تاۋار ماركىسى بىلەن كارخانا نامىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

تاۋار ماركىسى بىلەن كارخانا نامى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك پەرقلەر مەۋجۇت:
1. تەشكىل قىلغۇچى ئامىل ئوخشىمايدۇ. تاۋار ماركىسى يېزىق، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە ۋە رەڭ قاتارلىق بىرىكمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ، كارخانا نامى ئادەتتە دۆلەت يېزىقىدىن تەركىب تاپىدۇ.
2. رولى ۋە مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، كارخانا نامى بولسا كارخانىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە.
 3. تەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە قوغدىلىش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. تاۋار ماركىسىنى دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلايدۇ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر بولىدۇ. كارخانا نومۇرىنى ھەر دەرىجىلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلايدۇ، قانۇننىڭ قوغداش دائىرىسى رويخەتكە ئېلىنغان جاي بىلەن چەكلىنىدۇ.
 4. قوغداش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ.  تاۋار ماركىسى تاۋار بىلەن مۇلازىمەتنىڭ پەرقلىق بەلگىسى بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تۈرلەردە يەكلىمىلىككە ئىگە، كەسىپ ھالقىغان تەقدىردىمۇ ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. كارخانا نومۇرى كارخانا نامىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شۇ رايوننى قوغداش دائىرىسى قىلىدۇ، ئوخشاش بىر تىزىملاش رايونىدا يەكلىمىلىككە ئىگە.
 5. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. تاۋار ماركىسى دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، كارخانا ماركىسىنىڭ يادرولۇق قىممىتىنىڭ نامايەندىسى. كارخانا نومۇرىنى ھەر دەرىجىلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلايدۇ.
 6. مەۋجۇت بولۇش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ. تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قەرەلىنى ئۇزارتىپ داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كارخانا نومۇرى بولسا كارخانا بىلەن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
 يىغىپ ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسى ۋە كارخانا نومۇرى گەرچە كارخانىنىڭ سالاھىيىتى ۋە تاۋار ياكى مۇلازىمەت مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولسىمۇ، لېكىن تەشكىل قىلغۇچى ئامىل، رولى ۋە مەقسىتى، تەستىقلىغۇچى ئورگان ۋە قوغدىلىش دائىرىسى، ئالاھىدە دائىرىسى، تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتى جەھەتتە روشەن پەرق مەۋجۇت.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش