دۇنيابويىچە تۇنجى بارللىققا كەلگەن ماركا بەلگىسىنى بىلەمسىز؟

بۈگۈنكى كۈندە، بىز تاۋار ماركىسى زىچ توپلاشقان دەۋردە ياشاۋاتىمىز، چەت ئەلدىكى ئالما، گۇگېل، Levi's، LV، ماكدونالد، مېرسىدىستىن تارتىپ دۆلەت ئىچىدىكى خەيئېر، خۇئاۋېي، ئەلى باباغىچە، ئۇلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا كاللىمىزدا ئۇلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ سۈرىتى ئايان بولىدۇ، مانا بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ قىممىتى، ماركىنىڭ سېھرىي كۈچى.

 فىرانسىيە 1857 يىلى تۈزگەن تاۋار ماركىسى قانۇنى دۇنيادىكى تۇنجى زامانىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تاۋار ماركىسى قانۇنى بولۇپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى قوغداشقا باشلىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بىزدە تاۋار ماركىسى ئۇقۇمى پەيدا بولدى. لېكىن تاۋار ماركىسى مۇشۇنداق كېچىكىپ ھەقىقىي پەيدا بولغانمۇ؟
 ئەمەلىيەتتە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا شەندۇڭ جىنەندە تاۋار ماركىسى ئارقىلىق ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش ئېڭى بار ئىدى.بۇ دەۋردىكى تۇنجى ماركا « ئىشىك ئالدىدىكى  توشقاندىن تۇنىۋېلىڭ » ناملىق قاپقارا مىس تاختا بولۇپ، ئۇ ھازىر جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيىدا ساقلانماقتا.ئۇ سىمۇۋۇ داڭقىنى، چوكانتال بايرىمىدىكى دەريا سەيلىسى قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار ئىچىدە ئازراقمۇ كۆزگە چېلىقمايدۇ، لېكىن ئۇ ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئېتىراپ قىلغان، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ بۇرۇنقى تاۋار ماركىسى ئېلان بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.


 دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، «ئىشىك ئالدىدىكى توشقاندىن تۇنىۋېلىڭ» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىنەن مەھكىمىسىدىكى ليۇ ئائىلىسىنىڭ گۇمپا يىڭنە دۇكىنىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بۇ مىس تاختا ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنگەن. ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە «جىنەندىكى ليۇجيا گۇمپا يىڭنە دۇكىنى» دېگەن سەككىز چوڭ خەت بار، بۇ دۇكان نامى، ھازىرقى تاۋار ماركىسى تۈزۈمىدىن قارىغاندا، بۇمۇ تاۋار ماركىسى نامى؛ ئوتتۇرا قەۋىتى سول، ئوتتۇرا، ئوڭ دەپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئوڭ، سول تەرىپىدە تۆت چوڭ خەت بار، بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇساق بايا دېگەن « ئىشىك ئالدىدىكى  توشقاندىن تۇنىۋېلىڭ »، ئوتتۇرىدا ناھايىتى ئوبرازلىق بىر توشقاننىڭ دورا ئىزىۋاتقان رەسىمى بار، يەنى ھازىرقى تاۋار ماركىسىنىڭ ئاساسىي شەكىل قىسمى. ئەڭ ئاستىدا 28 كىچىك خەت بار،ئۇنىڭ مەزمۇنى بولسا  «ئالىي دەرىجىلىك پولات چىۋىقنى سېتىۋېلىپ، ئىنچىكە يىڭنە ياسايمىز، قەسىرنىڭ ئىشلىتىشىگە دەخلى قىلمايمىز. ئېلىپ - سېتىشنى گۈللەندۈرۈپ، باشقىچە يول تۇتىمىز،ئاق توشقاننى ئەستە تۇتۇڭ» دىگەندىن ئىبارەت.  ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئېنىقلا كۆپچىلىككە دۇكىنىمىزدىكى ئىنچىكە يىڭنە ياخشى ماتېرىيالدىن ياسالغان، چىداملىق، ھەقىقىي، يەنە توپ تارقىتىمىز، يەنە باشقىلارنىڭ كېلىپ ۋاكالەتچى بولۇشىنى قارشى ئالىمىز، دەپ ئېلان بېرىشتىن ئىبارەت. بولۇپمۇ ھېلىقى ئاق توشقان، گەرچە بىز توشقاننىڭ دورا ئىزىشى بىلەن يىڭنە ياساشنىڭ قانداق ئىچكى باغلىنىشى بارلىقىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن پۈتۈن يارماقتىن ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، توشقاننىڭ دورا يانجىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ، ليۇ ئائىلىسىنىڭ يىڭنە دۇكىنىنى ئەسكە ئالىمىز، دىمەك بۇنىڭدا تاۋار ماركىسىنىڭ رولى تولۇق نامايەن بولدى.

بۇ توشقان يارمىقى ھازىرقى زامان تاۋار ماركىسىنىڭ كۆپ قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىغان بولۇپ، دۇنيا تاۋار ماركىسى تارىخىدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ يارماققا ئاساسەن ئۇنىڭ قۇيۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 1127 - يىلىدىن ئىلگىرى، يەنى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى ھالاك بولغان دەرلەر ئىكەنلىكىنى ھىساپلاپ چىققان. بۇ تاۋار ماركىسى ئېلان تاختىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى شۇ چاغدا تاۋار سودىسى قىلىشتا ساختىلىقتىن ساقلىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بازار رىقابىتى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئۇششاق سودا - سانائىتىنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەرەققىي قىلىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش