىنچە كىشىلەر تولۇق چۈشىنىشى مۈمكىن، ماركا ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان ياكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلايدىغان بەلگە. ئۇ ئادەتتە يېزىق، سان، شەكىل ياكى ئۇلارنىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا كىشىلەر ماركا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆزلىرى بازاردا سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى پەرقلەندۈرۈپ سېتىۋېلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆز تاۋارلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىسمى ياكى ئۆزىگە خاس بەلگە سېلىپ قويغان. بۇ بەلگىلەر ئوخاش تاۋارلارنى پەرقلەندۈرۈشتىن باشقا، سۈپىتى ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالغان. كىيىنچە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ماركا ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەندىن كىيىن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس ماركا كەسپلىرىنى بىجىرىدىغان يەنى ماركا تىزىملايدىغان ئورگانلارنى تەسىس قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ماركا قانۇنلىرىنى تۈزۈپ چىققان. فىرانسىيەدە 1857-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى ماركا قانۇنى تۈزۈپ چىقىلىپ، ماركا ھوقۇقىنى قوغداشقا باشلىغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەردە ھەقىقى ماركا ئۇقۇمى شەكىللەنگەن.
سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە رويخەتكە ئېلىنغان ئىناۋەتلىك ماركا سانى 44 مىلىيۇن 235مىڭ دانە بولۇپ، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان ماركا سانى 2 مىلىيۇن 18 مىڭ دانىگە يەتكەن. كۈنىگە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 10 مىڭ دانىدىن ئارتۇق ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان ( بۇ سانلىق مەلۇمات دۆلەت ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىدىن ئېلىندى). دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا رويخەت ئىلتىماسلىرىنى يوللايدىغان ماركا مۇلازىمەت سېستىمىسىمۇ ھەركۈنى سائەت 8:00 دىن 20:00 غىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا تاقىلىدۇ، يەنە دۆلەت بايرىمى، چاغان قاتارلىق ئۇزۇن بايراملاردىمۇ بۇ سېستىما تاقىلىپ ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرىشكە بولمايدۇ، بۇمۇ بەلكىم ماركا رويخەت ئىلتىماسلىرىنىڭ كۆپلەپ يىغىلىپ قېلىپ، ماركا ئىدارىسى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇشى مۈمكىن.
قىسقىسى، ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش ئىختىيارى بولسىمۇ، لىكىن ماركا ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش ئاكتىپچانلىقى كۈنسىرى يوقۇرىلىماقتا. ئۆز ماركا ھوقۇقىڭىزنى قانۇن بويىچە قوغداپ، خاتىرجەم سودا-تىجارەت قىلماقچى بولسىڭىز ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىڭ. ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھازىر ھىس قىلالمىسىڭىز بەلكىم ئەمەلىي مەسىلىگە يولۇققاندا چوقۇم ھىس قىلىسىز ۋە ۋاقتىدا قوغدىمىغانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش